ب ب س خەلقئارا قانىلى: ئىتالىيە شوخلا قىيامىنىڭ ئارقىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بار

0:00 / 0:00

2-نويابىر كۈنى ب ب س تاراتقۇسى خەلقئارا قانىلى «شوخلا قىيامى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلىنەمدۇ؟ تاللا بازارلارغا تىزىلغان شىنجاڭ شوخلا قىيامىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلان قىلىپ، غۇلغۇلا قوزغىدى.

بۇ فىلىمدا، ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ تۈرمىسىدە ياتقان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان 14 نەپەر شاھىت ۋە سىياسىي ئانالىزچىلار، سودا مۇتەخەسسىسلىرى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، فىلىمدا خىتاينىڭ خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىۋاتقان شوخلا قىيامىنىڭ ئارقىسىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە بىڭتۈەننىڭ قارا قولى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر فىلىمنىڭ رېژىسسورى، ژۇرنالىست مايىك رۈدىن ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ب ب س قانىلى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلانىڭ ياۋروپادىكى تاللا بازارلىرىغا قانداق كىرىدىغانلىقىنى تەكشۈردى. شىنجاڭ ھەققىدە ئۇچۇرغا ئېرىشىش ناھايىتى تەس. ئەمما سەۋرچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ھەممىنى تېپىپ چىقتۇق. بىز شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق بىر شىركەتنىڭ شوخلانى ئىتالىيەگە ئېكسپورت قىلىدىغانلىقىنى، ئىتالىيەدىكى شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيە تاللا بازارلىرى ئۈچۈن داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدۇق».

تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە تۈرمىدە ياتقان ئوقۇتقۇچى مامۇتجان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتۇپ نامايىش قىلماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
تۈركىيە قارابۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە تۈرمىدە ياتقان ئوقۇتقۇچى مامۇتجان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تۇتۇپ نامايىش قىلماقتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) (RFA/Hebibulla Izchi)

بۇ فىلىمنى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا، فىلىمنىڭ سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ياۋروپادىكى ئىتالىيە، شىۋېيتسارىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە نەچچە قېتىم بارغان ۋە 50 دىن كۆپ گۇۋاھچى ئىچىدىن 14 نەپەر گۇۋاھچىنى تاللاپ چىققان. گۇۋاھچىلار ئىچىدە تۈركىيە قارا بۈك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە تۈرمىدە ياتقان ئوقۇتقۇچى مامۇتجاننىڭ ئەسلىمىسى پەۋقۇلئاددە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ فىلىمدىكى ھېكايىسى - تۈرمىدە كۆرگەن قىيىن-قىستاقلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مامۇتجاننى زىيارەت قىلدۇق، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىش جەريانى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

بۇ فىلىمغا كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئادرىيان زېنز، ئامېرىكادىكى ئادۋوكات رەيھان ئەسەت ۋە نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى ئايۇپمۇ قاتناشقان. ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ شوخلا قىيامىنىڭ بىڭتۈەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلار، بىر قىسىم گۇۋاھچىلارنىڭ يېنىۋېلىشى، شۇنداقلا بىڭتۈەننىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ پەقەت شوخلا قىيامى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى بىلدۈردى.

نۆۋەتتە دۇنيادا سېتىلىۋاتقان شوخلا قىيامىنىڭ 35 پىرسەنتى خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ 75 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى ھەمدە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكى مەلۇم. رېژىسسور مايىك رۈدىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بۇ فىلىمنى ئىشلەش جەريانىدا ماڭا ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئارقىسىدىكى ئىنسانىي پاجىئە. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانىدا نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى ئەسلىگەندە ئۆزىنى تۇتالمىدى» دەپ كېلىپ، «بۇنىڭ يېرىدە بەلكى مەن بولساممۇ شۇنداق بولاتتىم» دەيدۇ.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە بۇ مەسىلە دۈشەنبە كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، پارلامېنتنىڭ مۇھىت، يېمەكلىك ۋە يېزا ئىشلىرى مۇئاۋىن كاتىپى (دېفرا) بۇ مەسىلىنىڭ «ئىنتايىن ئەندىشىلىك مەسىلە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.