ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ 8-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ، مۇتلەق يوقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى، شۇنداقلا تۈركلەرنى سۆيۈندۈردى.
ئۇنداقتا، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ تۈركىيەگە قانداق تەسىرى بولىدۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، ئىستىراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «بۇ قارارنىڭ تۈركىيەگە مەنپىي تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن، چۈنكى تۈركىيەمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. بەزى تۈركلەر خىتايدىن ئەرزان مال ئېلىپ كېلىپ، تۈركىيەدە ساتقان بىلەن ئەسلىدە تۈركىيەنىڭ خىتايدىن كۈتىۋاتقىنى مەبلەغدۇر. يەنى خىتاي تۈركىيەگە مەبلەغ سالسۇن، بەزى تېخنىكىلارنى بەرسۇن دەۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا خىتاي ماللىرىغا چەكلىمە قويسا، تۈركىيەگە پايدىلىق دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئالمىسا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىمۇ پاختا ئىشلەپچىقىرىدۇ، تۈركىيەنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ يېقىن، ئۇ يەرلەردە ئىشلەپچىقارغان پاختا مەھسۇلاتلىرىنى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ساتسا بولىدۇ. ھەر كىرىزىسنى پۈرسەت دەپ بىلىپ، پايدا ئالغىلى بولىدۇ، شۇڭا تۈركىيە بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانسا بولىدۇ.»
بىز دوكتور دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىدىن: «ھازىرغىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا بەزى دۆلەتلەر، شۇنداقلا ئەنگىلىيەدىكى ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان تۈركىي خەلقلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللاش ئېھتىمالى بارمۇ؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيە 2009-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىققول مۇئامىلىسىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى زۇلۇملىرىنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتاپ باقمىدى. بەزى دۆلەتلەر ئۇنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتكەن بولسىمۇ، تۈركىيەدە تېخىچە بۇنىڭ بىر بىشارىتى يوق. ئەنگىلىيەدىكى‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› مۇ ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتتى، لېكىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ھازىرغىچە بىر سادا چىقمىدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى چەت ئەلدىكى ئەرمەنلەر ‹ئوسمانلى ئېمپىرىيەسى ئەرمەنلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان› دەپ بەزى دۆلەتلەرگە بۇ ھەقتە قارار ماقۇللاتماقتا. ئىككىنچىدىن، تۈركىيەدە غەربلىكلەرگە بولغان نەپرەت كۈچىيىۋتىدۇ. ئۈچىنچىدىن، تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىچە يىرىكلەشمىدى. مۇشۇ سەۋەبلەردىن تۈركىيەنىڭ پات يېقىندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇنداق بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى قېيىندەك تۇرىدۇ.»
تۈركىيە «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەلچۇق ئۆزداغ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ بۇ ھەقتە بىر قارارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ بۇنداق بىز قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى ناھايىتى توغرا. ئەنگىلىيەدىكى سوتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنىي جەھەتتىن بېكىتكەنلىكىمۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئۈستىگە زور ۋەزىپە چۈشىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا ئوخشاش تۈركىيە پارلامېنتىمۇ بۇنداق قانۇنلارنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. تۈركىيە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە تىجارىي جەھەتتىن ئويلىماسلىقى كېرەك. چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن قان قېرىنداش، بىزنىڭ چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋىتىمىز مەۋجۇت.»
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى بۇ ھەقتىكى سوئالىمىزغا تېلېفون ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇنداق جاۋاب يازغان: «ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە تارىخىي ئىش بولۇپتۇ. بۇنداق بىر قانۇننى تۈركىيە پارلامېنتىمۇ ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە پارلامېنتىدا تىرىشىمىز.»