ئىگىلىشىمىزچە، 16-دېكابىر كۈنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى چەكلەيدىغان مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاخىرىقى نۇسخاسى 14-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى كەچتە تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى. نۆۋەتتىكى قەدەمدە كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن بىردەك ماقۇللانغان بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئاقسارايغا يوللىنىلىدىكەن.
ئاقساراي باياناتچىسى جىن ساكى بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: ئەگەر «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانسا، پرېزىدېنت بايدىننىڭ بۇ قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇسخاسى بۇ يىل 7-ئايدا كېڭەش پالاتاسىدىن تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۆتكەن ئىدى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان ئاۋام پالاتا نۇسخاسى ئالدىنقى ھەپتە ئاۋام پالاتادا 1 گە قارشى 428 ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان ئىدى. 14-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماركو رۇبىيو ۋە جىم ماكگوۋېرن مۇرەسسەلىشىپ بىرلىككە كەلگەن ئورتاق نۇسخاسىمۇ تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن ئىدى.
مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى دەسلەپتە كېڭەش پالاتاسىغا سۇنغان كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو رۇبىيو ئەپەندى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر سۇپىسىدا بۇ خوشخەۋەرنى قىسقا بىر سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلىغان. ئۇ سىن كۆرۈنۈشىدە مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن مەن ناھايىتى مۇھىم بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزدۈم. ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ئىش. خىتاي قۇللۇق ئەمگىكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى زاۋاتلاردا مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكادىكى بەزى چوڭ شىركەتلەر بۇنىڭدىن مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ. بىز ئىستېمالچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سېتىۋالغان نەرسىلىرىمىزنىڭ خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيمىز. خىتاينىڭ ھەقسىز ئەمگەكنى ئىشلىتىپ، سودا رىقابىتىگە كېرىشى ئادالەتسىزلىك. ئۇلار بۇ سودىدىن ناھايىتى كۆپ پايدىغا ئېرىشىۋاتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىم بولغىنى، خىتاي ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. گەپنىڭ قىسقىسى، بىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى› نى ئۆتكۈزدۇق. بۇ بىزنىڭ نۇرغۇن مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىزنىڭ بىرسى، لېكىن بۇ ناھايىتى شەرەپلىك، مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك بىر غەلبە بولدى. بۇ خىتايغا ئەجەللىك زەربە بولىدۇ، شۇنداقلا ئەخلاقىي جەھەتتىن توغرا بىر قەدەم.»
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈپ، ئىجرا قىلىنىش ئۈچۈن ئاخىرىقى باسقۇچقا قەدەم قەدەم قويغانلىقى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا چۆمدۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىش يولىدىكى ئاخىرىقى باسقۇچقا كىرگەنىكىنى تەبرىكلەشكەن. ئۇلار يەنە بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو بىلەن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم ماكگوۋېرن ۋە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشغا كۈچ چىقارغان باشقا مەجلىس ئەزالىرىغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە تىزراق قول قويۇپ قانۇنغا ئايلاندۇرۇشىنى ۋە بۇ قانۇنننىڭ ئەڭ قىسقا مۇددەتتە رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بۇ قانۇن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكى ‹سودا دېگەن سودا› دەيدىغان قائىدەنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.»
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە بېسىلغان يوللارنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پرېزىدېنت جوۋ بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن ئاقسارايغا يوللىنىلىدىغان ئاخىرىقى باسقۇچىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. ئۇ يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىنكى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشى، ئامېرىكانىڭ ئىچكىي ھەم تاشقىي سىياسىتىدىكى مۇھىم ئىستىراتىگىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى پرېزىدېنت بايدېننىڭ ئىمزا قويۇشى ئۈچۈن دەرھال ئاقسارايغا يوللىنىدكەن. قانۇن بويىچە، پرېزىدېنت ئۇنىڭغا 10 كۈن ئىچىدە ئىمزا قويۇشى كېرەك ئىكەن. قائىدە بويىچە ھەرقانداق بىر قانۇن لايىھەسى ئەگەر كېڭەش پالاتاسىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان تەقدىردە، پرېزىدېنت ئۇنىڭغا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغان ئەھۋالدىمۇ 10 كۈن ئىچىدە ئاپتوماتىك ھالدا قانۇنغا ئايلىنىدىكەن. نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشىدا پرېزىدېنت ئىمزا قويۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاخىرىقى سىمۋوللۇق باسقۇچى قالغان ئىكەن.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ دۆلەت مەجلىسى مىلاد بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا چىقىشتىن بۇرۇن رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشىنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.