12-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن. ئاندىن ياۋروپا پارلامېنتىدا بۇ ھەقتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادىكى كۆپلىگەن گېزىتلەر يالقۇن ئۇلۇغيولنىڭ ئائىلەكەچمىشى توغرىلىق مەلۇمات بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەرب بازارلىرىدا سېتىلىۋاتقان داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرى ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر ئېلان قىلغان.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدا بەرگەن دوكلاتى توغرىلىق مەلۇمات بەردى.
فىرانسىيەدە چىقىدىغان «لې موندې» گېزىتىدە «ياۋروپا يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلماقتا» ماۋزۇلۇق مەخسۇس خەۋەر ئېلان قىلغان. خەۋەردە شېففېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلىنىپ، غەرب بازارلىرىدىكى 40 مەشھۇر كىيىم-كېچەك ماركىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
يالقۇن ئولۇيول ئەپەندى زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدە تەييارلانغان مەخسۇس دوكلات ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.
ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە، شىۋىتسارىيەدە چىقىدىغان «لاندبوتە» گېزىتىدە «خىتايدىكى مەجبۇرى ئەمگەكتىن ياسالغان كىيىملەر» سەرلەۋھەلىك مەخسۇس ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى يالقۇن ئۇلۇيولنىڭ ئائىلە پاجىئەلىرى، يەنى دادىسىنىڭ 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، پۈتكۈل ئائىلە-جەمەتىدىن 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ماقالىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بالايى-ئاپەتلەر مىساللار ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن. ماقالىدە يەنە زارا، H&M قاتارلىق كىيىم-كېچەك ماركىلارنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىمالىنىڭ ھازىرمۇ يۇقىرىلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان جازا لاگېرلىرى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ 70 يىلدىن بۇيان سىستېمىلىق باستۇرۇشقا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ ئەسلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىدە ئاساسلىق جىنايەتچى ئورگان ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلىپ ئۆتۈلگەن.
يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى سۆزىدە يەنە ھازىرغا قەدەر ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئامېرىكاغا ئوخشاش ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەيدىغان مەخسۇس قانۇن چىقىرىلمىغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ خەلقئارانىڭ ھەل قىلىشى كېرەك بولغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
«جەنۇبىي گېرمانىيە» گېزىتىدە «غەرب شىركەتلىرى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە ھەسسە قوشۇۋاتامدۇ؟» ناملىق ئوبزور ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدىمۇ يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرگە بىر ئۆرنەك ئىكەنلىكى، ھازىرمۇ زارا، H&M قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىدە كەسكىن سىياسەت قوللانمىدى، دەپ تەنقىد قىلغان.

يالقۇن ئۇلۇيول ئەپەندى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزىنىڭ بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا بەرگەن دوكلاتىنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە-جەمەتى دۇچ كەلگەن پاجىئەلەر بىلەن ئاڭلىتىلغان بۇ دوكلاتىنىڭ ئاڭلىغۇچىلاردا كۈچلۈك تەسىرات پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
بىريۇسسېلدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى دوكلات پائالىيىتىدىن كېيىن، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەر ياۋروپادىكى چوڭ تاراتقۇلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇلاپ بېسىلغان. بۇ خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىر قىسىم غەرب شىركەتلىرى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە شېرىك بولماقتا» دېگەندەك جىددىي تەنقىدلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.