ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا گۇۋاھلىق يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنىڭ ئەمدىلىكتە يېڭىدىن بىلىنىشكە باشلىغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكى يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان تۈرلۈك ئۇچۇر يوللىرىدىن كۆپلەپ مەلۇم بولۇشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئەركىنلىك دۇنياسى ئاللىقاچان «يىرگىنىچلىك ۋە قەبىھ قىلمىش» دەپ ئەيىبلەۋاتقان قۇللار ئەمگىكىنىڭ 21-ئەسىردە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىل ئەمگەك ئارقىلىق يارىتىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىنسانىي ھۆرلۈك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىۋاتقانلىقى ھەر ساھەنى جىددىي ئويلىنىشقا ئۈندەشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئەنگلىيە بازىرىغا قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئەنگلىيە پارلامېنتى 5-نويابىر كۈنى مەخسۇس گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى.

يىغىندىكى گۇۋاھچىلاردىن سوئال سوراش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە كۆپ قېتىم ئەنگلىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلغان نۇسرەت غېنى خانىم گەپ باشلىدى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پاجىئەلەر ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولغان H&M شىركىتى تەمىنات بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى خېندىرك ئالپېن ئەپەندىگە سوئال قويدى. ئۇ دەسلەپ بولۇپ ئۇلارنىڭ تەمىنات زەنجىرىگە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ چېتىلىپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مەلۇماتلارنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە بۇندىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى سورىدى.

ئالپېن ئەپەندى ئۆز شىركىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش ھالقىلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاشكارىلىق پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، H&M شىركىتىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان توقۇلما ۋە تالا ماتېرىياللىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئېتىزلىقتىن ئۈزۈش ۋە ئۇرۇقلارنى ئايرىپ ئەڭ دەسلەپكى خام ماتېرىيالنى تەييارلاش باسقۇچىدا ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ بۇنىڭ قانداق تەييارلىنىدىغانلىقىنى نازارەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەس ئىكەن. ئەمما كىيىم تىكىشكە لازىملىق رەختلەر تەييار بولغاندىن كېيىنكى باسقۇچنى بولسا ئۇلار ئاساسەن كۆرۈپ تۇرالايدىكەن.

ئارقىدىن ئەنگلىيەدە كۆپچىلىككە تونۇلغان پائالىيەتچى، «كۇللىيام ئاقىللار مەركىزى» نىڭ رەئىسى مەجىد ناۋاز ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تېمىسىدا ئەنگلىيە پارلامېنتىغا تاپشۇرغان دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان مەسىلىلەر ھەققىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئەنگلىيەدە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلمىشىنىڭ ئاللىقاچان مەخسۇس قانۇنلار ئارقىلىق مەنئىي قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ بۇ قىلمىشنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىغا يول ئېچىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. مەجىد ناۋازنىڭ پىكرىچە، بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ئەڭ نازۇك شەكىل ئالغان قىرغىنچىلىق بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى جىددىي ئويلىشىدىغان مەسىلە ئىكەن. چۈنكى ئەنگلىيە بازىرىدىكى كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاختا بازىسى ھېسابلىنىدىكەن. دەل مۇشۇ بازىدا ھازىر قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە جىددىي تەدبىرلەرنى ئىشقا سالغان. شۇڭا ئەمدىلىكتە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىمۇ بۇ خىل مەجبۇرىي ئەمگەك ھالقىسىدىن نومۇس ھېس قىلىشى ھەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتايدىن كېلىدىغان پاختا مەھسۇلاتلىرىغا چەك قويۇشى، شۇ ئارقىلىق قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى زۆرۈر بولماقتا ئىكەن. چۈنكى ئەنگليە ھۆكۈمىتى قۇللار ئەمگىكىنى چەكلەش ھەققىدىكى قانۇنلارنى ماقۇللىغان تۇرۇقلۇق ئەمدىلىكتە بىر قىسىم شىركەتلەرنىڭ زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىدىن نەپ ئېلىش قىلمىشىغا سۈكۈت قىلماقتا ئىكەن.

يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يەنە بىر مەسىلە نېمە ئۈچۈن H&M شىركىتىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ھىندىستان ياكى ئامېرىكادىن پاختا ئىمپورت قىلماستىن داۋاملىق ھالدا خىتايدىن پاختا ئىمپورت قىلىشى، خىتايدىكى بۇ پاختىلارنىڭ بولسا قىرغىنچىلىق ۋە قۇللار ئەمگىكى ئومۇملىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىۋاتقانلىقى بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇجمەل شەكىلدە جاۋاب بېرىشى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ ھازىر پاختا ئىمپورتىنىڭ دائىرىسىنى قايتىدىن بېكىتمەكچى بولۇۋاتقانلىقى بۇ ساھەدىكى مەسىلىنىڭ خېلىلا ئېغىرلىقىنى يىغىن ئەھلىگە ئىشارە قىلدى.

گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا Nike شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جايسى پرىبۇلسكى خانىممۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سورالغان سوئالمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي تەۋەسىدىكى ئاياق ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى ھەققىدە بولدى. ئۇ ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقتىن قاتتىق ئەندىكىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ ئالىقاچان مەخسۇس ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ئۆزلىرىنىڭ زاۋۇتلىرىدا ھېچقانداق مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنىڭ بولماسلىقىنى ئ‍ەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى بىرنەچچە يىلدا بارلىق تەمىنات زەنجىرىنى ئۈزېل-كېسىپ تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېىمقى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىغا ئامېرىكادىكى كىيىم-كېچەك ۋە ئاياق مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغا VFشىركىتى، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىدىن بولغان Boohoo شىركىتى، «تىك-توك» شىركىتىنىڭ ئەنگليەدىكى مەسئۇلى قاتارلىق كۆپلىگەن شەخسلەر قاتناشقان بولۇپ، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن بۇ شىركەتلەرگە كەسكىن سوئاللارنى قويۇشى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئالىقاچان مۇھىم تېمىلار قاتارىغا قويۇۋاتقانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. گۇۋاھلىق يىغىنىدا ھەرقايسى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۆزلىرىگە قويۇلغان سوئاللارنىڭ سالمىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭدا مەجبۇرىيەت، قانۇن، ئەخلاق ۋە زۇلۇمغا شېرىك بولۇشتەك كۆپلىگەن ئامىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلدى.

مەزكۇر گۇۋاھلىق يىغىنىڭ خاتىرىسى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە يوللىنىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يېقىن ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشنى چەكلەيدىغان يېڭى قانۇن لايىھەسىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.