8-دېكابىر كۈنى 1155-نومۇرلۇق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا مۇتلەق يوقۇرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتتى. بۇ كۈنى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان زۇلۇمىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىبلەش ۋە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ئەيبلەش ھەققىدىكى ئىككى قارار لايىھەسىمۇ ماقۇللاندى.
بولۇپمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا بىرگە قارشى 428 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى خوش قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى «تارىخى بىر كۈن» دەپ تەبرىكلىدى، ئەمما بۇ ئەھۋال خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
خىتاي دائىرىلىرى 8-دېكابىردىن باشلاپ، بايانات ئېلان قىلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىش ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «ئۇيغۇر دىيارىدا مەجبۇرىي ئەمگەك يوق» دېگەندەك بىر قاتار تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتتى.
خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە پەردازلاپ كۆرسىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قاراتتى.
ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن خۇ پىڭ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ قەدەر بىئارام قىلىشتىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، خىتاي ئىنتايىن بىئارام بولۇۋاتىدۇ ۋە ئوغىسى قايناۋاتىدۇ. بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتىۋالغان بۇ جايدا ئۇيغۇرلارغا شەپقەتسىزلەرچە يۈرگۈزىۋاتقان باستۇرۇشلىرى ۋە زۇلۇملىرى پۈتۈن ئالەمگە يەنە بىر قېتىم نامايەن بولدى. ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىلىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقلار ئامېرىكاغا ئوخشاش دېموكراتىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىندى. بۇنى ئەلۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر قېتىملىق قاتتىق زەربە دېسەك بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يوشۇرۇپ ۋە يالغانچىلىق قىلىپ، مەسۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللۇقتىن ئۆتۈشى، ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قەبىھ باستۇرۇشىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى دەپ بېكىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خۇ پىڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر ئامېرىكانىڭ بۇ خىل پوزىتسىيەنى ئىپادىلىشى، بۇ خىل رېئاللىقنى جەزىملەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى رەسمىي بېكىتكەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇنى ئۇيغۇرلارنى ھەققانىي جەھەتتىن قوللاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە جازالاش دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى جازالايدىغان بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
خۇ پىڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتايغا قارىتىلغان بۇ خىل جازالاش تەدبىرلىرى باشقا دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىمۇ يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، خەلقئارادىكى بۇ خىل يۈزلىنىش خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلماقتىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزدېنتى تەرىپىدىن ئىمزالىنىپ، رەسمىي قانۇنغا ئايلانغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رايوندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق شىركەتلىرى بىۋاستە زەربىگە ئۇچرايدىكەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىپ ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى چەكلەش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىلا، ئامېرىكا بۇ جەھەتتە تېخىمۇ ئىلگىرلەپ جازالاش تەدبىرلىرى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. ھازىر بۇ تەدبىرلەر پەقەت ئېغىزدىكى ئەيىبلەشلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىگە تېخىمۇ كونكىرېت جازا تەدبىرلىرى يولغا قويىلىدۇ، دېسەك بولىدۇ.»
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن گوللاندىيەدىكى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىممۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 8-دېكابىر كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بىر قانۇن لايىھەسى بىلەن 2 قارار لايىھەسى، بولۇپمۇ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئاسىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئەمەلىيلەشسە، ئالدى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇم ۋە باستۇرۇشلارغا چېتىشلىق بولغان خىتاي شىركەتلىرىنى ‹قارا تىزىملىك› كە ئېلىشىنى، شۇنداقلا خىتايدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خەلقئارادىكى داڭلىق ماركىلارنى چەكلەشنى قانۇنىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇرغىلى بولىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇن لايىھەسى» ئەمەلىيلەشسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارىلىشىش يۆنۈلىشىدىن پايدىلىنىپ، كېيىنكى 30 يىلدا يۈكسەلگەن ئىقتىسادىي سودا ئالاقىسى ۋە تەرەقىياتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىتىدىكەن.
ئاسىيە خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بىڭتۇەن ۋە ئۇيغۇر رايونىنىڭ خام ئەشياسىغا تايىنىۋاتقان خىتاينىڭ 19 ئۆلكە-شەھىرى ئۇچرايدىغان ئىقتىسادىي زەربە تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.