ئامېرىكانىڭ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.06.22
mejburiy-emgek-yalghan-chach-lager-1.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ چاچلىرى ۋە ياكى لاگېردىكىلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان يالغان چاچ. 2020-يىلى 1-ئىيۇل، نيۇ-يورك.
AP

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويۇشى بىلەن رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» 21-ئىيۇندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشى رەسمىي چەكلىنىشكە باشلىدى. بۇ قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلىپ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارغا قارىتا ئامېرىكا تاموژنىسىدا قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، ئىمپورت قىلغۇچىلاردىن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقنى «قايىل قىلارلىق دەلىللەر» بىلەن ئىسپاتلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقارغان پاختا، پەمىدۇر ۋە قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيالى بولغان كۆك تاش، يەنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ «نۇقتىلىق تەقىب قىلىش» نىشانلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ قېتىمقى قانۇن ئۇيغۇر ئېلىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ چېتىلىش كۆلىمىنىڭ ئىنتايىن كەڭ بولۇشى، ئۇنى تەكشۈرۈش ۋە پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۈشكۈللۈكى، رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان ھەر قانداق ماتېرىيال ياكى مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بۇلغىنىش خەۋپىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چىقىشى قىلغان. شۇڭا، ئامېرىكا تاموژنا دائىرىلىرى شىركەتلەردىن ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ئائىت «ئېنىق ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر» بىلەن تەمىنلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.

نۆۋەتتىكى مەسىلە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ بۇ قانۇننى كونكرېت قانداق ئىجرا قىلىشىدا قالدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرگىمۇ ئۈلگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رىچاردسون 21-ئىيۇن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، بىز بۇ قانۇننىڭ قاتتىق ئىجرا قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكالىقلار ۋە دۇنيا خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قانداق پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. بۇ خىتاينىڭ ھازىرقىدەك قۇدرەتلىك ھالغا كېلىشىگە ياردەم قىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇپ كەتمەكچى بولدى. بۇ قانۇن ئامېرىكا-خىتاي سودىسىدىكى چوڭ كاشىلا».

سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيانىڭ ئۆتكەن 30 يىل جەريانىدا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە كۆز يۇمۇشى نەتىجىسىدە ئەھۋال ھازىرقىدەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. سوفىيە رىچاردسون: «ئۆتكەن 30 يىل مابەينىدە خىتايدىكى شىركەتلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى شىركەتلەر ئارىسىدا نۇرغۇن سودا بولدى. ‹كىشىلەر بەلكىم مەسىلە باردۇ، لېكىن بۇ بەك مۇرەككەپ، بىز بۇنى سۈرۈشتۈرۈپ، بىئارام قىلمايلى› دېگەچكە، مەسىلە ھازىرقىدەك ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ھەم كۆرۈنەرلىك ھالغا كەلدى. مانا ھازىر بۇ قانۇن بۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. بۇرۇنلا يولغا قويۇلۇشقا تېگىشلىك بولغان بۇ قانۇن ۋە پرىنسىپلار ھازىر شىركەتلەردىن مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ پارچىسى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنى تەلەپ قىلماقتا».

ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى ئۆتكەن ھەپتە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىشنىڭ كونكرېت قوللانمىسىنى ئېلان قىلىپ، شىركەتلەرنىڭ ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىلمىغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلاشنىڭ كونكرېت تەپسىلاتلىرىنى چۈشەندۈرگەن. قوللانمىدا، پاختا، پەمىدۇر، شۇنداقلا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ھالقىلىق ماتېرىيالى بولغان كۆكتاش يەنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ خىل كوتېگورىيەدىكى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرىغا ئائىت تەپسىلاتلار تەمىنلەنگەن. لېكىن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغاۋاتقان مەسىلە-شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى 3-دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىش، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا تاموژنا ئورگانلىرىنىڭ نازارىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈش ئېھتىماللىقىدۇر.

ئامېرىكادىكى «بېنيامىن ل. ئىنگلاند بىرلەشمىسى» ناملىق قانۇنى مەسلىھەت شىركىتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئادۋوكاتى جېسىكا رىفكىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق بىر ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرىدىغان مېخانىزمى بار ئىكەن. جېسىكا رىفكىن 21-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «مەھسۇلاتنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش ئارقىلىق مالنىڭ كېلىش مەنبەسىنى باشقا دۆلەت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇ يەردىن ئامېرىكاغا يوللاش ئارقىلىق مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يوشۇرۇش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت. بىراق بۇ يەردىكى يەنە بىر ئېھتىماللىق ئامېرىكا تاموژنىسىنىڭ بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى نىشانلىق ئېنىقلايدىغان مېخانىزمىمۇ بار. مېنىڭچە، بۇمۇ ئامېرىكا تاموژنىسى دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلە.»

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر بۇ قانۇن تولۇق ئىجرا قىلىنسا، ئۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولىدىكەن. جېسىكا رىفكىن مۇنداق دەيدۇ: «چۈنكى، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكاغا كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى تۇتۇپ قېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىگە، مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىغا بازىرىغا كىرىشىگە كاشىلىسى بولسىمۇ، بىراق بۇ قانچىلىك مەھسۇلاتنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك. لېكىن بۇ قانۇن يېزىلغىنىدەك ئىجرا قىلىنسا، بۇنىڭ تەسىرى ناھايىتى كەڭ بولىدۇ. بۇ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەردىن يوللانغان مەھسۇلاتلارنى قاپلايدۇ».

لېكىن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشتا مەجبۇر ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تۇتۇپ قېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقى كېرەك ئىكەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئەلفىدار ئېلتەبىر 21-ئىيۇن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق شىركەتلەرنى جازالىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى يەنە ئىجرائاتىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشى، ھەر ئايدا دوكلات تەييارلاپ، قانچىلىك مال تەكشۈرۈلدى، قايسى شىركەتلەرنىڭ مېلى توختىتىلدى، دېگەنلەرنى ئېلان قىلىپ تۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى سوفىيە رىچاردسوننىڭ ئېيتىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش جەريانى مەھسۇلاتلارنى باشقا دۆلەتتە پىششىقلاپ ئىشلەپ ئامېرىكىغا ئېلىپ كىرىشتەك مۇرەككەپ خىرىسلارغا دۇچ كەلسىمۇ، بىراق ئىشلارنىڭ ھامان ئاشكارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سوفىيە رىچارتسون مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇنىڭدىكى بەزى مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلار بەلكىم شىركەتلەرنىڭ يېرىم پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇر رايونىغا ئەۋەتىپ پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىشى، ئاندىن باشقا بىر جايغا ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن ئامېرىكاغا يوللاپ، مەھسۇلاتنىڭ كېلىش مەنبەسىنى قايمۇقتۇرۇشتۇر. بۇ ئەھۋالنى قىيىن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا بىلىۋالغىنى بولىدۇ».

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىكى يەنە بىر ئەندىشە بولسا ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قانۇننى مۇۋاپىق ئىجرا قىلىشتا يېتەرلىك ئادەم كۈچىنىڭ بار-يوقلۇقىدۇر. ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمس مېكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلېي ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك تەۋە كومىتېتى بىلەن كېڭەش پالاتاسىنىڭ خام چوت كومىتېتىغا خەت يېزىپ، ئۇلارنى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشىغا 70 مىليون دوللار ئاجرىتىشىنى تەلەپ قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىك تەۋە كومىتېتى بۇنىڭغا ھازىرغا قەدەر جاۋاب بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.