ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىدىغان ھەر قانداق مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقى قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانمىغۇچە، ئامېرىكا بازىرىغا كېرىشى چەكلىنىدۇ.
ئامېرىكا «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا 7-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە 35 دۆلەتتىكى 803 شىركەتنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن بىۋاسىتە ياكى ۋاستىلىق پايدا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن، مەزكۇر قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ كونكىرېت قوللانمىسىنى ئېلان قىلغان. قوللانمىدا كىيىم-كېچەك، پاختا، پەمىدۇر، شۇنداقلا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ ھالقىلىق ماتېرىيالى بولغان كۆكتاش، يەنى پولىسىلىكون مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىمپورت مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
«خىتاي ھۆججەتلىرى» تور بېتىدە 26-ئىيۇل ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇيغۇر رايونىدىن 300 مىليون دوللار ئەتراپىدا مال ئىمپورت قىلىدىكەن. ئۇنداقتا، بۇ يىل 21-ئىيۇندىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان يېڭى قانۇننىڭ تەكشۈرۈش مېخانىزمى بۇ شىركەتلەرگە قانداق تەسىر قىلىدۇ؟ «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاشقا يېتەرلىكمۇ؟
«شېفېلد ھاللام ئۇنىۋېرسىتېتى» خېلېنا كېنىدىي مەركىزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە زامانىۋى قۇللۇق مەسىلىسى بويىچە تەتقىقاتچىسى، پروفېسسور لاۋرا مىرفېي (Laura T. Murphy) بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيمىز، ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئۇلار بىلەن شېرىك بولماسلىقىمىزغا كاپالەتلىك قىلالايمىز. شۇڭا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› ئامېرىكالىق ئىستېمالچىلارنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىستېمال قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ‹بىز كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايمىز› دېيەلەيدۇ. خىتاي كومپارتىيەسگە ۋە شى جىنپىڭغا: ‹بىز مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ئالمايمىز› دېگەن ئېنىق سىگنالنى بەرگەن بولىدۇ. بىز ھازىرچە تېخى بۇ قانۇننىڭ خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق بىر تەسىرى بولغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. لېكىن ئۇنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى شۇكى، ئەمدى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى بىلىپ-بىلمەي سېتىۋالمايمىز، شۇنداقلا خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولمايمىز.»
«ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئۈنۈمى توغرىسىدا يېزىلغان مەزكۇر ماقالىدە، شىركەت مەسلىھەتچىسى جون فۇت، ئامېرىكا سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكا قانۇنىغا ماس ھالدا ئىشلەپچىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سىمون فرازېر ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررىن بايلىر بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەككە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا خەلقئارانىڭ سىستېمىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئامېرىكادىكى C4ADS تەتقىقات ئورنىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئانالىزچىسى نىكول مورگرېت (Nicole Morgret) «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، «خىتاي سانائىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كەڭ-كۆلەمدە كىرىشى» ناملىق بىر دوكلاتنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكە-شەھەرلىرىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 2009-يىللىرىدىن باشلاپ ناھايىتى كۆرۈنەرلىك ھالدا ئۇيغۇر رايونىغا كېڭەيگەنلىكى، خىتايدا «مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئېلىش دولقۇنى» قوزغالغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، خىتايدىكى 4642 خۇسۇسىي كارخانا گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تارماق شىركىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1624 شىركەتنىڭ باش شىتابى ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ئۇلار ئۇيغۇر رايونىدىكى تارماق شىركەتلىرىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدىكەن.
نىكول مورگرېت رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ تەسىرى ھەققىدە توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەممىمىز ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ ئىجرائاتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنى، ئۈنۈمىنىڭ زور بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي سانائەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن تولۇق پايدىلىنىشنى پىلانلىماقتا. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي بۇ پىلاندىن ۋاز كەچمىدى. شۇڭا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان پارتىيەلەر ۋە شىركەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە شېرىك بولماسلىق ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىستېمىنى ياخشى چۈشىنىشى كېرەك. ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەلگەن ھەر قانداق خىتاي شىركەتلىرى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسىغا داخىل بولىدۇ. ئۇلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئەخلاقىي بۇرچىنى تونۇپ يەتكەن شىركەتلەر خىتايدىكى شىركەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، چوقۇم قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك. »
ئامېرىكا-خىتاي سودا كېڭىشىنىڭ رەئىسى كرەيگ ئەلېن (Craig Allen) 4-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق تور مۇھاكىمە يىغىنىدا، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› نىڭ ئەڭ چوڭ تەسىرى شۇكى، كارخانىلار ھازىر تەمىنلەش زەنجىرى مەسىلىسىگە ئىنتايىن دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇرۇن ھەر بىر شىركەت بۇ مەسىلىگە ئوخشىمىغان پوزىتسىيە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ھازىر ھەر بىر شىركەت چوقۇم قانۇنغا رىئايە قىلىشى كېرەك. تەمىنلەش مەنبەسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئاسان ئىش ئەمەس».
نىكول مورگرېت بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلماسلىق ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشقا باشلىدى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالغا قارىغاندا، ئۇلانىڭ يەنىلا ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولغان تەمىنلەش زەنجىرىدىن دەرھال ۋاز كېچىش ئىرادىسى يوق. بۇنىڭ سەۋەبى ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى ياخشى چۈشەنمەيدۇ. ئىككىنچىدىن، كارخانىلار خىتاينى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمايدۇ. مەن بىز تەييارلىغان دوكلاتنىڭ ھەر قايسى كارخانا-شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يېقىندا قۇياش ئىنىرگىيە تاختىسى ماتېرىياللىرى ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئاساسەن، ئۇيغۇر رايونىدا ياسالغان قۇياش ئېنىرگىيە تاختىسىغا چېتىشلىق بولۇش ئېھتىماللىقى بىلەن چىگرادا تۇتۇپ قېلىندى. بۇنىڭدىن مەزكۇر قانۇننىڭ شەخسىي مال توشۇشقا تەسىر قىلىشقا باشلىغانلىقنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.»
«ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 9-ئاۋغۇست بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ بىر قانچە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەلىرى ۋە مەھسۇلاتىلىرى يېڭىدىن يولغا قويۇلغان ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى› غا ئاساسەن، ئامېرىكا تاموژناسىدا تۇتۇپ قېلىنغان ياكى قايتۇرۇلغان.
پروفېسسور لاۋرا مىرفېي ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «مەن ئامېرىكادا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. ئەمما بۇ ھەرىكەت پۈتۈن يەر شارى خاراكتېرلىك بولۇشى، يەنى ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان قانۇن-قائىدىلەرنى، ئامېرىكادا يولغا قويۇلغان مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قانۇنلارغا ئوخشاش قانۇنلارنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا، ئامېرىكا بازارلىرىغا كېرەلمىگەن مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرى ئەنگىلىيە، كانادا، ئافرىقا بازارلىغا ئاقىدۇ. يەنى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىنى داۋاملىق ئىشلتىشىنى توختاتقىلى بولمايدۇ.»
«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 8-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاۋغۇستتىكى سۆھبەت يىغىنىدا كرەيگ ئەلېن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقنى ئەسكەرتكەن.
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «قانۇن دېگەن قانۇن، ئامېرىكا شىركەتلىرى چوقۇم ئامېرىكانىڭ قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئوبدان چۈشىنىدۇ.»