بايدېن ھۆكۈمىتى كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ قايسىسىنى تاللايدۇ؟
2022.07.07

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا قىيىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرىنى تاللاش، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان.
4-ئيۇل كۈنى «ۋال-سىترېت ژۇرنىلى» ئېلان قىلغان «جوۋ بايدېن كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى» ناملىق ماقالىدە بۇ تېما مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىنغان. ماقالىدە «پرېزىدېنت بايدېننىڭ تەبىئىي يېقىلغۇنى بىكار قىلىش ئارزۇسى ئۇنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق نىشانى بىلەن زىت» دېيىلگەن ۋە ئامېرىكانىڭ پاكىز ئېنىرگىيە مەنبەسىنى بەرپا قىلىش ئۈمىدى بىلەن خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىرادىسى ئوتتۇرىسىدا توسالغۇ ۋە زىددىيەتلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، چۈنكى ھەر ئىككى مەسىلىسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات يېتەكچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋىسكى (Henryk Szadziewski) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى مەسىلىدە نېمە قىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز مۇقەررەر يۈزلىنىدىغان خەلقئارالىق مەسىلىلەردۇر. كېلىمات ئۆزگىرىشى ھەر بىر ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىدىغان، كۆپ دۆلەتلەر، بولۇپمۇ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تەسىرى چوڭ دۆلەتلەر بىرلىكتە ھەل قىلىدىغان مەسىلىدۇر. كېلىمات ئۆزگىرىشىمۇ ئەمەلىيەتتە كىشىلىك ھوقۇققا چېتىلىدىغان ئاساسلىق مەسىلىدۇر. بىز چوقۇم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىنى تۇرغۇزۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە، ئەھۋال بۇ ماقالىدە ئېيتىلغاندەك ئۇ دەرىجىدە ئەمەس، شۇڭا ئامېرىكا چوقۇم ئىككىدىن بىرىنى تاللىشى كېرەك دەپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك. بىز خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا، كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاشقا قىستىشىمىز كېرەك. بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنى خىتايدىن باشقا دۆلەتتىن ئالساقمۇ بولىۋېرىدۇ».
ئامېرىكادىكى كور ئانالتىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى، دوكتور ئاندېرس كور بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق بىلدۈرگەن ئىنكاسىدا، يۇقىرىقى ماقالىنىڭ ئىككىلەمچى تەپەككۇر بىلەن يېزىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى بىلەن ئېلىكتىرلىق ماشىنا باتارىيەسىگە چەكلىمە قويغان بىلەن بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ تەمىنلەش لىنيەسىنى خىتايدىن باشقا جايغا، جۈملىدىن ئامېرىكاغا يۆتكىگىلى بولمايدۇ. نەتىجىدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ياخشىلاش بەدىلىگە بۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ئىگىلەيدىغان نىسبىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. مەنچە، خىتاي كېلىمات ئۆزگىرىشى ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ھېچقاچان ھەمكارلىشىپ باقمىدى. خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشماسلىق، ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزۈش، تاموژنا بېجى ئېلىش. مانا بۇ بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدە خىتايغا تاقابىل تۇرىدىغان كوزۇرىمىز».
ئالدىنقى ئايدا ئامېرىكا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى يولغا قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ياسالغان تاۋارلارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغانىدى. ئەمما ئامېرىكا يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقئارا كېلىمات شەرتنامىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ۋە ئېلېكترونلۇق ماشىنىلارنى ئىشلىتىشكە مۇھتاج بولۇپ، بۇ مەھسۇلاتلار خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا ئىشلىتىلىدىغان % 90 كىرىستاللىق كرېمنىي خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. خىتاي بۇ ماتېرىيالنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا ئەمەس، ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى مېتاللورگىيە ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىكەن؛ خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدىكى كۆمۈر يېقىلغۇلۇق ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن پايدىلىنىپ، كىرىستاللىق كرېمنىي ئىشلەپچىقارغان، مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق قۇياش تاختىسىنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن. بايدېن ھۆكۈمىتى 2030-يىلغىچە تاماملايدىغان پاكىز ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشىنى كۆزلەپ، خىتاينىڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئىككى يىل توختىتىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتايدىكى ئەرزان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبىدىن قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى، شۇنداقلا فېدېراتسىيە، شىتات ۋە يەرلىكنىڭ ھەر خىل تولۇقلىمالىرى ئىستېمالچىلارنىڭ چىقىمىنى %30 تىن% 50 كىچە تۆۋەنلەتكەن. تۆۋەن باھا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي تەلەپلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسى ۋە ئېلىكتىرلىك ماشىنىغا بولغان ئېھتىياجىنى كۈچەيتىپ، بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىش نىشانىغا يېتىش ئۈمىدىنى ئۇرغۇتقان.
ھېنرىك شاجىۋىسكى كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ھاسىل بولماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بايا ئېيتقىنىمدەك، كېلىمات ئۆزگىرىشى ھەقىقەتەن مەۋجۇت، بىز توختىماي گاز قويۇپ بېرىۋاتىمىز. ئامېرىكا يەر شارىدىكى مەسئۇلىيەتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ھالبۇكى، كىشىلىك ھوقۇقتىن مەھرۇم قالغانلارنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمىتى، تىرىكچىلىك ئىمكانىيىتى ۋە ئۆزىنى ئىپادىلەش ئەركىنلىكىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىمۇ بىز كىشىلىك ھوقۇققا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك، شۇندىلا بىرەر ئالاھىدە مەسىلىگە يولۇققاندا گەپ قىلالايمىز. بىز كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلغاندا ئۇنىڭغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى باغلىۋالمىساقمۇ بولىدۇ. قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىنى ئىمپورت قىلىشتا خىتاي بىزنىڭ بىردىنبىر تاللىشىمىز ئەمەس، شۇڭا قۇل ئەمگىكىدىن پايدىلىنىپ قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپىچىقىرىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنى جازالىشىمىز كېرەك».
ئاندېرس كور بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «كېلىمات ئۆزگىرىشى ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن بىرىنى تاللاش» پىكرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق، كېلىمات ئۆزگىرىشى ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان سىياسىي تەھدىتىدىن ئەندىشە قىلىدۇ. خىتاينىڭ مەسىلىسى مۇرەككەپ، شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە ئاسان بولغان نەرسىنى تاللىماي، خىتايغا كۆپ تەرەپتىن بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇلارنى ياخشى تەرەپكە مېڭىشقا قىستىشىمىز كېرەك».
بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا ئەۋەتكەن كېلىمات ئەلچىسى جون كەررى 2021-يىل 12-ماي كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئىسپات بېرىپ، «خىتايدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھاۋا كېلىماتى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن بولسىمۇ، دۇنيادىكى 80 پىرسەنت قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ خىتايدا ياسىلىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، خىتايدىكى قۇل ئەمگىكىنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە بازىرىنى جانلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلوسى، 2021-يىل 17-سېنتەبىردە ئېچىلىدىغانG-7 دۆلەتلىرى پارلامېنت باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ھارپىسىدا «خىتاي شىنجاڭ ئۆلكىسىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، كېلىمات كرىزىسىدا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك، كېلىمات ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان مەسىلە، شۇنداقلا خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان دۆلەت» دېگەنىدى.
ئاندېرس كور ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىغا كۆز يۇمالمايدۇ. جون كەررى بۇ يەردە خاتالاشقان، شۇڭا ئاخىرىقى ھېسابتا ئۇ رەت قىلىندى. بىز چوقۇم تېخىمۇ ياخشى كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى تۈزۈشىمىز، تەمىنلەش لىنىيەسىنى خىتايدىن يىراق جايغا يۆتكىشىمىز كېرەك. قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ۋە ئېلىكتىرلىق ماشىنا باتارىيەسىنى ياساش سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دوستلىرىمىزغا ياردەم بېرىپ، دۈشمەنلىرىمىزنى جازالىشىمىز كېرەك. ئامېرىكانىڭ دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش كۈچىنى قايتا تىكلەشتە بۇ ناھايىتى مۇھىم».
ھېنرىك شاجىۋىسكى ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىنى دەپ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، بىز يېڭى تېخنىكا ۋە يېڭى ئېنىرگىيە ئارقىلىق مۇھىتنىڭ پاكىزلىقىنى قوغداپ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرالايمىز. كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسى بولسا ئەڭ جىددىي كىرزىستۇر. مەنچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن كىرىستاللىق كرېمىنىينى باشقا يەردە ئشلەپچىقىرىشنى ياكى بۇ ماتېرىيالنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان يېڭى مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئويلىشىپ بېقىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىچىلار زور بەدەل تۆلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بىز ئەخلاقنىڭ تۆت دوقمۇشىدا تۇرۇۋاتىمىز، ئەگەر قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى بولۇپ قالسا، ئۇنى ئىشلەتكەن ھامان يېڭى بىر مەسىلە، يەنى ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بىر كىرزىس تۇغۇلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا چوقۇم باشقا يول تېپىشى، ئەخلاققا ئۇيغۇن قارار-لايىھەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. مەنچە، ئامېرىكا رەھبەرلىرى بۇنى قىلالايدۇ. چۈنكى سىز ئىككى مەسىلىنىڭ بىرىگە سەل قاراش بىلەن يەنە بىرىنى ھەل قىلالمايسىز، بەلكى ھەر ئىككىسىنى تەڭ ھەل قىلىشىڭىز كېرەك».
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئامېرىكالىقلارنى لىنكولىن ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكى باشقا سىياسىي ئەربابلارنىڭ 150 نەچچە يىل ئىلگىرىكى تاللىشىغا، يەنى قۇللۇقنى بىكار قىلىش تاللىشىغا مەجبۇرلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ قانۇن ئامېرىكىلىقلارنى خىتايدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىشنى توختىتىشقا مەجبۇرلىيالىغاندىلا، ئامېرىكانىڭ كېلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش نىشانىمۇ ئەمەلگە ئاشىدىكەن؛ ئامېرىكا رەھبەرلىرىمۇ كىشىلىك قىممەت قارىشى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە يۈز كېلەلەيدىكەن.