مەكىتنىڭ غازكۆل يېزىسىدىكى بىر كەنتتىن جازا مۇددىتىنى تۈگەتكەن 36 كىشىنىڭ قايتىدىن كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2017‏-يىلدىن ئىلگىرى تۇتقۇن قىلىنىپ جازالانغانلارنى جازا مۇددىتى تۈگەتكەندىن كېيىنمۇ قايتىدىن جازالاۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت دەپ قارىغان كىشىلىرىنى ئۆمۈر بويى تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇشنى قەستلەۋاتقانلىقى ئاشكارىلانماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسىدىكى بىر كەنتتىن 36 كىشىنىڭ يېقىنقى 7 يىل ئىچىدە قايتىدىن جازالانغانلىقى ئاشكارىلاندى.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر كىشىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلىدىكى چوڭ تۇتقۇندا تۇتۇلغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسىنى 10 يىللىقتىن يۇقىرى كېسىۋەتكەندىن كېيىن، 2017‏-يىلىدىن بۇرۇن تۇتۇلۇپ كېسىلگەنلەرگە جازانىڭ «يەڭگىل» بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقان. شۇڭا ئىلگىرى كېسىلگەنلەر تۈرمىدىن چىققان ھامان ئۇلارنى قايتىدىن تۇتقۇن قىلغان ۋە سوتلىغان. دائىرىلەر بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن جازادا «تەڭشەش» ئېلىپ بارغان بولسا؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرمىدىن جازا ئۆتەپ چىققانلارنىڭ تېخىمۇ يامانلاشقان ۋەزىيەتنى كۆرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ كېسىۋېتىلگەن قېرىنداشلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرەر ئىش تېرىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قايتا جازالاۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەكىت ناھىيەسىنىڭ غازكۆل يېزىسىدىكى بىر كەنت ساقچىسى، نۆۋەتتە قولىدا 20 نەچچە دېلو بارلىقى، بۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ چىققان سابىق مەھبۇسلار ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مەكىت بازارلىق ساقچىخانىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يەنە بىر ساقچى خادىمى، مۇشۇ ھەپتە 30 نەچچە كىشى ئۈستىدىن مەخپىي سوت ئېچىلغانلىقى، سوتقا تەۋەلىكتىكى ساقچىلارنىمۇ قاتناشتۇرمىغانلىقى، سوتلانغانلار ۋە نۆۋەتتە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار ئارىسىدا جازاسىنى تۈگىتىپ بولغانلارنىڭ بەلگىلىك نىسبەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. غازكۆل يېزىلىق ساقچىخانا خادىمىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بىر كەنتتىنلا جەمئىي 36 كىشى قايتىدىن جازالانغان ئىكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشى سابىق مەھبۇسلارنى قايتا جازالاشنىڭ يۇقىرىدىن كەلگەن جىددىي ۋە كەسكىن بىر بۇيرۇق بىلەن بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. مەكىت بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خادىمى، سابىق مەھبۇسلارنى قايتا جازالاش ئىشىغا مەكىت ناھىيەلىك سوت ۋە تەپتىش ئارىلاشمىغانلىقى، بۇ دېلولارنى قەشقەر ۋىلايەتلىك سوت ۋە تەپتىش بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

رادىيومىز ئوبزورچىسى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنىڭ رادىيومىزدا ئېلان قىلىنغان ئىلگىرىكى ئوبزورلىرىدا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قايتا جازالاش ھەققىدىكى مۇنازىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن يېڭى بىر تەدبىر ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر ئېلى ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قايتا-قايتا جازالىنىپ كېلىنگەنلىكىنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە قايتا جازالانغانلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقىلا كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، مەشھۇر دىنىي زات كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ 1990‏-يىللاردا 12 يىللىق كېسىلگەندىن كېيىن، تۈرمە ئىچىدە قايتا سوت ئېچىلىپ جازاسىنىڭ 4 قېتىم ئۇزارتىلغانلىقى ۋە 20 نەچچە يىل جازا چەككەندىن كېيىن، ئاخىرى تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.