قازاقىستاندا بۇ يىل 921 نەپەر ئۇيغۇر قىز-يىگىتى ئوتتۇرا مەكتەپنى ئانا تىلىدا تاماملىدى

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوقۇش يىلىنىڭ ئاياغلىشىش مۇناسىۋىتى بىلەن بارلىق مەكتەپلەردە «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنە بولۇپ قالغان. بۇ يىل ئۇ 25-مايغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئوقۇتۇش قازاق، رۇس، ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىرىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە 2021-2022-ئوقۇش يىلىنىڭ يەكۈنىنى چىقىرىش، ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئوقۇغۇچى ۋە مۇئەللىملەرنى تەقدىرلەش مۇراسىملىرى بولۇپ ئۆتتى.

ئوقۇش يىلىنىڭ تاماملىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن مۇنداق مۇراسىملار قازاقىستاننىڭ بولۇپمۇ ئالمۇتا شەھىرى ۋە ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ پانفىلوف، ئۇيغۇر، ئەمگەكچىقازاق ۋە تالغىر ناھىيەلىرىگە جايلاشقان ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان 12 تازا ۋە 50 ئارىلاش، يەنى ئوقۇتۇش قازاق، ئۇيغۇر ۋە رۇس تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەكتەپلەردىمۇ ئۆتتى.

ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل 25-ماي، قازاقىستان.
ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل 25-ماي، قازاقىستان. (RFA/Oyghan)

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەمگەكچىقازاق ناھىيەسىنىڭ بايسېيىت يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىسمائىل تايىروف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئىليار نۇرخالىقوف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە ئۇ مەكتەپنىڭ بۈگۈنكى ئۇتۇقلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۈگۈنكى كۈندە بىزدە 48 بالا مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ، 16سى بىر تۇتاش مىللىي تېست، يەنى دۆلەت ئىمتىھانىغا تەييارلانماقتا. مەكتەپ بويىچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇتۇقى يامان ئەمەس. ئاتاپ ئېيتقاندا، 9-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئىسمايىلوف نائىل جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىدە ‹ئايتى تېخنولوگىيەسى› بويىچە 2-ئورۇننى ئىگىلەپ، كۈمۈش مېدالىغا سازاۋەر بولدى. پەن مۇسابىقىلىرى بويىچە ناھىيەلىك مۇسابىقىدە 10-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ياقۇبجانوۋا ياسمىنا جۇغراپىيە 1-ئورۇن ئېلىپ، ئوبلاستلىق مۇسابىقىگە قاتناشتى».

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزى باشقۇرۇۋاتقان مەكتەپتە 654 ئوقۇغۇچى بىلىم ئېلىۋاتسا، بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە مەكتەپ ئالدى تەييارلىق گۇرۇپپىسىدا 74 بالا، مەكتەپ يېنىدىكى بالىلار باغچىسىدا 50 بالا تەربىيەلەنمەكتە. ئۇلارغا ئومۇمەن 71 مۇئەللىم تەلىم-تەربىيە بېرىدىكەن.

ئىليار نۇرخالىقوف بۈگۈنكى ۋەزىيەتتە ئانا تىلىدا ئوقۇشنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈرلۈكىنى، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى قەدىرلەيدىغان بالىلاردىن قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان مۇھىم ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل 25-ماي، قازاقىستان.
مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «ئاخىرقى قوڭغۇراق» مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2022-يىل 25-ماي، قازاقىستان. (RFA/Oyghan)

ئىگىلىشىمىزچە، ئالمۇتا شەھىرىدە ئۈچ تازا ئۇيغۇر مەكتىپى بولۇپ، شۇلارنىڭ بىرى شەھەرنىڭ ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان زاريا ۋوستوكا مەھەللىسىگە ئورۇنلاشقان مۇرات ھەمرايېف نامىدىكى 150-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش يىلىنى مەكتەپ ئالدى تەييارلىق سىنىپى بىلەن جەمئىي 340، شۇ جۈملىدىن 11-سىنىپنى 21 ئوقۇغۇچى تاماملىغان.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر مەكتەپ مۇدىرى مۇھىدىن ئىماشېف ئەپەندى مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ۋە مەكتەپ ئالدىدا تۇرغان بەزى ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «مەكتىپىمىزدە 46 ئۇستاز ئىشلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئۈچى پېداگوگ-چېۋەر، تۆتى پېداگوگ-تەتقىقاتچى، يەتتىسى پېداگوگ-ئانالىزچى، ئون ئۈچى پېداگوگ-مودېراتور. ئوقۇش داۋامىدا ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى ئاز ئەمەس. ئەلۋەتتە، مەكتەپنىڭ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلىرىمۇ مەۋجۇت. ئەڭ ئاساسلىقى مەكتەپ بىناسىدۇر. ئۇ 1962-يىلى سېلىنغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھېچ قانداق چوڭ رېمونتمۇ يۈرگۈزۈلمىگەن. تەنھەرىكەت زالىمىزمۇ، ئاشخانىمىزمۇ يوق. مەكتەپنى كۆمۈر بىلەن ئىسسىتىمىز. يەنە كادىر مەسىلىسى يېشىلگەن، بىراق فىزىكا، خىمىيە، ماتېماتىكا پەن مۇئەللىملىرىنى، ساپالىق ئۇستازلارنى تېپىش ئۇمۇ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى».

مەلۇم بولۇشىچە، مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋە مەھەللە جامائىتى بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان مەكتەپ بىناسىنى يېڭىلاش توغرىلىق يۇقىرى ئورۇنلارغا مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ھەل بولماي كەلگەن.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەرنى بۇ يىلى نەچچە بالا تاماملىدى ۋە ئۇلارنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرى قانداق؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى تەركىبىدىكى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ھەمكارلىق ئانالىتىكىلىق مەركىزىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى شەمشىدىن ئايۇپوفنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئومۇمەن جۇمھۇرىيەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ 11-سىنىپىنى 921 نەپەر قىز-يىگىت تاماملاپ، مۇستەقىل ھايات يولىغا ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان بولسا، شۇلاردىن ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشنى خالايدىغان 351 ئوقۇغۇچى بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. شۇلارنىڭ ئىچىدىن 44 ئوقۇغۇچى مەكتەپنى «ئالتۇن بەلگە»، 5 ئوقۇغۇچى «ئالاھىدە ئۈلگىدىكى شاھادەتنامە»، يەنى گۇۋاھنامە بىلەن تاماملىغان.

شەمشىدىن ئايۇپوف ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مەزكۇر ئانالىتىكىلىق مەركەز بىر يىل داۋامىدا شەھەر ۋە يېزىلىرىمىزدىكى بارلىق مەكتەپلەر، يۇرت-جامائەتچىلىك، ئاكتىپلار، ئاتا-ئانىلار بىلەن ئىشلەش جەريانىدا كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى ئېنىقلىدۇق. بىز ئەنە شۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېگىشلىك ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز. ئەمدى بۇ ئوقۇش يىلىغا كەلسەك، ئوتتۇرا مەكتەپنى 921 ئۇيغۇر قىز-يىگىتى تاماملاپ، شۇلاردىن 400 گە يېقىن بالا ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا كىرىش تەييارلىقىنى قىلماقتا. بۇ، ئەلۋەتتە، يامان كۆرسەتكۈچ ئەمەس. ئەمما بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى لازىم ئىدى. بۇ يىل بەزى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىللىق 11-سىنىپلارنى تاماملىغان بالىلار سانى ناھايىتى ئاز بولسا، بەزىلىرىدە تامامەن يوق. دېمەك ئۆز ۋاقتىدا بالا بولماي، سىنىپ ئېچىلمىغان. مانا بۇ بىزنى ناھايىتى ئېچىندۇرىدۇ ۋە تەشۋىشلەندۈرىدۇ. كېلەچەكتە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توختىماي ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك».

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئانالىتىكىلىق مەركەز ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بۇ يىل ئالمۇتا ۋىلايەتلىك «ئۆرلېۋ» مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئىنستىتۇتى ۋە ئالمۇتا ۋىلايەتلىك بىلىم باشقارمىسى بىلەن مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارغان. مۇزاكىرىلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى ئوقۇش قوراللىرى، كادىرلار بىلەن تەمىنلەش، مۇئەللىملەرنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەسىلىلىرىنى قارىغان.