2010-يىلى ئوقۇش بىلەن مىسىرغا چىقىپ، 2014-يىلدىن بۇيان ئېرى ۋە ئىككى بالىسى بىلەن تۈركىيەگە كېلىپ، يۇرتىغا كىيىم-كېچەك قاتارلىق تۈركىيە ماللىرىنى سېلىش تىجارىتى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان مەلىكە ھەبىبۇل 8-يانۋار كۈنى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2017-يىلى 6-ئايدىن 2018-يىلىغىچە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، يۇرتى تۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى ھەتتا سوتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەلىكە ھەبىبۇلنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تەھدىتلىرى سەۋەبلىك، 2017-يىل 8-ئايدىن بۇيان ئۇنىڭ يۇرتى تۇرپاندىكى ئاتا-ئانىسى ۋە بىر تۇغقان قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.
بۇ جەرياندا ئۇ باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاپىسى مەريەمخان تۇرسۇن، ئاتىسى ھەبىبۇل ئابدۇللانىڭ 2017-يىلى ۋە 2018-يىلى تەربىيەلەش نامىدا لاگېرغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.
مەلىكە ھەبىبۇللا يەنە ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ لاگېرغا قامىلىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز پەرەزلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە ئاتا-ئانىسى 2014-يىلى ئۇنى يوقلاپ، مىسىر ۋە تۈركىيە زىيارىتىدە بولغان. سۇغۇرتا شىركىتىدە ئىشلەيدىغان ئاكىسى مەمەت ھەبىبۇل ياشانغان ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن، 2014-يىلى يىل ئاخىرى تۈركىيەگە كېلىپ، 2015-يىل 1-ئايدا ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە يۇرتىغا قايتقان ئىكەن.
مەلىكەنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولغانلىقى ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىلمەيدىغان كاتېگورىيەگە مەنسۇپ بولغان ئاكىسى ئالىم ھەبىبۇل، ھەدىلىرى مېھراي ھەبىبۇل، باھارگۈل ھەبىبۇل قاتارلىق قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان نورمال تېلېفون ئالاقىسى 2017-يىلى 6-ئايغا قەدەر داۋاملاشقان. مەلىكە يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئۇنىمىغانلىقى ئۈچۈن، 2017-يىلى 8-ئايدىن كېيىن بۇ قېرىنداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. كېيىن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق پۈتكۈل ئائىلە ئەزالىرىنىڭ «تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرغا قامالغانلىق خەۋىرىنى ئالغان.
مەلىكە بۇلتۇر، يەنى 2019-يىلى 12-ئايدا ئىككى يىلدىن بۇيان لاگېرغا قامالغان ئائىلە ئەزالىرىدىن 80 ياشلىق ئاتىسى ھەبىبۇل ئابدۇللا، 75 ياشلىق ئانىسى مەريەمخان تۇرسۇن، ئوقۇتقۇچى ھەدىسى ئايگۈل ھەبىبۇل قاتارلىقلارنىڭ 2019-يىلى يىل بېشىدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما لاگېرغا سولانغان باشقا قېرىنداشلىرىدىن ئاكىلىرى مەمەت ھەبىبۇل، ئالىم ھەبىبۇل ھەدىسى مېھراي ھەبىبۇلنىڭ 3 يىللىق قاماققا، ھەدىسى باھارگۈل ھەبىبۇلنىڭ 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان.
مەلىكە ھەبىبۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1997-يىلى تۇرپان چاتقال ساقچىخانىسىدىن پېنسىيەگە چىققان دادىسى ھەبىبۇل ئابدۇللا مەزكۇر ساقچىخانىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ساقچى ۋە ساقچىخانا باشلىقى بولۇپ ساداقەت بىلەن ئىشلىگەن دۆلەت كادىرى. بىر تۇغقان قېرىنداشلىرىدىن تۇرپان شىڭزەن تۈرمىسىدە ئىشلەۋاتقان 42 ياشلىق ئاكىسى ئالىم ھەبىبۇل، تۇرپان ئىدىقۇت ساقچىخانىسى نوپۇس بۆلۈمىدە ئىشلەيدىغان 40 ياشلىق ھەدىسى مىھراي ھەبىبۇل، تۇرپان تۆمۈريول تېلېگراف ئىدارىسىدە ئىشلەيدىغان 36 ياشلىق ھەدىسى باھارگۈل ھەبىبۇل قاتارلىقلار ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلغان ھۆكۈمەت خادىملىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارمۇ «قايتا تەربىيەلەش» نامىدا لاگېرغا قامىلىش ھەتتا سوتلىنىش قىسمىتىدىن قۇتۇلالمىغان.
زىيارىتىمىز ئاخىرىدا مەلىكە ھەبىبۇل يەنە ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزى سەۋەبلىك لاگېرغا قامالغانلىقنى بىلگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق جازالىنىشىدىن ئەنسىرەپ، 2 يىلدىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى، ئەمما 2019-يىلى 9-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ «تەربىيەلىنىۋاتقانلار ئوقۇش تۈگىتىپ، قويۇپ بېرىلدى» دېگەن باياناتىدىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىپ، خىتاينىڭ لاگېرلار توغرىسىدىكى يالغانچىلىق تەشۋىقاتىنى پاش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00