دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇيغۇر قەتلىئامى» ناملىق كىتابى نەشىردىن چىقتى

0:00 / 0:00

يىقىندا پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلانىڭ «ئۇيغۇر قەتلىئامى-پىسىخولوگىيەلىك نەزەر» ناملىق كىتابى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ مەمتىمىن ئەلانىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەنى پىسىخولوگىيەلىك نۇقتىنەزەر ئارقىلىق ئانالىز قىلغان ئىككىنجى كىتابى بولۇپ، ئاپتورنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستان ھۆرىيەت نەشىرياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا» ناملىق كىتابى نەشىر قىلىنغان.

Uyghur-Qetliami-Memtimin-Ela.jpg
دوكتور مەمتىمىن ئەلانىڭ ئىستانبۇلدا نەشر قىلىن «ئۇيغۇر قەتلىئامى - پىسىخولوگىيەلىك نەزەر» ناملىق كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى. 2021-يىلى يانۋار. ئىستانبۇل، تۈركىيە.

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ۋە قۇتادغۇبىلىك ئىنىستىتۇتنىڭ مۇدىرى دوكتور ئابلەت سەمەت ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئىلىپ باردۇق.

دوكتور مەمتىمىن ئەلا «يىقىندا نەشىر قىلىنغان ‹ئۇيغۇر قەتلىئامى› دېگەن كىتابىڭىزنى ئىلگىرىكى ‹ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا› دېگەن كىتابىڭىزنىڭ داۋامى دېيىشكە بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بىرىپ، مۇنداق دېدى: «ھەم داۋامى دېيىشكە بولىدۇ، ھەم داۋامى دېيىشكە بولمايدۇ. بۇنداق قارمۇ-قارشى جاۋاپ بىرىشىمنىڭ سەۋەبى ‹ئۇيغۇرلار پىسىخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا› دېگەن كىتابىم كۆز ئالدىمىزدا يۈز بېرىشى شۇ قەدەر مۇقەرەرلەشكەن قەتلىئامنى ئالدىن كۆرۈشتە مەغلۇپ بولۇشقا قارىتا گۇناھ تۇيغۇسىدا يېزىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا رېئاللىقىمزدىكى كىرزىسقا قارىتا جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونىغان بىر كىتاپ دىيىشكە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى كىتابىم بولسا ئۆزىنىڭ قۇرۇلمىسى، مەزمۇن ۋە باشقا ئۇچۇرلار جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرالايدىغان بىر كىتاپ. ئاساسلىق كىتابنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى پىسىخىك كىرزىسىنى ئىنتايىن جىددىي تەتقىقات تېمىسى سۈپىتىدە تۇتۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ئۆزىنىڭ بېشىدىن كەچۈرىۋاتقان قورقۇنچلۇق تەجىرىبىلەرنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ روھىيىغا جىددىي قارىتىشقا تىرىشىشتۇر. «

قۇتادغۇبىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابلەت سەمەت ئەپەندىم «ئۇيغۇر قەتلىئامى» ناملىق كىتاپ ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دىدى: «مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم ‹ئۇيغۇرلار پىسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا› ناملىق كىتابى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆز روھىيەت دۇنياسىنى ئادىللىق بىلەن ئىنىق تونۇشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى، ئائىلىسىنى، جەمئىيىتىنى ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىۋاتقان پىسىخىك ئىللەتلىرىدىن قۇتۇلۇشقا ئۈندىگەن ھەم قۇتۇلۇش يوللىرىنى كۆرسەتكەنىدى. بۇ يىل نەشىردىن چىققان ‹ئۇيغۇر قەتلىئامى-پىسىخولوگىيەلىك نەزەر›ناملىق ئىككىنچى كىتابى پەقەت ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى خەلقئارادا تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋان كۈچ تەرىپىدىن مەھكۇم قىلىنغان قايتا تەربىيەلەش تۆمۈر قەپەسلىرىدە پەقەت جىسمىلا ئەمەس، روھى جەھەتتىنمۇ رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ كىتابتا بۇ قەتلىئامنىڭ كىلىپ چىقىش جەريانى، يولغا قويۇلۇشى ۋە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرنىڭ تەسىرىدە ئۆزىمىز، ئائىلىمىز ۋە جەمئىيىتىمىزدە تارقالغان پىسىخولوگىيىلىك بۇزۇلۇش، ۋەيران بولۇش، پۈتۈنلەي نابۇت بولۇشتەك قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان پىسخىك كېسەللىك تۈرلىرىنى تونۇتۇش، ئۇنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە قۇتۇلۇش چارىلىرىنى تەتقىق قىلغان.»

مەمتىمىن ئەلا ئەپەندىم سۆھبىتىمىز داۋامىدا «كىتابىڭىزدا ئۇيغۇر قەتلىئامىنى پىسىخىك نۇقتىدىن كۆزىتىشتىكى ئاساسلىق مۇددىئايىڭىز نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاپ بىرىپ مۇنداق دېدى: «قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىرىنچىسى، ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نەچچە ئون يىلدىن بىرى تەقىپ ئاستىغا ئېلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ كېلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرسى پىسىخولوگىيەلىك ئۇرۇش تاكتىكىللىرىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا قوللانغانلىقىدىندۇر. مۇشۇ قېتىملىق قەتلىئامدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ پىسىخىك جەھەتتىن كونترول قىلىنىشقا قارىتا ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋارىيانتىنى كۆرىۋاتىمىز. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن پىسىخولوگىيەگە مۇراجىئەت قىلىشىمىز كىرەك. مېتود پىسخولوگىيەلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بولغان ئەكس ئىنكاس قايتۇرۇشىمىزنىڭ ئاساسلىق مېتودىمۇ چوقۇم پىسىخولوگىيىلىك بولىشى كىرەك. ئىككىنچىسى، بىز قەتلىئام سەۋەبلىك ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ھەممىمىز ئېغىر روھى بۆھراننى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بەزىلىرىمىز بۇ بۆھراندا تۇنجىقىۋاتىمىز، بەزىلىرىمىز ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇش بىلەن چەكلەنگەن شەكىلدە قىرغاققا چىقىشقا ئىنتىلىۋاتىمىز. يەنە بەزىلىرىمىز نېمە ئىش قىلىشنى بىلمەيۋاتىمىز. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئالدى بىلەن بىزنىڭ قىلماقچى بولغىنىمىز بۇ پىسىخىك بۆھراننىڭ ئالامەتلىرى ۋە مەزمۇنلىرىنى چۈشىنىشتۇر. مۇشۇ جەھەتتىن ئىلىپ ئىيىتقاندا، بىز شەخسىي نۇقتىدىن ۋە كوللېكتىپ جەھەتتىن ئۆزىمىزنى قۇتقۇزىشىمىز كىرەك. شەخسىي جەھەتتىن قۇتقۇزۇش كوللېكتىپ جەھەتتىن قۇتقۇزۇش دېگەنلىك ئەمەس. «

خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە ھالسىرىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھەرخىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەر بىلەن تىركەشمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پارچىلانغان ئائىلىلەر، سىياسىي تەھدىت، خەۋىپسىزلىك تۇيغۇسى ۋە كىملىكسىزلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي كىرزىسلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي پىسىخىكىسىدا غايەت زور بۆھران پەيدا قىلماقتا ئىكەن.

دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي كىرىزىسنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي پىسىخىكىسىدىكى ئىنكاسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

» كەلگۈسىمىز قاراڭغۇلۇققا تولغان. ئۇيغۇرلار بىر كوللېكتىپ بولۇش سۈپىتى بىلەن قارمۇ-قارشىلىققا تولغان بىر دۇنيادا ياشاۋاتىدۇ. ئىككى كەلىمە بىلەن يىغىپ ئېيتقاندا، تىركىشىش بىلەن ۋاز كىچىش. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئىككى خىل ئىنكاس قايتۇرىۋاتىمىز. يەنى تىركىشىش ۋە ۋاز كىچىش. ئەگەر تىركىشىشنى تاللىساق، بۇنىڭ غايەت زور بەدىلى بار. بىراق ئاخىرىدا بىزنىڭ ساقلىنىپ قىلىشىمىزدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ۋاز كىچىش ۋە بەدەل تۆلەشنى خالىماسلىقنى تاللىساق، بىز ساق قالىمىز، بىراق مىللەت سۈپىتىدە ساق قىلالماسلىقىمىز مۇمكىن. مۇشۇ خىل ئەھۋال نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنى بارغانسېرى مۇشۇ ئىككى تاللاشنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بىز ئالدىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىركىشىشتىن ۋاز كېچىپ، ئاستا-ئاستا بۇ ئىشتىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدىغان، يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنى نورماللاشتۇرالايدىغان ۋە بۇ ئىشلارنى شەخسىيەتچىلىكىگە ئېلىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كۆرمەسكە سالالايدىغان بىر خىل يۈزلىنىشنى كۆرىۋاتىمىز. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئەخلاقى جەھەتتىن ئىنتايىن نۇمۇسلۇق بىر تاللاش. بۇ بىزنىڭ كەلگۈسىمىزگە غايەت زور قارا سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. كىتابىمدا مۇشۇ مەسىلىنى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىغا خىرىس شەكىللەندۈرىدىغان، ئىنتايىن قاتتىق، كېلىشتۈرگۈچى بولمايدىغان، كەلگۈسىمىزدىكى پۈتكۈل تاللاشلىرىمىزنى مەنبەلەيدىغان ئىككى خىل تاللاش ئانالىز قىلىنىدۇ. كىتابخانلار كىتابنى ئوقۇغان چىغىدا ئۆزلىرىگە مۇناسىپ كەلگەن جاۋاپنى ئالالايدۇ، دەپ قارايمەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتنىك قىرغىنچىلىقتا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسىي جەھەتتىنلا ئەمەس، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىنمۇ چوڭقۇر زەخمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مۇتەخەسسىسلەر تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلمەكتە. بىراق سىياسىي كىرزىس سەۋەپلىك يۈز بەرگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى پاجىئەلەرنىڭ ئىلمىي ۋە كەسپى نۇقتىدىن تەتقىق قىلىنىشى ئىنتايىن يېتەرسىز دەپ قارالماقتا.