مەمتىلى تەۋپىق ۋە «ئىزچىلار روھى»

0:00 / 0:00

بىز ئۇيغۇرنىڭ باللىرى، كۆڭلىمىز نۇرلۇق،

بېسىپ ئۆتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇغ.

كۆپ زامانلار سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،

دەريا دەريا قانلار تۆكتۇق ئەرك يولىدا.

بىزگە گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،

ئەسىر بولدۇق، تۇتقۇن بولدۇق ھالىمىز يامان.

كۈرەش بىلەن ئۆتتى ئەسىر، شانىمىز ئۇلۇغ،

بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق
.

ئوت يۈرەك شائىر، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېڭى مائارىپ ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ يۇقىرىقى بۇ شېئىرنى 1930-يىللاردا يازغانلىقى مەلۇم. ھالبۇكى، ئارىدىن 90 يىلدەك ۋاقىت ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بۇ شېئېرىدىكى ئاچچىق رېياللىق ھېلىھەم ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە تەكرارلانماقتا.

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ دوتسىنتى راھىلە قەشقىرى خانىم مەمتېلى تەۋپىق ھەققىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ مەمتىېلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەشلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى 1931-يىلى قۇمۇلدا ئىنقىلاب قوزغالغانلىقى ۋە بۇ ئىنقىلاب يالقۇنىنىڭ پۈتكۈل شەرقى تۈركىستان تۇپراقلىرىغا كېڭەيگەنلىكىنى ئاڭلاپ تۈركىيەدىن دەرھال ۋەتەنگە قايتىدۇ.»

راھىلە خانىم مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاتۇشقا قايتقاندىن كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «جاللات شېڭ شىسەي شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بايلار ۋە ئىلغار پىكىرلىك زاتلارغا قەست قىلىشقا باشلايدۇ. 1937-يىلى 5-ئايدا مىللەتنى ئويغىتىش ۋە تەربىيەلەشتەك مۇقەددەس ئىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەم بۇ يولدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان مەمتېلى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى تۇتۇپ كېتىلىپ، تۈرمىگە تاشلىنىدۇ.»

راھىلە خانىم ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېدى: «مەمتېلى ئەپەندى ئۆز دەۋرىدە زامانىۋى شەكىلدىكى مىللىي مائارىپنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئويغىنىشقا ۋە مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇشقا باشلايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن بىر شەخس ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇتۇلۇش ھەم جاھالەت-نادانلىقتىن قۇتۇلۇش ھەم مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلۇش ئىدى.»

1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە كۈرەشلىرى ھەققىدە كىتاب ۋە ماقالىلەر يورۇقلۇققا چىقىشقا باشلىدى. 1990-يىللاردا تونۇلغان ئوبزورچى يالقۇن روزى مەمتېلى ئەپەندى ھەققىدە بىر يۈرۈش كىتاب ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، «تەۋپىق روھى» نى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى. ئۇ «مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ كىتاب 1990-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلدى.

ئەپسۇسكى، 2016-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە تارىخ قايتا تەكرارلاندى. 1937-يىلى مەمتېلى ئەپەندى زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئارىدىن بىر ئەسىردەك ۋاقىت ئۆتكەندە خىتاي دائىرىلىرى مەمتېلى ئەپەندى ئۈچۈن كىتاب ۋە ماقالە يازغان يالقۇن روزىنىمۇ تۇتقۇن قىلدى. «مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن يالقۇن روزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى باشقا تۇتقۇندىكى يۈزلىگەن ئۇيغۇر سەرخىللىرىغا ئوخشاشلا مەلۇم ئەمەس.

يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئوغلى كامالتۈرك يالقۇن دادىسىنىڭ مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «دادام پەقەتلا تەۋپىق ئەپەندىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغان ئىدى. ئۇ كىتاب ۋە ماقالىلىرىدە ‹تەۋپىق روھى› نى جەمئىيەتكە كەڭ تارقىتىش، ‹ئىزچىلار› نىڭ مىللىي مائارىپ ۋە مىللەتنى ئويغىتىش يولىدا تۆلىگەن بەدەللىرىنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تارىخ تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بىر قۇتۇلۇش يولى تاپمىساق، تارىخنىڭ پاجىئەلىرى توختىماي تەكرارلىنىد.»

1930-يىللىرىدا مەمتېلى ئەپەندى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە ئوتتۇرىغا چىقارغان «تەۋپىق روھى» 1990-يىللاردا يالقۇن روزى قاتارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كىتاب ۋە ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە ئۇلاشقان ئىدى. ئۆز دەۋرىدە مەمتېلى ئەپەندى ياققان «ئىزچىلار مەشئىلى» نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قايتىدىن يېلىنجىماقتا.

تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلانى، دىنىي ئالىملارنى تۇتقۇن قىلدى، زىيالىيلار مىللەتنىڭ مىڭېسى ۋە ئەقلى. بىز چوقۇم زىيالىيلىرىمىزغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.»

مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد تۈركىيەدىكى «ئايخان» مائارىپىنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى 1930-يىللاردا يورۇتقان «مەرىپەت مەشئىلى» نى بۈگۈنكى «ئىزچىلار» داۋاملىق كۆتۈرۈپ مېڭىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا «ئايخان» ئانا تىل سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان بىر قېتىملىق دەرسنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئوقۇغۇچىلىرىم بىلەن ‹دۈشمەن نېمىدىن ئەڭ قورقىدۇ؟› دېگەن سوئالنى مۇنازىرە قىلىپ قالىمىز. مەن ئوقۇغۇچىلىرىمغا: ‹دۈشمەن بىزنىڭ بەك ئوقۇپ بىلىملىك بولۇپ كېتىشىمزدىن ئەڭ قورقىدۇ، › دەپ جاۋاب بېرىمەن. ئۇ يەنە «ئىزچىلار» قوشۇنىنىڭ تېخىمۇ زورىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەممىلا بالىدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكىلى بولمىسۇمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن بالىلار چوقۇم بۇ ئۈمىدىمىزنى ئاقلايدۇ. ئوننىڭ ئىچىدىن بىرى چوقۇم چىقىدۇ. ھاياتلا بولساق قوشۇنىمىز زورىيىپ ماڭىدۇ.»

زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى «ئانا تىل» مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى، مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ چەۋرىسى، بەش ياشلىق ھۈمەيرا ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ «ئىزچىلار مارشى» نى ناھايىتى جاراڭلىق ئاۋازدا دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.