تونۇلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەخمۇدوف: «مەن كۆرگەن دوزاخ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.03.08
Abdukhaliq-Mehmudof-Men-korgen-dozaq.jpg ئابدۇخالىق مەخمۇدوفنىڭ «مەن كۆرگەن دوزاخ» كىتابىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىكى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي، مەدەنىي مەسىلىلىرىدىن تاشقىرى يەنە مىللىي مەسىلىلىرىنىمۇ تەسۋىرلەشنى ئاساسىي ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلىپ بەلگىلىگەن ئىدى. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنى، باسقۇنچىلارنىڭ خەلق ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن زۇلۇمىنى، ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى تەسۋىرلەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاساسىي ۋەزىپىلەرگە ئايلاندى.

قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆز ئىجادىيىتىدە ئومۇمەن خىتاي باسقۇنچىلىقىنىڭ ئاقىۋەتلىرىنى، ئۇيغۇرلار بېشىغا چۈشكەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تەسۋىرلەشنى بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا. 

ئەنە شۇنداق ئەدىبلەرنىڭ بىرى ساتىرىك يازغۇچى ۋە شائىر ئابدۇخالىق مەخمۇدوفنىڭ يېقىندا «مەن كۆرگەن دوزاخ» ناملىق كىتابى ئالمۇتادا يورۇق كۆردى. كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، يازغۇچىدىكى مىللىي ھېسسىياتنىڭ ئويغىنىشىغا 1958-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئىستىل تۈزىتىش» سىياسىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئاتاقلىق شائىر تېيىپجان ئېلىيېفنى «تۈگىمەس ناخشا» شېئىرى ئارقىلىق جازاغا تارتقانلىقى سەۋەب بولغان ئىكەن. ئون باسما تاۋاق ھەجىمدىكى مەزكۇر كىتابتا يازغۇچىنىڭ پوۋېست ۋە ھېكايىلىرى، لەتىپە ۋە شېئىرلىرى ئورۇن ئالغان. 

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان يازغۇچى ئابدۇخالىق مەخمۇدوف مۇنداق دېدى: «مەن كۆرگەن دوزاخ دېگىنىم مەن 15-16 ياشلارغىچە ۋەتىنىمىزدىكى كۆرگەن، بىلگەنلىرىم، ئاڭلىغانلىرىم، ھېس قىلغانلىرىمدۇر. بۇ ياققا چىققاندىن كېيىنكى دەۋردە خىتايدا كۆرگەنلەر بىر توپلام بولۇپ چىقتى. بۇلار پەقەت بۈگۈنلا ئەمەس، بەلكى ئەنە شۇ 60-يىللاردا يېزىلغان نەرسىلەر.»

ئابدۇخالىق مەخمۇدوف خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى باشلانغاندىن بۇيان بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن چىقارغان بۇ توپلامدا بىز كۆرگەن دەرد-ھەسرەتلەر كۆرسىتىلگەن. بىزنىڭ مەقسىتىمىز خەلقنى ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەتكە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئىبارەت.» 

ئاتاقلىق شائىر ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوف كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ فاشىستىك سىياسىتىنى خەلقئارادا ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ھازىر ئۇيغۇرنىڭ دەۋاسى خەلقئارالاشتى. خىتاي ئۆزىنىڭ ئالدامچى ئىكەنلىكىنى خەلقئارادا تونۇتۇپ قويدى. ئابدۇخالىق مەخمۇدوفنىڭ كىتابى ئۇيغۇرىستاندىكى پاجىئەلەر توغرىلىق كىتاب ئىكەن. بىز ئۇنىڭدىن ‹ئىنتىزار› ژۇرنىلىدا ئۈزۈندى بەرمەكچىمىز. مەنمۇ بۇ پاجىئەلەردىن كېيىن ئۇيغۇرنىڭ داۋاسى ھەققىدە شېئىرلار يېزىپ، تاراتتىم.»

ئابدۇغوپۇر قۇتلۇقوفتىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە «تەڭرىتاغ تراگېدىيەسى»، «ئۇيغۇرىستان پاجىئەسى» ۋە «ئۇيغۇرىستان» داستانى ئۈچ كىتاب بولۇپ نەشر قىلىنغان ئىكەن. بۇ كىتابلارمۇ دۇنياغا تارىلىپ، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى خەلقئاراغا ئاشكارا قىلماقچىكەن. 

ئاباي نامىدىكى قازاق مىللىي پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى، شائىرە شائىرەم باراتوۋا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «تارىخىي ۋەتىنىمىز ماۋزۇسى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئىجادىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپىدىن ھېچ قاچان چۈشكەن ئەمەس. بۇ ماۋزۇ بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىللىرى ۋەتىنىمىزدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانغا بىر توپ تالانتلىق شائىر ۋە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆچۈپ چىقىشى بىلەن مەركىزىي ماۋزۇلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئەدىبلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى يۈرگۈزگەن مىللىي-ئازادلىق ھەرىكىتىنى، ئۇنىڭ بېشىغا چۈشكەن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا، ئەركىنلىككە، مۇستەقىللىققا بولغان ئىنتىلىشىنى، تەلپۈنۈشىنى، ئارزۇ-ئارمانلىرىنى تەسۋىرلىدى، كۈيلىدى. ئەلۋەتتە، 90-يىللىرى بىر قاتار سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن 200 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ياشايدىغان قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى يازغۇچىلىرىمىزغا يېڭى ۋە جۇشقۇن كەيپىيات، ئىلھام ۋە ئىنتىلىش ھەدىيە قىلغان ئىدى.»

شائىرەم باراتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مۇستەقىللىق، ئازادلىق ئىدىيەلىرى سوۋېت دەۋرىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەركىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچىلار بىۋاسىتە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئائىت بەزى مەسىلىلەر ئەتراپىدا ئوچۇق پىكىر قىلالمىغان ئىكەن. ئۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ بۇ ماۋزۇنى يەنىلا داۋام قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بولۇپمۇ 2009-يىلقى ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلدى. يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتىنىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا پىكىرداشلىقىنى بىلدۈرگەن ھالدا، بىر قاتار ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. شۇلار جۈملىسىدىن ئابدۇخالىق ئاكا مەخمۇدوفمۇ ئاتالمىش كىتابىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىگە چۈشكەن زوراۋانلىقنىڭ ھازىرغىچە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بوي بەرمەي، ھەرىكىتى، بىلىمى، قەلىمى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەشنى مەقسەت قىلغان.»

شائىرەم باراتوۋا يازغۇچى ئابدۇخالىق مەخمۇدوفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىنى ئاھالە ئارىسىدا ئاكتىپ تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابىدا «ئۇيغۇرلار ئەركىنلىككە يەتمىگۈچە كۈرىشىنى ھەرگىز توختاتمايدۇ» دېگەن ئىدىيەنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.