خىتاينىڭ مېڭە يۇيۇش تەربىيەسىدە يېتىلىۋاتقان يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئەندىشە قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.10.01
خىتاي كومپارتىيىسى ئۆزىنىڭ 100 يىللىقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش بىلەن تەبرىكلىمەكتە
Yettesu

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرى، لاگېر ھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىگە ئائىت دوكلاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، 16 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئاساسلىق باستۇرۇش نىشانى بولۇپ كەلگەن.

بۇ يىل ئاپرىلدا كانادا كىشىلىك ھوقۇق مۇزېيى بىلەن بىرلىكتە «خىتايدىكى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ماۋزۇلۇق يىغىن تەشكىللىگەن كانادالىق ئەر-ئايال گەرى دىك ۋە ئاندرېيا ئۇيغۇر دىيارىدا 10 يىل ياشىغان بولۇپ، ئۇلار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا شاھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلار 2016-يىلىدىن باشلاپ ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرلەپ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىلگەنلىكىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ: «ئۇلار 18 كىرسە ئۆزلىرىنىڭمۇ لاگېرغا تۇتۇلۇپ كېتىدىغىنىنى بىلىدۇ. شۇڭا دۇنيادا پەقەت شىنجاڭدىلا ئوغۇللار 18 ياشقا كىرىشتىن قورقىدۇ. ھەممە كىشى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدۇ، بالىلارمۇ شۇنداق،» دېدى

2019-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە «كۆپ قىسىم كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى» نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسىدىكى لاگېرلارغا دائىر بىر قىسىم ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولغان ئىدى.

گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس، «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتور ئادريان زېنز «قاراقاش ھۆججەتلىرى» نى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا تونۇشتۇرغاندا، ئۇنىڭدىكى لاگېرغا قامالغان كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان ياكى سىياسىي جەھەتتىن «ئىشەنچلىك ئەمەس» دەپ قارالغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ بۇ كىشىلەرنىڭ ئىزچىل لاگېردىن چىقالماي كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن ئىدى. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلارنىڭ دەسلەپكى ئەندىزىسى ۋە تەييارلىق خىزمەتلىرى 2016-يىلى ئاۋغۇستتا چېن چۇەنگو كېلىشتىن خېلى بۇرۇنلا تەييار قىلىپ قويۇلغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر لاگېر باشلىنىشتىن خېلى ئىلگىېرىلا ئاتالمىش «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» ئېلان قىلىپ، ئۇنى ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ئىدى. يەنى «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى» نى ئۆگىنىش دولقۇنىدا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- ۋە 90-يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلارنى ئاساس قىلىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

2014-يىلى 23-مارت خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش» ئۈچۈن مەخسۇس پائالىيەت باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» ئەينى ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغان «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق جىنايىتى» گە چېتىشلىق 200 دىن ئارتۇق گۇماندارلارنىڭ ئاساسەن 80- ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ئىكەنلىكىنى، بۇ ياش باسقۇچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ئىدىيەسى» نى قوبۇل قىلىپ، «زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرى» تۇغدۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئاسالىق ئامىلىغا ئايلانغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.

گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى ۋە سابىق ئوقۇتقۇچى قەلبىنۇر سىدىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارغا ئادەم تۇتۇشتا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-ۋە 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئاساسلىق نىشان قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىلى 10-سېنتەبىر ئېلان قىلغان «ئىدىيەۋى كېسەللىكنى يوقىتىش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان زور ھەجىمدىكى مەخسۇس دوكلاتىدا لاگېرلارنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى ئەھۋاللار، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىنى نۇقتىلىق نىشانغا ئېلىشى ۋە بۇنىڭدىكى مۇددىئا ۋە مەقسەتلەر ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلار بېرىلگەن ئىدى. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ لاگېرلارنى يېڭى ئاچقان مەزگىللەردە بىر قىسىم كىشىلەرنى «تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. «تەربىيىلەش» كە ئەۋەتىلىدىغان ئۇيغۇرلار «ئىشەنچلىك»، «ئادەتتىكىچە» ياكى «ئىشەنچسىز» دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ چىقىلغاندىن كېيىن، شۇنىڭغا ماس ھالدا ئوخشاش بولمىغان «تەربىيەلەش» نۇقتىلىرىغا ئەۋەتىلگەن.

كىشىلىك ھوقوقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر دوكلاتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان مايا ۋاڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئومۇمىييۈزلۈك ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەھدىت دەپ قارىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ دىنىي ئتىقاد ۋە ئۆز مەدىنىيىتىگە ئائىت ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشالىغان بىر قەدەر راھەترەك دەۋرلەردە چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ياشلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى مىللىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى مەدەنىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدىنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ياشىشىمۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىپ، ئۇلار لاگېرلارغا ئەۋەتىلمەكتە، ‹تېرورلۇق› قالپاقلىرى بىلەن جازالانماقتا. ئەمەليەتتە كىشىلەرنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە كىملىكىنى بىلىشى، خىتاينىڭ ئۇلارنى ‹تېررورلۇق› قالپىقى بىلەن باغلاپ جازشالىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. بۇ خىل جازالارغا دۇچار بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ زور بىر قىسمى ئەنە شۇنداق بىمەنە سەۋەبلەر بىلەن سولانغانلاردۇر.»

نورۋىگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ 70 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى 18 ياشتىن 45 ياشقىچە بولغان ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىكەن.

يېقىندا فېيسىبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ۋىدىيولۇق سىن كۆرۈنۈشلىرىدە 8 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي مۇخبىر تەرىپىدىن نۆۋەت بويىچە زىيارەت قىلىنغان. خىتاي مۇخبىر ئۇيغۇر بالىلاردىن: «سەن كىم؟ دۆلىتىڭ قەيەر؟ جۇڭگونىڭ يەر مەيدانى قانچە؟ كىمنى ئەڭ سۆيۈسەن؟ چوڭ بولغاندا نېمە بولىسەن؟» دېگەندەك سىياسىي خاراكتېرى كۈچلۈك سوئاللارنى سورىغان. 8 ياش ئەتراپىدىكى بۇ ئۇيغۇر بالىلار خۇددى يادلاۋالغاندەك راۋان خىتاي تىلى بىلەن: «مەن جوڭگولۇق، جوڭگونى سۆيۈمەن، چوڭ بولسام ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىسى بولۇپ ۋەتەننى قوغدايمەن، ساقچى بولۇپ ئەسكى ئادەملەرنى تۇتۇمەن. . . .» دېگەندەك جاۋابلارنى بەرگەن. بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنى قاتتىق ئەندىشىلەندۈرگەنلىكى مەلۇم.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم باشلانغۇچ مەكتەپتە 28 يىل خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋە لاگېردا خىتاي تىلى تەربىيەسى بېرىشكە مەجبۇر بولغان قەلبىنۇر سىدىق خانىم، بۇ ۋىدىيولارنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى ئاسسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ قانچىلىك نەتىجە بېرىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ۋېدىيولار خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ 3 ئەۋلاد ئۇيغۇرلارغا كەلتۈرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ ئىسپاتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن يۈزلىنىدىغان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەردىن بېشارەت بېرىدۇ، دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.