«مەن بۇ بالىلارنى ھەر قانچە ئۆز بالىلىرىمدىن ئايرىم كۆرمىسەممۇ، ھەتتا ئۆز بالىلىرىمدىن بەكرەك ئۈستۈن تۇتساممۇ يەنىلا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايمەن، بەزىدە بالىلارنىڭ يالغۇز قالغاندا خىيالغا چۆكۈپ تۇرۇپ قالغىنىنى كۆرسەم، بوغۇزۇمغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندەك، يۈرەكلىرىم پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ».
بۇ، ھازىر تۇتقۇندىكى ئىمىنجاننىڭ ئىككى بالىسى ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەگە 8 يىلدىن بۇيان قېرىنداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈپ، ئاتىدارچىلىق قىلىپ كېلىۋاتقان شىۋېتسارىيەدىكى ئابدۇخېلىلنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدۇر.
ھازىر تۈركىيەدە ئابدۇخېلىلنىڭ ئىنىسى بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئابدۇللامۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىلغان مىنۇتلارنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«ئاتا-ئانام كەتكەندە مەن تېخى كىچىك بولۇپ، تېخى يەتتە ياشتا ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانامنىڭ دېيىشىچە بوۋام ئاغرىپ قاپتىكەن، بىزنى سىلەر ئابدۇخېلىل داداڭلارنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ تۇرۇڭلار، بىز كەلگەندىن كېيىن سىلەرنى بوۋاڭلار بىلەن موماڭلارنى كۆرگىلى ئېلىپ ئاپىرىمىز دېگەن ئىدى. ئۇلار كېتىپ ئارىدىن بىر ئىككى ئاي ئۆتۈپلا ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنىڭ ئاتا-ئانىسى يۇرتىغا كەتكەندىن كېيىن، ئابدۇخېلىل ۋە ئۇنىڭ ئايالى رازىيە ئۆزلىرىگە ئامانەت قالدۇرۇلغان بۇ ئىككى بالىنى ئۆز بالىلىرىدەك كۆرۈپ، ئۇلارغا ئاتا-ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن. 7 ياش ۋاقتىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان ئابدۇللا ھازىر چوڭ بولۇپ 11-سىنىپتا ئوقۇيدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالغان. ھازىرمۇ ئاتا-ئانام بىلەن جەم بولسام، دېگەن ئۈمىد ئىچىدە ياشاۋاتقان ئابدۇللا ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
«ئاتا-ئانام كەتكەندىن بۇيان، ئۇلارنى ھېچ ئۇنىتالمىدىم. ئۇلارنى سېغىنىشىم كۈندىن كۈنگە كۈچىيىۋاتىدۇ، كىچىك ۋاقتىمدا بەك ھېس قىلمىغان بولساممۇ، ئەمما ھازىر ھەر ۋاقىت ئۇلارنى ئەسلەيمەن، ئابدۇخېلىل داداملار بىزگە بەك ياخشى قارىغاچقىمۇ كىچىكىمدە بەك جىق ئويلاپ كەتمەپتىكەنمەن، ئەمما چوڭ بولغانسېرى ئاتا-ئانىنىڭ بىز پەرزەنتلەر ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىلدىم، شۇنداقلا سېغىنىشلىرىم كۈچىيىۋاتىدۇ.»

ئابدۇخېلىلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمىنجان بىلەن سابىرە ۋەتەنگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇلارنى تۈرمىگە ئەكىرىپ كەتكەنلىكى خەۋىرى كەلگەن. ئارقىدىنلا مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنى خىتاي ساقچىلىرى كېلىپ قايتۇرۇپ ئەكىتىدىكەن، دېگەن خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنى ئېلىپ مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەن. شۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمە يۇرتىدىكى بوۋىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم، يەنى 2017-يىلى 6-ئايلاردا تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
ئابدۇخېلىلنىڭ دېيىشىچە، بالىلارنىڭ بوۋىسى ساۋۇر ھاجىمنىڭمۇ شۇ قېتىملىق كۆرۈشۈشتىن كېيىن تۈرمىگە سولانغانلىق خەۋىرى كەلگەن. ئابدۇخېلىل، 2021-يىلى تۈركىيەدىكى باياندايلىقلاردىن ساۋۇر ھاجىم بىلەن ئىمىنجاننىڭ تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان.
بىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن غۇلجا شەھەر بايانداي ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەلدىن كەلگەن تېلېفونلارنى ئالماسلىق ئۇقتۇرۇشى بولغاچقىمۇ، بايانداي ساقچىخانىسى تېلېفونىمىزنى ئالمىدى.
بۇ بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئە بۇنىڭ بىلەنلا تۈگىمىگەن. ئابدۇخېلىلنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ بالىلارنىڭ چەت ئەلدىكى بىردىنبىر تۇغقىنى، ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنىڭ تاغىسى سۇلتان قارىمنىمۇ خىتاي ساقچىلىرى ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن ئائىلىسىگە تەھدىت سېلىش ۋە گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ئارقىلىق، مىسىردىن قايتۇرۇپ ئەكەتكەن. سۇلتان قارىم ئىككى قىزى ئايشە بىلەن خەدىچەنى ۋە 9 يېشىدىكى كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ غۇلجاغا قايتقان بولۇپ، شۇ قايتىشىدا ئۇلارمۇ ئىمىنجان ۋە سابىرە بىلەن بىللە جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن، كىچىك ئوغلىنى بالىلار لاگېرىغا ئېلىپ كەتكەنلىك خەۋىرى كەلگەن.

ئابدۇخېلىلنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ تۈركىيەدىكى كۈنلەردە يۇرتى غۇلجىدىكى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن توختىماي تەھدىت تېلېفونلىرى كېلىپ تۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئاخىرى ئۆزىنىڭ تۆت بالىسى ۋە ئىمىنجاننىڭ قىزى مۇسلىمەنى ئېلىپ ياۋروپاغا كېتىشكە مەجبۇر بولغان. 2022-يىلى ئەتىيازدا شىۋېتسارىيەگە ساق-سالامەت كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئابدۇللا تۈركىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، ئۇنى كۆنگەن مۇھىتتىن ئايرىماسلىق ئۈچۈن، ئابدۇخېلىلنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆيىگە ئامانەت قويۇپ كەلگەن.
ئابدۇخېلىل ئۆز ھېسسىياتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ مۇسىبەت پەقەتلا ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنىڭ مۇسىبىتى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا پۈتكۈل مىللەت گەۋدىسى بىلەن كېلىۋاتقان بىر مۇسىبەتتۇر، بۇنداق بالىلار ھازىر ئىستانبۇلدا بەكمۇ كۆپ، نۇرغۇنلىغان تونۇشلىرىمىزنىڭ بالىلىرى شۇ شەكىلدە يا ئانىسىدىن، يا دادىسىدىن ئايرىلدى. ئەمما مەن قاراۋاتقان بۇ ئىككى بالا ھەم ئاتىسىدىن ھەم ئانىسىدىن بىراقلا ئايرىلدى، قارا يېتىم بولۇپ قالدى. مەن ھەرقاچان ئالدى بىلەن مۇشۇ بالىلارنى خۇشال قىلىشقا، كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ كەلدىم. بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە»
ئابدۇخېلىل ئاخىرىدا مۇنۇلارنى تەكىتلەپ ئۆتتى: «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ھازىر تەسۋىرلىگۈسىز بىر جۇدالىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمە بۇنىڭ تىپىك بىر مىسالى بولالايدۇ. ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمە ماڭا يالغۇز ئاتا-ئانىسىنىڭلا ئامانىتى ئەمەس، بەلكى مىللىتىمىزنىڭ ئامانىتى، مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىدۇر ئەلۋەتتە، بۇلارغا ئۆز بالىلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش بىزنىڭ ئىنسانىي، مىللىي ۋە دىنىي بۇرچىمىز، دەپ قارايمەن.»