مەڭگۈلۈك جۇدالىق ۋە قېرىنداشلىق مېھرى

0:00 / 0:00

«مەن ھازىر ئاتا-ئانامنىڭ چىرايىنى ئەسلەشكە تىرىشىمەن. ئۇلارنى ھەر كۈنى چۈشلىرىمدە كۆرىمەن ھەمدە ئويغانغاندا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئەسلەشكە تىرىشىمەن. لېكىن ئەسلىيەلمەيمەن. كوچىلاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن خۇشال-خۇرام مېڭىۋاتقان بالىلارنى كۆرسەم ياكى مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن قايتقانلىقىنى كۆرسەم ئاۋازىمنى قويۇۋېتىپ يىغلىغۇم كېلىدۇ. ھەر قاچان مەكتەپتىن قايتىدىغاندا مەكتەپ ئالدىدا ئاتا-ئانام ساقلاۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن، ئەمما مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ ھەممە بالىلارنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە يالغۇز قالىمەن.»

ئابدۇللا ئىمىنجان ۋە مۇسلىمە ئىمىنجان
ئابدۇللا ئىمىنجان ۋە مۇسلىمە ئىمىنجان (RFA/Hebibulla)

بۇ ھازىر شىۋىتسارىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان، بۇ يىل ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن مۇسلىمەنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان يەتتە يىلدىن كېيىن رادىيومىزغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ بىر مۇھىم مەزمۇنى ئائىلە جۇدالىقى بولۇپ، بۇنىڭ قۇربانى سۈپىتىدە مىڭلىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىسىز ۋە يار-يۆلەكسىز قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. مۇسلىمە ۋە ئابدۇللا ئەنە شۇ پەرزەنتلەرنىڭ ئىچىدىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلاردىن بولۇپ، بۇ ئائىلىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ تىپىك كارتىنىسى دېيىش مۇمكىن. ئۇلارنىڭ بايانلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي يېزىسىدىكى بىر چوڭ تىجارەتچى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئىمىنجان ساۋۇرجان ۋە ئايالى سابىرە ئابدۇقادىر 2014-يىلى تىجارەت قىلىش ئۈچۈن مىسىرغا چىقىپ قاھىرەگە يەرلىشىدۇ. ئىمىنجان ۋە سابىرە مىسىرغا چىققاندىن كېيىن يەنە بىر بالىسى دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ جەرياندا ئىىمىنجان ئوغلى ئابدۇللا ۋە قىزى مۇسلىمەنى قاھىرەدىكى بىر مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ.

ئىمىنجان بىلەن سابىرە ئىش باشلاش ئالدىدا تۇرغاندا تۇيۇقسىزلا 2016-يىلى 5-ئايدا يۇرتى غۇلجىدىكى تۇغقانلىرى دادىسىنىڭ ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى ۋە جىددىي كېلىپ كېتىشىنى ئېيتىپ تېلېفون قىلىدۇ. ئىمىنجان بۇ ۋاقىتتا ئىككى بالىسى مەكتەپتە بولغانلىقى ئۈچۈن يەتتە ياشتىكى ئابدۇللا بىلەن ئالتە ياشتىكى مۇسلىمەنى دوستى ئابدۇخېلىلغا ئامانەت قىلىپ قويۇپ، 15 كۈندە قايتىپ كېلىمىز دەپ مىسىردىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدۇ.

بۇ ئايرىلىش بىر ئائىلىنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەسىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئىمىنجان بىلەن سابىرە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا چۈشكەندىن كېيىن شۇ كۈنى كېچىدە دوستى ئابدۇخېلىل بىلەن ئۈندىدار ئارقىلىق كۆرۈشكەن. شۇنداقلا بۇنىڭ بىر قىلتاق ئىكەنلىكىنى، تولىمۇ ئەپسۇسلۇق بولغىنى ئەمدى بەكمۇ كېچىككەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۇنىڭ ئابدۇخېلىلغا دېيىشىچە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىغا چۈشكەندىن كېيىن ئىمىنجان ۋە سابىرە خىتاي تاموژنا ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق سوراقلىرىغا دۇچ كەلگەن. ئەسلىدە غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن خىتاي چېگرا ساقچىلىرى ئۇلارنى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ساقلاپ تۇرغان ئىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى تۈگىمەس سوئال-سوراق ۋە بىر كۈنلۈك تۇتۇپ قېلىشتىن كېيىن ئىمىنجاننىڭ دادىسى، باياندايدىكى «ساۋۇر ھاجىم مانتىخانىسى» نىڭ خوجايىنى ساۋۇرجان ھاجىم كېپىللىك بېرىپ، ئەر-ئايال ئىككىسىنى ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدىن ئېلىپ چىققان. ئەمما خىتاي ساقچىلىرى بۇلارنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. پەرزەنتلىرىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئىمىنجان ئۇ كۈنى ئۈرۈمچىدە ساقلاپ تۇرغان تۇغقانلىرى بىلەن غۇلجىغا قايتىدۇ. ئەمما غۇلجىغا قايتقاندىن كېيىن شۇ كۈنى كېچىدە غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى كېلىپ بۇ ئەر-ئايال ئىككىسىنى يەنە تۇتۇپ كېتىدۇ. سوراق جەريانىدا ئىمىنجاننىڭ ئىككى بالىسىنىڭ مىسىردا قالغانلىقىنى بىلگەن ساقچى تەرەپ، دەسلەپتە بالىسىنى تېزلىكتە قايتۇرۇپ ئەكېلىشىنى ئېيتىپ ۋاقىتلىق قۇيۇپ بېرىدۇ.

ئىمىنجاننىڭ دوستى، نۆۋەتتە شىۋىتسارىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان ئابدۇخېلىلنىڭ دېيىشىچە، ئىمىنجان ئۇنىڭغا غۇلجىدا كىچىك بالىلارنىمۇ بالىلار لاگېرلىرىغا ئەكىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنى ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن بۇلارنى ئالداش ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئابدۇخېلىلغا ئىككى بالىسىغا قاراپ تۇرۇشنى، پاسپورتىنى ئالالىسىلا ياكى بىر يول چىقسىلا قايتىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا ساقچى ۋە ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلارنىڭ بالىلارنى ئەكەلدۈرۈش ئۈچۈن ھەر كۈنى بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە دادىسىنىڭ ھېچقانداق كېسەل ئەمەسلىكىنى، ئائىلىسىگە ساقچىلارنىڭ بېسىم قىلىپ دادىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدە تېلېفون قىلدۇرغانلىقىنى ۋە شۇ شەكىلدە ئۆزىنى قىلتاققا چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئابدۇخېلىل شۇنداق دەيدۇ:

ئىمىنجان شۇ قېتىملىق ئالاقىلىشىشتە ئابدۇخېلىلغا يەنە مىسىردىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىغا ئەكېتىلگەنلىكىنى، شۇڭا ئابدۇخېلىلنىڭمۇ ھەرگىز كەلمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. شۇ يىلى 6-ئايدا، يەنى ئىمىنجان ۋە سابىرەنىڭ ئابدۇخېلىل بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن ئاخىرقى قېتىم ئالاقىلەشكەندە، ئىمىنجاننىڭ ئايالى سابىرە سوراقتا ئىككى بالىسىنى ئابدۇخېلىلغا تاپشۇرۇپ قويۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى دەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا خىتاي ساقچىلىرى ئابدۇخېلىلغىمۇ تېلېفون قىلىپ قايتىپ كېلىشىنى ۋە دادىسىنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئوخشاش ئويۇننى ئوينىماقچى بولىدۇ. ئىمىنجاننىڭ ئاقىۋىتىدىن چۆچۈگەن ئابدۇخېلىل مىسىردىن ساق-سالامەت كېتىۋالغۇچە «ئەتە قايتىمەن، ئۆگۈن قايتىمەن» دېگەندەك باھانىلەر بىلەن ۋاقىت ئۇتۇشقا تىرىشقان ۋە 2016-يىلىنىڭ بېشىدا ئائىلىسىنى ۋە ئىمىنجاننىڭ ئىككى بالىسى (ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمە) نى ئېلىپ مىسىردىن تۈركىيەگە كەتكەن.

ئابدۇخېلىلنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىمىنجاننىڭ دادىسى ساۋۇر ھاجىم ۋە ئۇنىڭ نەۋرىلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن. شۇ چاغدا ئۇلار ئىمىنجان بىلەن سابىرەنىڭ جازا لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئابدۇخېلىلنىڭمۇ دادىسى، ئاكىسى ۋە ئايالىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭمۇ جازا لاگېرىغا ئەكېتىلگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ ئابدۇللا بىلەن مۇسلىمەنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن چوڭ دادىسى بىلەن ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشۈشى ئىدى. ئەمما بۇ تىراگېدىيە بۇ يەردە تۈگىمىگەن، غۇلجىدىن ئارقا-ئارقىدىن شۇم خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىغان. خىتاي ساقچىلىرىمۇ ئابدۇخېلىلغا ئىمىنجاننىڭ ئىككى بالىسىنى ئېلىپ دەرھال قايتىشىنى، بولمىسا نەدە بولسا بولسۇن تۇتۇپ كېلەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت قىلىشقا باشلىغان.

بۇ پىروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز «مەڭگۈلۈك جۇدالىق ۋە قېرىنداشلىق مېھرى» تېمىسىدىكى خەۋىرىمىزنىڭ داۋامىدا بولسۇن!