«مېنىڭ شەھىرىم ئەركىن شەھەر» ناملىق پائالىيەتتە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تونۇشتۇرۇلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.10.21
maskining-arqisida-abduweli-ayup-01 ئابدۇۋەلى ئايۇپ بىلەن رېژىسسور ھاۋارد بۇستنېس سەھنىدە يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2024-يىلى 19-ئۆكتەبىر، نورۋېگىيە
RFA/Hebibulla izchi

17-ئۆكتەبىردىن 19-ئۆكتەبىرگىچە، نورۋېگىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان تروندخەيىم شەھىرىدە «مېنىڭ شەھىرىم ئەركىن شەھەر» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن. پائالىيەتكە، «پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا شەھەرلەر تورى» ناملىق ھۆكۈمەتكە تەۋە ئەمەس ئورگاننىڭ ھىمايىسى ئاستىدا نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە، دانىيەلەردە ياشاۋاتقان سۈرگۈندىكى يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچىلار ئۆزئارا تونۇشۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغان. ئەنە شۇ قاتاردا نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مەريەم سۇلتان ۋە باشقا ئۇيغۇر قەلەمكەشلەرمۇ تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، سەنئىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنى تونۇشتۇرغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئابدۇۋەلى ئايۇپنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندا ئوتتۇرىغا قويغانلىرىنى ئورتاقلاشتى.

پائالىيەتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە مەخسۇس ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خەتەر ئاستىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۈچۈن ئايرىم بۆلۈم ئاجرىتىلغان. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاجرىتىلغان بۇ بۆلۈمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ، مەريەم سۇلتان ۋە نورۋېگىيەدىكى باشقا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دۇچ كەلگەن ئاچچىق قىسمەتلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرى بىلەن قوشۇپ ئاڭلىتىپ يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان. مەريەم سۇلتان يەنە بۇ يىغىندا، «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ناملىق دوكلات بەرگەن. ئۇ دوكلاتىدا يىغىن ئەھلىگە، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەركەزلىك توختىلىپ، ئۇنىڭ قانداق قىلىپ خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ، دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇقامدىن ئارىيە ئورۇنلاپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەريەم سۇلتان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئورتاقلاشتى.

«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» دېگەن فىلىمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي ساقچى ۋاڭ لېجەن بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش.
«ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» دېگەن فىلىمدە ئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتاي ساقچى ۋاڭ لېجەن بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈش.
RFA/Hebibulla izchi

بۇ پائالىيەت ئاخىرىدا ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ، ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋە سوراققا تارتىش جەريانىغا بىۋاسىتە قاتناشقان سابىق ساقچى بىلەن يۈزلىشىش جەريانى ئاساس مەزمۇن قىلىنغان «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق فىلىمى قويۇلغان. يىغىن مەيدانىدىكى كىشىلەرنىڭ شاھىتلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىرىدىن باشقا يەنە بۇ فىلىمدىكى پېرسوناژلارنى كۆز ئالدىدا كۆرۈشى ۋە ئۇلارنىڭ سوئاللارغا جاۋاب بېرىشى چوڭقۇر قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان. بۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇشتىكى ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر پائالىيەت بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەريەم سۇلتان بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنىمۇ بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەت، تروندخەيم شەھىرىنىڭ «پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن خەلقئارا شەھەرلەر تورى» ناملىق ئورگانغا ئەزا بولغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە تەشكىللەنگەن. بۇ ئورگان مەخسۇس خەتەر ئاستىدىكى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچى ۋە سەنئەتكارلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەش، بۇ ئارقىلىق پىكىر ئەركىنلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مەزكۇر ئورگان چېچىنىيە، ئىران، مىسىر، لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن يۆتكەپ كېلىنگەن، تەھدىتكە ئۇچرىغان يازغۇچىلار ئۈچۈن ئەركىن ۋە بىخەتەر ھالەتتە ئۆزىنى ئىپادىلەش ۋە يېزىش پۇرسىتى ياراتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلەردىنمۇ ئالتە كىشى بۇ ئورگان تەرىپىدىن نورۋېگىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يەرلەشتۈرگەنىدى. ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇ ھەقتىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

لېكسىيە ۋە فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، كۆرۈرمەنلەر بەس-بەستە ئۆزىنىڭ تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئايرىلغان بۆلۈمىگە ئەڭ كۆپ كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئۇ جانلىق ۋە قىزغىن كەيپىياتتا ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.