2023-يىلىدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى: مەنپەئەتلەر ۋە توقۇنۇشلار

0:00 / 0:00

خىتاينىڭ تەدرىجىي ھالدا ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدە سۈپىتىدە باش كۆتۈرۈشى ھەمدە ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى يېتەكچىلىك قىلىپ كېلىۋاتقان دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتەك دۇنياۋى تەرتىپنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان ھالدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ مېڭىۋاتقانلىقىغا بىرنەچچە يىل بولۇپ قالغان ئىدى. يېقىندىن بۇيان بۇ ھالنىڭ بارغانسېرى يۇغۇرى پەللىگە چىقىشى كۆپلىگەن ئانالىزچىلارنىڭ ئورتاق پىكىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ جوۋ بايدېن ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ سابىق پرېزىدېنت دونالد تىرامپ دەۋرىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ بۇ خىل ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشمايلا قالماستىن، خىتاينى مەركەز قىلغان بىر قاتار سىياسەتلەر ئاقساراينىڭ مۇھىم تېمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى، شۇنىڭدەك خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ھەمدە تەيۋەنگە بولغان ھەربىي خىرىسلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە بىر قاتار سوئاللار قويۇلدى. ئاخىرىدا بولسا خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەگە ھەمدەم بولۇشى ئامېرىكا ئۈچۈن تېخىمۇ زور خىرىس بولۇپ قالدى.

ھالبۇكى 2022-يىلى 14-نويابىر كۈنى ھىندونېزىيە ساھىبخانىلىق قىلغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G20) دا جوۋ بايدىن پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تۆت سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشتى. ھېچقايسى تەرەپ سۆھبەتنىڭ خاتىرىسىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ سۆھبەتتىن كېيىن جوۋ بايدېن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «مېنىڭچە ھازىر خىتاينىڭ دەرھال تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىش تەھدىتى مەۋجۇت ئەمەس. مەن يەنە شۇنىڭغىمۇ قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سوغۇق ئۇرۇشقا ھازىرچە ھاجەت يوق. بىز ئىلگىرىدىن دەپ كېلىۋاتقان ‹بىر خىتاي سىياسىتى›نى ئۆزگەرتمەيمىز» دېدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭمۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكا ۋە خىتاي تارىخقا مەسئۇل بولغان ھالدا ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا يولغا باشلايدۇ. خىتاي ۋە ئامېرىكا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلار بىر-بىرى ئۈچۈن خىرىس ئەمەس، بەلكى پۇرسەتتۇر» دېدى.

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» (Nikkei) گېزىتىنىڭ 19-دېكابىردىكى ئوبزور ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنە شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان يىرىكلىشىشتە تۇنجى قېتىم «ۋاقىتلىق توختاش» شەكلىدىكى «توڭ ئېرىش» ھادىسىسى كۆرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندى ئۇزۇندىن بېرى پىلان قىلىنىپ كەلگەن «خىتاي سارىيى» قۇرۇش ھەققىدىكى ۋەدىسىنىمۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندىن كېيىن ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئارقىدىنلا ئانتونى بىلىنكېن ئەپەندىنىڭ 2023-يىلىنىڭ بېشىدا خىتايغا رەسمىي زىيارەتكە بارىدىغانلىقى ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مۇھاكىمىلەرنىڭ بولىدىغانلىقى مۇقىملاشقان.

«يېرۇسالېم پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 14-دېكابىردىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسىي پېلوسى خانىم تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى سوغۇقچىلىق جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بالى ئارىلىدىكى سۆھبىتىدىن كېيىن «تارىخىي شەكىلدە» پەسكويغا چۈشكەن. ئاپتور سېلىم ئەلكەتبى (Salem Alketbi) مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشكە ئاساسەن ئانتونى بىلىنكېننىڭ 2023-يىلىدىكى بېيجىڭ زىيارىتى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى بولغۇسى «سوغۇق ئۇرۇش» ۋەزىيىتىنى ئاز دېگەندىمۇ مەلۇم مەزگىل ئارقىغا سۈرۈۋېتىشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا-سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكىگە ئوخشاش «سوغۇق ئۇرۇش» ۋەزىيىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتىكى سەۋەبلەر قاتارىدا ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق رىقابەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكىگە ئوخشاش ھەربىي ساھەدە ئەمەس، بەلكى پەن-تېخنىكا ۋە ئىقتىساد ساھەسىدە ئىكەنلىكىنى، يەنە كېلىپ جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭنىڭ بىردەك بۇ خىلدىكى بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇشقا ئارىلىشىپ قېلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا قارشى تەرەپكە تايىنىدىغان ئامىللار مەۋجۇت بولغانلىقتىن ئۇلارمۇ ھازىرقى ۋەزىيەتتە بىۋاسىتە ھەربىي توقۇنۇش پەيدا قىلىشنى خالىمايدۇ.

«ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىلدىكى مۇناسىۋەتلەر ماھىيەتتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە نىسپىي تىنچلىققا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. ئەمما رېئاللىق بۇ ساھەدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرگە سوئال قويۇۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچىسى خىتاينىڭ ھېلىھەم خەلقئارا سىستېمىنىڭ مەركىزى بولۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ھەم ۋاز كېچىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. خىتاينىڭ دۇنياۋى سىستېمىنىڭ مەركىزى بولۇش نىيىتى ئۆزگەرمىسە ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن ئىتتىپاقلىق ئورنىتىشىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ. يەنە كېلىپ يېقىندا ئۈچىنچى نۆۋەت «ئالىي رەھبەر» بولۇۋالغان شى جىنپىڭ «شى جىنپىڭ دەۋرى» دەپ بىر دەۋر يارىتىش كويىدا بولۇۋاتقانلىقتىن ئۇنىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش نىيىتىنى لاپ ئۇرۇش، دېگىلىمۇ بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە بىر قېتىملىق پەسكويغا چۈشۈش دولقۇنىدا ئۆزىنىڭ ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ خىتايغا قارشى تېخىمۇ زور كۈچ ھاسىل قىلىشقا زېھىن قويۇشقا باشلىغان. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاي بىلەن ئاۋسترالىيە، لىتۋا، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنىڭ بۇزۇلۇشقا يۈزلىنىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ «دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىجازەت بېرىش قانۇن لايىھىسى» (NDAA) نى پات ئارىدا ماقۇللاش ئالدىدا تۇرۇشى دېگەنلەر ئامېرىكا تەرەپنىڭمۇ بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا بروكىڭ ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى رايان خاس (Ryan Hass) نۆۋەتتىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆپ قىرلىق ئامىللارنىڭ مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنداق مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە مەيلى ئامېرىكا بولسۇن ياكى خىتاي بولسۇن ھېچقايسىسىنىڭ ئالدىراپ بۇ مەسىلىدە تۈپلۈك ئۆزگىرىش خاراكتېرىدىكى بىرەر قارال ئالالمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. بولۇپمۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتى چېكىنىش ھالىتىگە يۈزلىنىۋاتقاندا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئامېرىكا بىلەن بىۋاسىتە توقۇنۇشقا كىرىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئانچە چوڭ ئەمەس، دېيىشكە بولىدۇ.

«مېنىڭ بىلىشىمچە، شى جىنپىڭ ھازىر خىتاينى قۇدرەتلىك ھالغا ئېلىپ كەلگەن بىر داھىي سۈپىتىدە تونۇلۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ھازىرقى خىتاينى ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتلەردە ‹قەد كۆتۈرگەن› ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىش شەرتىنى ھازىرلاپ بولدى، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئەمما قارايدىغان بولساق خىتاينىڭ دۇنياۋى تەرتىپنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كۆپلىگەن ئامىللار ئۆچىرىتى بىلەن تۇرۇپتۇ. خىتاينىڭ بۇ يوسۇندىكى ‹قەد كۆتۈرۈشى›دىن ئەندىشىگە چۈشىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس. ئامېرىكىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئەمما خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك قاتلىمى بۇ خىل توسقۇنلۇقلارنى تۈگىتىشتە ‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش›نى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئىقتىسادتىن خەۋىرى بار كىشىلەرگە سىر ئەمەسكى، بۇ خىلدىكى ئۆز-ئۆزىنى قامداش ئاساسىدىكى ‹ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش› ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك ئاسانمۇ ئەمەس، يەنە كېلىپ تارىختىن بۇيان بۇنىڭ ھېچقاچان زور ئۈنۈمى بولغان ئەمەس. ھازىر شى جىنپىڭ خىتاي ئىقتىسادى ھەققىدە قانداق تېپىچەكلىسۇن، بۇنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشى تۆۋەنلەشكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. بۇ ھال 1980-يىلدىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ تېز سۈرئەتلىك ئېشىشىغا قارشى تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇ ھالنىڭ كېيىنكى بىرنەچچە يىلدا ئىزچىل داۋام قىلىشى ئېھتىمالغا بەكمۇ يېقىن. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي تەبىئىي يوسۇندا ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلبىي بوشلۇقنى خىتاي مىللەتچىلىكىنى ۋە زۇلۇم ماشىنىسىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق تولدۇرۇشقا، شۇ ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ھال تەبىئىي ھالدا دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاينىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە، شۇ قاتاردا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە تېگىشلىك يوسۇندا ئورۇن ئالىدۇ.»

رايان خاسنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىر قاتار مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقان ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا تەرەپمۇ ئۆزلىرىنى مۇئەييەن دەرىجىدىكى قىيىنچىلىقلارنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. خەلقئارادا بىر زور ۋە قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداشلار تورى ھاسىل قىلىش، ئامېرىكا ئىقتىسادىدا كۆرۈلۈۋاتقان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى ئوڭلاش دېگەنلەرمۇ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇئەييەن مۇددەتتىكى ۋاقىتنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ يېقىن كەلگۈسىدىكى بىر-ئىككى يىلدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىكى يىرىكلىشىشنى ھازىرقى سەۋىيەدىن ئاشۇرماسلىققا تىرىشىشى مۇمكىن ئىكەن. . «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىگە قارايدىغان بولساق ھازىر نۇرغۇن ئىشلار كىشىلەر ئويلىغاندىن باشقىچىرەك شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. مەسىلەن ئالساق، نەچچە ھەپتە ئىلگىرى بايدىن بىلەن شى جىنپىڭ بالى ئارىلىدا تۇنجى قېتىم ئۇچراشتى. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن قول ئېلىشقانلىقى، ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك بىللە بولغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتتە بولغانلىقى كەڭرى يەر ئالدى. بۇ كۆرۈنۈشلەردىن گەرچە بىرەر ئېنىق يەكۈن چىقىرىشقا بولمىسىمۇ، ئەمما ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھېچ بولمىغاندا ھازىرچە ئۆزئارا توقۇنىشىشتىن يىراقتەك قىلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. پرېزىدېنت بايدېننىڭ شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى سۆزلىرىگە قارايدىغان بولساق ئۇ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە توقۇنۇش ھەققىدە ئەمەس، ئەكسىچە خاتا چۈشىنىشنى تۈگەتكەنلىكى ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىدى. شى جىنپىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەرنى قىلدى. بۇلاردىن قارايدىغان بولساق ھەر ئىككىلا تەرەپ توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى ھازىرقىدىن ئۆرلەتمەسلىكنى ئىستەۋاتقاندەك قىلىدۇ. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭنىڭ 2023-يىلى لوس ئانژېلىس شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان ‹ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى› (APEC) غا قاتناشماقچى بولغانلىقىمۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكلىكنىڭ ئاز دېگەندىمۇ كېلەر يىلىغىچە مۇشۇ سەۋىيەدە توختاپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان نۆۋەتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مەنپەئەت نۇقتىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭدا بارلىققا كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كۆپلىگەن مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم.