مەرال ئاقشەنەر: «بىز خىتايدىن ۋە خىتاي بىلەن تىل بىرىكتۈرگۈچىلەردىن ھەرگىز قورقمايمىز»
2021.12.21

تۈركىيە پارلامېنتىدا 36 پارلامېنت ئەزاسى بار، 2018-يىلى قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان «ئىيى» پارتىيەسى 14 دېكابىر كۈنى «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتىنىڭ يورۇقلۇققا چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەنقەرەدە ناھايىتى چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزدى. كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتلىرى، چەتئەل تېلېۋىزىيە ۋە گېزىتلىرىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەئىس ۋە مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، شۇنداقلا «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىم قاتارلىق كىشىلەر ئىشتىراك قىلغان مۇراسىمدا 4 تىلدا تەييارلانغان مەزكۇر دوكلات تونۇشتۇرۇلغانىدى. بۇ پائالىيەتتىن كېيىن خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «شىنجاڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىدۇر. ھەرقانداق بىر تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز» دەپ يازغان.
«ئىيى» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمغا خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئىككىنچى قېتىم قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان. مەرال ئاقشەنەر خانىم خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا قاتتىق رەددىيە قايتۇردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: «كىشىلىك ھوقۇق، ئادىللىق دېگەنلىكىم ئۈچۈن خىتاي مېنى قاتتىق ئەيىبلىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ ئار-نومۇسىغا سوزغان قولۇڭنى تارت دېگەنلىكىم ئۈچۈن خىتاي مېنى ئەيىبلىدى. بىز خىتايدىن ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تىل بىرىكتۈرگۈچىلىرىدىن قورقمايمىز. بىز خىتاينىڭ بىخەتەرلىكىنى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئېلىپ بېرىۋاتقان يوق قىلىش سىياسىتىگە قارشىمىز. بىز پەقەتلا ئۇيغۇرلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان بولغاچقا قارشى چىقىۋاتىمىز».
تۈركىيە ئىيى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەرال ئاقشەنەر ۋە ئەنقەرە شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى مانسۇر ياۋاشنىڭ 5-ئاپرېل كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بارېن ۋەقەسى» نىڭ 31 يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىشى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغانىدى. بۇنىڭ تۈپەيلى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە دىپلوماتىيەلىك بىئاراملىق پەيدا بولغانىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى6-ئاپرېل خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىننى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدىكى سۆزلەرگە بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بۇ خىل تەھدىتلىرى تۈركىيەدە قانداق تەسىر پەيدا قىلار؟ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە دۆلەتلىك راديو-تېلېۋىزيە ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل باياناتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
پېشقەدەم پائالىيەتچى ھامۇتخان گۆكتۈرك ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دۇنياۋى بىر قىممەت قاراش ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى شۇڭا خىتاينىڭ بۇ خىل باياناتلىرىغا تۈركلەرنىڭ ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
«ئىيى» پارتىيەسى رەئىسى مەرال ئاقشەنەر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 6 مۇتەخەسسىس «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق دوكلاتنى تەييارلاش ئۈچۈن 12 دۆلەتتىكى 53 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىق بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. بۇ 53 نەپەر كىشىنىڭ 42 نەپىرى ئۇيغۇر، 19 نەپىرى ئايال، 6 نەپىرى بولسا جازا لاگېرى شاھىتى ئىكەن 40. كىشى بولسا جازا لاگېرىغا تاشلانغان كىشىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئىكەن. مەزكۇر دوكلاتتا بۇلارنىڭ ئاڭلاتقانلىرىغا ئاساسلىنىپ، شۇنداقلا ب د ت دا 1948-يىلى قوبۇل قىلىنغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دە كۆرسىتىلگەنلەرگە قاراپ، خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىرى دەل ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.