مەردان غاپپارنىڭ تاغىسى ئابدۇلھەكىم غاپپار بىلەن مەخسۇس سۆھبەت

0:00 / 0:00

4-ئاۋغۇست كۈنى ئەنگلىيەنىڭ BBC قانىلىدا بېرىلگەن مەردان غاپپار ئىسىملىك ئۇيغۇر مودېل يىگىتنىڭ كۇچادىكى بىر كارانتىن قىلىش ئۆيىدىن تارقاتقان ۋىدىيوسى ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئۇنداقتا، مەردان غاپپار كىم؟ مەردان غاپپار 2007-يىلى ئۈرۈمچى سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە خىتاينىڭ سودا مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان گۇاڭجۇغا بارغان. ئۇ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدە مودېل كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، داڭ قازانغان. ھالبۇكى، 2019-يىلى 11-ئايدا ئىككى ساقچى مودېل يىگىت مەردان غاپپارنى فوشەندىكى ئۆيىدىن «بەدەن تەكشۈرۈش ئىلىپ بارىمىز» دەپ ئېلىپ كەتكەن. شۇ كۈنى كەچتە ساقچى دائىرىلىرى مەردان غاپپارنىڭ ئاپىسىغا خەۋەر بېرىپ، ئوغلىنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق كۇچاغا «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن مەردان غاپپار ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بولمىغان.

2020-يىلى 3-ئايدا مەردان غاپپار ئۆزىنىڭ «ئۈندىدار» ھىسابىدىن ئاۋازسىز بىر ۋىدىيونى ئاپىسى ئارقىلىق گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق تاغىسى ئابدۇلھەكىم غاپپارغا ئەۋەتكەن. ۋىدېيودا مەردان غاپپارنىڭ بىر قولى كويزا بىلەن كارىۋاتقا باغلاپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ ۋىدېيونىڭ مەلۇم تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن ئەۋەتىلگەنلىكى ئېنىق ئىدى.

بىز لاگېر مەھبۇسى مەردان غاپپارنىڭ ھازىر گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق تاغىسى ئابدۇلھەكىم غاپپار بىلەن بۇ ھەقتە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئابدۇلھەكىم غاپپار بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.