خىتاي مەركىزىي ئاسىيا تۇپراقلىرىنى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق نېمىنى كۆزلەيدۇ؟
2021.02.27

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ بىر قاتار تورلىرى ھازىرقى تاجىكىستان يەرلىرىنىڭ خىتايغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى توغرىلىق ماقالىلار ئېلان قىلىپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاجىكىستان تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى تۇغدۇرغانىكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندا تاجىكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سىراجىددىن مۇخرىددىن ھەر يىللىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«مەركىزىي ئاسىيا» ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان نارگىس ئارابوۋانىڭ «پامىرنى قايتۇرۇش: تاجىكىستان يەرلىرى يەنە خىتاينىڭ نىشانى ئاستىدا» ناملىق ماقالىسىدا ئېيتىلىشىچە، سىراجىددىن مۇخرىددىن تاجىكىستاننىڭ مۇنداق ماقالىلاردىن نارازى بولغانلىقىنى، ھازىرغىچە خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نوتاغا جاۋاب بەرمىگەنلىكىنى، لېكىن ماقالىلارنىڭ توردىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىكەن. ماقالىدا يەنە كۆرسىتىشىشىچە، تاجىكىستان 2002-ۋە 2011-يىللىرى ئۆزىنىڭ پامىر رايونىدىكى ئومۇمەن 30 مىڭ كۋادرات كىلومېتر كېلىدىغان يېرىنى خىتايغا بېرىۋەتكەن. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان خىتاي تەرەپ 1912-يىلدىن كېيىن غەربنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆز تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمىدىن ئايرىلغانلىقىنى، شۇ ژۈملىدىن تاجىكىستاننىڭ پامىر رايونىدىكى يەرلىرىنى قايتۇرۇۋالغان بولسىمۇ، بەزى يەرلىرىنىڭ ھېلىغىچە باشقا مەملىكەتلەرنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەنىكەن. خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغان مەزكۇر ماقالىلىرى تاژىكىستانلىقلارنىڭ قاتتىق قارشىلىغا دۇچ كەلگەن.
پامىر رايونى يەر ئاستى قېزىلما كانلىرىغا ئىنتايىن باي بولۇپ، 2010-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ گېئولوگىيە خىزمەتلىرى چېگرا رايونلىرىدا بىرلەشكەن گېئولوگىيەلىك ئىزدەشلەرنى ئېلىپ بېرىش توغرىلىق كېلىشكەنىدى. ئەمما خىتاي تەرەپ تاجىكىستان تېررىتورىيەسىگە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ، 6 يىل مابەينىدە پامىر رايونىدا قېزىلما بايلىقلارنىڭ 47 تۈرىنى تاپقان. پەقەت بىر مەۋسۈم ئىچىدىلا 5 توننا مەھسۇلات خىتايغا ئېلىپ كېتىلگەن. 2015-يىلدىن بۇيان خىتاي شىركىتى مەملىكەتتىكى ئەڭ چوڭ، دۇنيا بويىچە 4-ئورۇندا تۇرىدىغان «بوزا دارا» كۈمۈش كانىدا ئىشلەۋاتقان بولۇپ، خىتاي ئىشچىلىرى يەتتە يىلغا بارلىق سېلىقلاردىن ۋە تاموژنا تۆلەملىرىدىن بوشىتىلغانكەن.
ئەمدى تاجىكىستاننىڭ «ئازادلىق» رادىيوسى ئېلان قىلغان «تاجىكىستان خىتاي ئۆلكىسى بولغانمۇ؟» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى، تارىخچى كامالۇددىن ئابدۇللايېف خىتاينىڭ 21-ئەسىردە ئىنتايىن كۈچلۈك مەملىكەتكە ئايلانغانلىقىنى، تاجىكىستاننىڭ بولسا، مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن ئىقتىساد جەھەتتىن ئارقىدا قالغان ۋە ئاسىيادىكى ئەڭ كەمبەغەل ئەللەرنىڭ بىرى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئاپتور ئۆز ماقالىسىدا خىتاينىڭ تاجىكىستان يېرىنى، شۇ جۈملىدىن پامىر رايونىنى ئەزەلدىن ئۆز تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكى توغرىلىق بىلدۈرۈشلىرىگە جاۋاب بېرىپ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر ماقالىنىمۇ شۇ مەقسەتتە يازغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ تاجىكىستاننىڭ ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئافغانىستان ئوخشاش تېررىتورىيەلەر بىلەن بىر سىياسىي-تارىخىي ئۆتمۈشكە ئىگە بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ گېئو-سىياسىي ھاياتىدا ئۆز رولىنى ئويناپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان. ئۇ شۇنداقلا تاجىكىستاننىڭ بىۋاسىتە خىتاي بىلەن ئەمەس، بەلكى 1759-يىلى خىتاي بېسىۋېلىپ، «شىنجاڭ» دەپ ئاتىۋالغان شەرقىي تۈركىستان ۋە جۇڭغارىيە رايونى بىلەن چېگرالاشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىگىلىشىمىزچە، خىتاينىڭ بەزى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم تاراتقۇلىرى مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى ئىچىدىن بولۇپمۇ تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان تېررىتورىيەلىرىنىڭ خىتايغا تەئەللۇق ئىكەنلىكى توغرىلىق ئىغۋا ئۇچۇرلارنى تارقاتقانىدى. بۇنىڭ ئارقىلىق خىتاي نېمىنى كۆزلەۋاتىدۇ؟
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوئىك ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، تېررىتورىيە مەسىلىسىدە خىتاي قازاقىستان بىلەن توقۇنۇشنى خالىمايدىكەن، چۈنكى قازاقىستان «كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى بولغانلىقتىن خىتاي مەزكۇر تەشكىلاتقا قارشى تۇرۇشقا ھەرگىز ئوچۇق-ئاشكارا بولالمايدىكەن
ئۇ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ مۇنداق ماقالىسىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، توغرا قىلدى. بىراق بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىشقا بولمايدۇ. ئەمدى تاجىكىستانغا كەلسەك، بۇ يەردە ئەھۋال باشقىچە. تاجىكىستان ئاخىرقى يىللىرى خىتاينىڭ قاتتىق تەسىرى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئېنىق مەلۇماتلار بولمىسىمۇ، ئەمما تاجىكىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغانلىقى ھەققىدە پاراڭلارمۇ بولۇۋاتىدۇ. تاجىكىستاندا خىتاي تىجارىتى خېلى تەرەققىي ئەتكەن. بۇ جەھەتتە خىتاي تاجىكىستانغا نىسبەتەن بەزى تېررىتورىيەلىك تەلەپلىرىنى قويالايدۇ. بىز ئۆز ۋاقتىدا تاجىكىستاننىڭ تاغلىق بەدەخشانغا ئوخشاش چوڭ بىر تېررىتورىيەسىنىڭ خىتايغا بېرىۋېتىلگەنلىكىنى بىلىمىز. مەن تاجىكىستان بويىچە مۇتەخەسسىس بولمىساممۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ مەلۇم بىر ماھىيىتى بار. بىراق تاجىكىستانمۇ، قىرغىزىستانمۇ خىتايدىن ئانچە چۆچۈپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا خېلى كۈچلۈك دۆلەتلەر تۇرىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە پەخەس بولۇش كېرەك، سەۋەبى خىتاي ھەر قانداق مۇمكىنچىلىكتىن پايدىلىنىشى مۇمكىن. خىتايدىن ئېلىۋاتقان قەرز مەسىلىسىدە تاجىكىستاننىڭ ئەھۋالى خېلى جىددىي، ئەلۋەتتە. قازاقىستاننىڭ ھازىرقى تاشقىي قەرزى 160 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلسا، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاي قەرزى ئانچە كۆپ ئەمەس.»
سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەركىزىي ئاسىيا خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ رايون بولۇپ، «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھەسى شۇنىڭ يارقىن بىر كۆرۈنۈشىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، سوۋېت دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە چېگرىداش قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانغا چېگرا مەسىلىسىنى قويۇپ كەلگەنىكەن.
قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «خىتاي بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئاتالمىش سىيلىق كۈچىنى كۈچلۈك قوللاندى. ئەڭ باشتا بۇلارنى قىزىقتۇرۇپ، سودا-سېتىق، مەبلەغ سېلىش، ئەرزان، يەنى ئوڭاي قەرز بېرىش مەسىلىسى بىلەن ئۆزىگە باغلاۋالدى، ئىقتىسادىي سىڭىپ كىرىۋالدى ھەم دىپلوماتىيەلىك بېسىم ئىشلىتىپ، ھەممىسىنىڭ دېگىدەك تېررىتورىيەلىرىنى ئالدى. ھازىرمۇ قايتىدىن تېررىتورىيە مەسىلىسىنى قويدى. مۇشۇنداق باغلاۋالغان دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي قەرزىنىڭ كۆپى خىتايغا توغرا كېلىدۇ. ھەم قىرغىزىستان، ھەم تاجىكىستاننىڭ خىتايغا بولغان قەرزىنى تۆلەشكە ئىمكانى بولمايۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سەن ئەگەر ماڭا تېررىتورىيەڭنى بەرسەڭ، قەرزىڭنى بىر تەرەپ قىلىمەن دېگەندەك مەسىلىمۇ بار، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىر تەرىپى خىتاي تاجىكىستاندا، يەنى پۈتۈن مەركىزىي ئاسىيادىكى بىردىن-بىر دۆلەتتە خىتاينىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ ئەمدىكى مەقسىتى مەركىزىي ئاسىياغا ھەربىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىشتۇر.»
قەھرىمان غوجامبەردى تاجىكىستان يەرلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئىگىلەۋېلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۆز ھەربىي بازاسىنى كەڭەيتىش يوللىرىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزىنىڭ بېسىۋالغان يەرلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش ئامالىنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. سىياسەتشۇناسنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى بىرىنچى رىقابەتچىسى رۇسىيە ئىكەن. تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئارقىسىدا ئەنە شۇ رۇسىيەدەك يەنە بىر كۈچلۈك مەملىكەت تۇرۇۋاتماقتىكەن.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تاجىكىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يەر ماجراسى ئۆتكەن يىلى قازاقىستان ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىمۇ يۈز بەرگەنىكەن. شۇ چاغدا خىتاينىڭ «sohu. com» ناملىق ئەڭ چوڭ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ژۇرنالىستلىرى «خىتاي قاچان قازاقىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالىدۇ؟» دېگەن سوئالنى ئوتتۇرىغا تاشلىغاندىن كېيىن، بۇ قازاقىستان مەتبۇئاتلىرى ھەم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى ۋە نەتىجىدە قازاقىستان خىتايغا نارازىلىق نوتىسىنى ئەۋەتكەندى.