مەرۋايىت ھاپىز: «رەسىملىرىمنى ئۇيغۇر ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىدىم» (1)

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا رەسىم ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن مەزگىلىدىلا، ئۇنىڭ رەسىملىرى ئۇيغۇر دىيارى ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. مەرۋايىت ھاپىز خانىم 1996-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى ئەكس ئەتكەن ماي بوياق رەسىملىرى 2000-يىللاردىن كېيىنكى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە كۆپ قېتىم كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، بۇ ساھەدىكىلەرنىڭ يۇغۇرى باھالارىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

2022-يىلى 8-دېكابىردىن 10-دېكابىرغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دىمۇ مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئەكس ئەتكەن ماي بوياق رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. پائالىيەت مەزگىلىدە مەرۋايىت ھاپىزنىڭ بىر قىسىم ماي بوياق رەسىملىرى سېتىلغان. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 14-دېكابىر كۈنى «مەرۋايىت ھاپىز ماي بوياق رەسىملىرى» نامىدا، مەرۋايىت ھاپىز ۋە باشقا ئۇيغۇر سەنئەتكارلارنىڭ فوتو رەسىملىرى كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم(ئوڭدىن ئىككىنچى) ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا خاتىرە سۈرەتتە. 2022-يىلى دېكابىر، ۋاشىنگتون.

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىم 13-دېكابىر ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ رەسساملىق ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلار ھاياتى تېما قىلىنغان رەسىملىرى ھەققىدىكى بىر قاتار سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

سۆھبىتىمىز ئاۋۋال ئۇنىڭ رەسساملىق ھاياتىغا قانداق قەدەم قويغانلىقىدىن باشلاندى.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 14 يېشىدىلا رەسىم كەسپىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ كەسىپنى تاللىشىغا كەشتىچىلىككە ماھىر ئانىسى ۋە ناخشا-سازغا ماھىر دادىسى سەۋەب بولغانىكەن.

سۆھبىتىمىزنىڭ داۋامى رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ 1996-يىلى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىدىن ئايرىلىپ گېرمانىيەگە كەلگەنلىكى ۋە گېرمانيەگە كەلگەندىن كېيىن رەسساملىق كەسپىنى داۋاملاشتۇرۇش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە ئېرىشكەن نەتىجىلەر ھەققىدە بولدى.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2000-يىلى گېرمانىيەدە ئۇنىڭ دەسلەپكى 3 يىلدا سىزغان 40 پارچە رەسىمى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمىگە قويۇلغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ياۋروپادا رەسىم كۆرگەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ تۇنجى قېتىم رېئاللىققا ئايلانغانلىقىدەك بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمگەن.

يېتۈك رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى ئوقۇغۇچىسى مەرۋايىت ھاپىز بىلەن. ئۈرۈمچى (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
يېتۈك رەسسام غازى ئەمەت ئەپەندى ئوقۇغۇچىسى مەرۋايىت ھاپىز بىلەن. ئۈرۈمچى (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس) (Ghazi Emet ependining oqughuchiliri teminligen)

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ گېرمانىيەگە كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا تارتقان جاپالىق تۇرمۇشى ۋە ئەجرى بەدىلىگە كەلگەن بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ ھاردۇقىنى چىقارغان.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2000-يىلدىن كېيىنكى 20 يىلدىن بۇيان ئۇنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرىدىن ياۋروپادا ئەڭ كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن رەسىملەر يەنىلا ئۇيغۇرلار ھاياتى ئاساسىي تېما قىلىنغان ماي بوياق رەسىملىرى ئىكەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە 2000-يىلدىن كېيىن ھەر يىلى دېگۈدەك ئۇنىڭ ماي بوياق رەسىملىرى تۈركىيە ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە تاللىنىشقا باشلىغان.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى ئەكس ئەتكەن رەسىملىرى كۆرگەزمىگە قويۇلغىنىدا، بۇ ساھەدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئۇنىڭ رەسىملىرىگە بەرگەن باھالىرىدىن ئۇلارنى قىززىقتۇرغىنى رەسىملەردىكى بەدىئىي ماھارەتتىن باشقا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ رەسىملىرىدە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر ھاياتى ۋە مەدەنىيىتى ئىكەنلىكى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رەسساملار ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقتا. 2013-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.
تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىز تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا رەسساملار ئۇچرىشىشىغا قاتناشماقتا. 2013-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim)

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن سەنئەتكارلىرى ئۇنىڭ رەسىملىرىدە ئەكس ئەتكەن ئۇيغۇر ھاياتى ۋە ئۇيغۇرلۇق روھىغا يۇغۇرى باھا بەرگەن. بۇ باھالار ئۇنىڭ ئۆز رەسىملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي بېسىم ئېغىر بولغان، ياۋروپا دۆلەتلىرىدە رەسىم سىزىش مەخسۇس كەسىپ سۈپىتىدە داۋام قىلىشى، جان بېقىش ياكى نام چىقىرىش بولماستىن بەلكى ئۇيغۇرلار ھاياتى ۋە ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرىنى رەسىم قەلىمى ئارقىلىق ئىپادىلەش ۋە ئۇيغۇرلۇققا بولغان سۆيگۈسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئىكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ دەسلەپكى بۆلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىدىڭلار.

سۆھبىتىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا مەرۋايىت خانىمنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئىجادىيەت ھاياتىدىكى يۈزلىنىش، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى رەسىم سەنئىتى بىلەن تەربىيەلەش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى ۋە رەسساملىقنى كەسىپ قىلغان ياش ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدۇ.