مەرۋايىت ھاپىزنىڭ ئىجادىىيىتى ياۋروپادا 150 يىللىق تارىخقا ئىگە كۆرگەزمىگە تاللاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2023.04.10
merwayit-hapiz-duq-dolqun-eysa.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى مەرۋايىت ھاپىزنىڭ «مۇزىكا پەرىسى» ناملىق ئىجادىيىتىنىڭ «ميۇنخېن زامانداشلار رەسىم كۆرگەزمىسى» گە تاللانغانلىقىنى تەبرىكلەپ ۋە يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا تەشەككۈر ئەتىپ كۆرگەزمىگە ئالاھىدە زىيارەتكە كەلدى. 2023-يىلى ئاپرېل، گېرمانىيە.
WUC

ئىگىلىشىمىزچە ئۇيغۇر رەسسام مەرۋايىت ھاپىزنىڭ «مۇزىكا پەرىسى» ناملىق رەسىمى، ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلگەن 2023-يىللىق «ميۇنخېن زامانداشلار رەسىم كۆرگەزمىسى» گە تاللانغان.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كۆرگەزمە ياۋروپادا 1868-يىلى قۇرۇلغان 150 يىللىق تارىخقا ئىگە «سەنئەتكارلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى» ناملىق رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

رەسىم كۆرگەزمىسى ھەققىدىكى ئېلاندىن مەلۇم بولۇشىچە، «زامانداشلار رەسىم كۆرگەزمىسى» دەپ ئاتالغان بۇ يىللىق كۆرگەزمە 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىكەن.

مەرۋايىت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىغا بېغىشلانغان بىرقانچە ماي بوياق رەسىمى 2005-يىلدىن تارتىپ بۇ جەمئىيەت تەرىپىدىن تاللىنىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ كەلگەنىكەن.

ئۇ يەنە بۇ يىللىق كۆرگەزمىگە قويۇلغان «مۇزىكا پەرىسى» ناملىق رەسىمى ھەققىدە توختالدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە2021-يىلدىن باشلاپ ئىشلىگەن بۇ رەسىمگە ئۇ ئىككى يىلغا يېقىن جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن بولۇپ، كۆرگەزمىگە قويۇلغان رەسىملەر ئىچىدىمۇ يۇقىرى باھا قويۇلغان رەسىملەردىن ھېسابلىنىدىكەن.

رەسسام مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ رەسىم ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ ياۋروپادا تونۇلغان رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە تاللىنىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە رەسىم ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان.

قازاقىستاندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ياش رەسساملىرىدىن گۈلناز تۇرسۇن خانىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاۋۋال مەرۋايىت ھاپىز خانىمنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈلناز خانىم يەنە مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىنى تەرىپلەپ، ئۇنى ئۇيغۇر تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان سەنئەتكارلارنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتتى.

گۈلناز خانىم يەنە مەرۋايىت ھاپىزغا ئوخشاش ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن رەسساملارنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ قويۇق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈدى.

نورۋېگىيەدىكى ئەكرەم ئىمىن ئەپەندى قاپاق، تاش ۋە يىلتىز قاتارلىقلارغا ئىشلىگەن ئۆزگىچە سەنئەت ئەسەرلىرىنى نورۋېگىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى سەنئەت كۆرگەزمىلىرىگە قاتناشتۇرغان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ بىرى.

ئۇ مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ «مۇزىكا پەرىسى» ناملىق ماي بوياق رەسىمىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمگەك نەتىجىسى دەپ تەرىپلەپ، بۇ ئەسەرنىڭ ئىشلىنىپ پۈتۈش جەريانىدا مەرۋايىت خانىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئەسىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم ھەمسۆھبەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەكرەم ئەپەندى يەنە مەرۋايىت ھاپىزنىڭ رەسىملىرىدىكى رەڭ ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىدىكى ياۋروپا ئۇسلۇبىدىن پەرقلىق بولغان رەڭ ئالاھىدىلىكى ۋە سىزىش ئۇسلۇبىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئالاھىدىكى ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ياۋروپادىكى سەنئەت كۆرگەزمىلىرىنى جەلپ قىلغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەرىپلىدى.

ئەكرەم ئەپەندى يەنە مەرۋايىت ھاپىز خانىمنىڭ نەتىجىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق ئەمگەك نەتىجىسى دەپ تەرىپلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.