تۈركىيە پۇقراسى ئابدۇلېتىپ كۇچانىڭ ئايالى پرېزىدېنت ئەردوغان بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەن

0:00 / 0:00

تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەردوغان 2012-يىلى 4-ئايدا تۈركىيە باش مىنىستىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر دىيارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىر سۈپىتىدە 27 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ ئ‍ۈرۈمچىدىن باشلىشى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغاپلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىمۇ قاتتىق ھاياجانغا سالغان. ئەينى چاغدا ئەردوغان ئ‍ۈرۈمچى دۆڭ كۆۋرۈكتىكى چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغاندا، بازاردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۇنى ئورىۋېلىپ، ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن ھەم ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان.

مەريەم ئەمەت خانىم ئەينى چاغدا پرېزىدنېت ئەردوغان بىلەن سۆھبەتتە بولغان ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئىدى. بىراق يولدىشى تۈركىيە پۇقراسى بولغان، ئۆزى ئۈرۈمچىنىڭ يەنئەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق ئىككى پەرزەنتنىڭ ئانىسى مەريەم ئەمەت، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا قولغا ئېلىنىپ، كۇچادىكى بىر لاگېرغا قامالغان. ئۇ قولغا ئېلىنىشنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولغان يولدىشى چېگرادىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. ئۇ قولغا ئېلىنىپ بىر يىلدىن كېيىن، ئ‍ۇنىڭ 3 ياشلىق ۋە 5 ياشلىق ئىككى پەرزەنتى خىتاينىڭ ئۈرۈمدىكى ئايرىم-ئايرىم ئىككى يىتىملار مەكتىپىگە ئېلىپ كېتىلگەن.

گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن مەريەم ئەمەتنىڭ يولدىشى ئابدۇلېتېف كۇچانىڭ 2019-يىلى 12-ئايدا ئ‍ۈرۈمچىگە بېرىپ، يىتىملار مەكتىپىدىكى پەرزەنتلىرىنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېتىشىگە يول قويغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي پۇقراسى بولغان مەريەم ئەمەتنى قويۇپ بەرمىگەن. بۇ ۋەقە بۇ يىل 2-ئايدا چوڭ خەلقئارا تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوغىغان ئىدى.

ئائىلىدىكى بۇ تراگېدىيە بىلەن تەڭ ئېغىر راك كېسىلىگە گرىپتار بولۇپ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئابدۇلېتىف كۇچا، سالامەتلىكىنىڭ ناچار بولۇشىغا قارىماي 16-مارت يەنىلا رادىيومىزنىڭ بىر قانچە مىنۇتلىق زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، بالىلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، ئۇلارنى داۋالىتىش، مەكتەپكە ئاپىرىش ئارقىلىق ياخشىلانغانلىقى، ئۇ ئەينى چاغدا بالىلىرىنى ئالغىلى بارغاندا ئۇلاردا «ئۇيغۇرلۇق، مۇسۇلماندارچىلىق» دېگەن ئۇقۇملاردىن ھېچنەرسە قالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئ‍ابدۇلېتىف كۇچا مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ ئاپىسىنى 20 يىل سولىۋەتكەن، ھازىر تۈرمىدە. نەچچە ئەۋلات ئ‍ۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغانلار بولسىمۇ، ئۇنى كۇچاغا چاقىرىپ ئاپىرىپ سولىۋالغان، باھانىسى كۆپقۇ، ئۇلارنىڭ. ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ، ھېچقانداق ئىشى يوق ئادەملەرمۇ كىرىپ كېتىپ بارىدۇ. تېگى-تەكتى، ئاتا بوۋىلىرى كۇچادىن ئىدى. مېنىڭمۇ تېگى-تەكتىم كۇچادىن، كۇچادا تۇغۇلغانمەن. ئاتا-ئانىسى يالغۇز ئىدى، ئاپىسى ئېغىر كېسەل، باقىدىغان ئادەم يوق، ئاپىرىپ قويغان ئىدىم. ئاپىرىم قويۇپ بىرەر ئايدىن كېيىن، ئاپىسى تۈگەپ كەتتى. تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پاسوپورتىنى تارتىۋېلىپ، ئىككى يىلدەك خانىۋەيرانچىلىققا سېلىۋەتتى، بۇلار.»

ئابدۇلېتىف كۇچانىڭ ئېيتىشىچە، ئايالىنىڭ تۈركچىسى ياخشى بولۇپ، پرېزىدېنت ئەردوغان چوڭ بازارنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆزلەشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ ئىزچىل پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىكەن.

ئابدۇلېتىف كۇچا مۇنداق دېدى: «ئۈرۈمچىگە بارغان ۋاقتىدا ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن. چوڭ بازاردا كۆرۈشكەندىن بېرى ئارام بەرمەي بەك خاپا سېلىپ كەلگەن، تولا ئېلىپ چىقىپ كېتىپ، تولا گەپ سوراپ، نېمە دېيىشتىڭ، دەپ. ئايالىم تۈركچىنى ياخشى بىلگەچكە، ئەردوغان بىلەن يېرىم سائەت سۆزلىشىپ، ئاندىن ئايالى ۋە قىزى بىلەن ئەھۋاللاشقان. ‹خوش كەلدىڭىز! › دېگەندىن كېيىن، ‹ۋاي، بۇ يەرگە كەل، سەن تۈركچىنى نەدىن بىلىسەن؟› دەپ، ئايالىمنى ئايرىم بىر خانىغا ئەكىرىپ ئايالى ۋە قىزى پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپتىكەن، سۆزلىشىپتىكەن، بىرەر سائەتتەك. ئاندىن نۇر بەكرىلەر كىرىپ ‹چىقىپ كېتىڭلار› دىسە، نۇر بەكرىگە ‹سەن ئارلاشما، بۇ بىزنىڭ كېلىنىمىز› دەپ، ئايالىمغا غەمخورلىق قىلىپ قويغان يېرى بار ئىكەن.»

ئابدۇلېتىپ كۇچا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇلېتىپ كۇچا 2019-يىلى 12-ئايدا ئۈرۈمچىگە بېرىپ پەرزەنتلىرىنى يىتىملار مەكتىپىدىن ئالغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇخسىتى بىلەن كۇچادىكى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئايالىنى يوقلاشقا بارغان. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، ئابدۇلېتىپ ۋە بالىلارنىڭ مەريەم ئەمەت بىلەن كۇچادىكى بىر دوختۇرخانىدا كۆرۈشكەنلىكى، مەريەم ئەمەتنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن كۆرۈشمىگىنىگە ئىككى يىلدەك بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ «ھەيكەلدەك» ھېچقانداق ئىنكاستا بولمىغانلىقى، ئابدۇلېتېپنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلېتىپ كۇچا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەريەم ئەمەتنى چەت ئەلىككە توي قىلغان، ئەردوغان بىلەن كۆرۈشكەن، دېگەن سەۋەبلەر بىلەن كېسىۋەتكەن. تۈركىيەدىكى ۋەقەدىن خەۋەردار پائالىيەتچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بۇنداق ۋەقەلەرنى بەك داۋراڭ قىلىشنى خالىمىسىمۇ، بىراق ئابدۇلېتىپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ كېلىشى، ئائىلە ئەزالىرىنى ئەكىلەلمەيۋاتقان باشقا ئۇيغۇر تۈرك پۇقرالىرى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك ئىكەن.

تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى» نىڭ قۇرغۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق باش كاتىپى ھامىدخان كۆكتۈرك ئەپەندى 16-مارت بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى قانداق بولسا بولسۇن، تۈركىيەنىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا ئىگە بولۇش، ئۇلارنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ «خەلقئارالىق بىر ھەق» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پرېزىدېنت ئەردوغان 2012-يىلى 4-ئايدا ئۈرۈمچىنى ئەينى چاغدىكى سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، ھازىرقى «كېلەچەك» پارتىيەسىنىڭ رەئىسى داۋۇدئوغلۇنىڭ ھەمرالىقىدا زىيارەت قىلىپ، ئۈرۈمچىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى نوغاي مەسچىتىدە ئۇيغۇر جامەئىتى بىلەن تەڭ جۈمە نامىزى ئوقۇغان. ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ھاياجانغا سالغان ئىدى.

تۈركىيەدىكى نۇپۇزلىق تاراتقۇلار ئەينى چاغدا ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ «ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىشىنىڭ ئالاھىدە مۇھىم» ئىكەنلىكى، ئەردوغاننىڭ «تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۇيغۇر ئېلىغا جەلپ قىلىشنى، سودا مۇناسىۋىتىنى جانلاندۇرۇشنى… ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق سىياسەت نىشانىنىڭ بىرى قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.