مەريەم سۇلتان «8‏-مارت ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تۇتقۇندىكى ئانىسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتى مەريەم سۇلتان بۈگۈن، يەنى «8‏-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك كۆزنىكىدە تۇتقۇندىكى ئانىسى ئايگۈل سۇلتان ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئانىسى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشكە ۋە دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى. بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مەريەم سۇلتان تۇتقۇندىكى ئانىسى ۋە مىللىتى ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يوللارغا قەدەم باسىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەريەم سۇلتان بۈگۈن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك كۆزنىكىدە ئېلان قىلغان تۈركچە باياناتىدا ئاپىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا يېتىۋاتقان مىليونلىغان ئانىلاردىن بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلغان. ھازىرغا قەدەر ئانىسى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن مەريەم سۇلتان خىتاي تەرەپكە ئانا-بالىلار ھوقۇقى ھەققىدە ئۆز پۇقرالىرى ۋە خەلقئارا جامائەتكە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئەسلىتىپ، تۇتقۇندىكى ئانىسى ۋە باشقا ئۇيغۇر ئانىلار ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە دەۋەت قىلغان. ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيەدىكى ۋە ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئانىلارنى «8‏-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىگەن.

مەريەم سۇلتان ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ فېيسبۇك كۆزنىكىدە ئانىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ ئەھۋالىدىن باشقا ئوقۇتقۇچىسى پەرھات تۇرسۇن، يازغۇچى گۈلباھار ئېزىز، تىلشۇناس مۇتەللىپ سىدىق قاھىرى ۋە باشقا ساۋاقداشلىرىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى ھەققىدە گۇۋاھلىق باياناتى ۋە ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە چاقىرىقنامىلەر ئېلان قىلغان. بىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئېلىپ بارغان ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئۇنىڭ ئانىسى ئايگۈل سۇلتاننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى دەلىللەنگەن ئىدى.

بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئاسپىرانت مەريەم سۇلتان ئاپىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ سۆھبەت داۋامىدا ئانىسىنىڭ لاگېردا بولۇشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرى، ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكى ئېلىش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاتلىنىش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەريەم سۇلتان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆز ئانىسىلا ئەمەس، بەلكى لاگېردىكى پۈتۈن تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئاتلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جامال قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ دۇنيادا زىلزىلە پەيدا قىلغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مىڭلارچە جامال قاشىقچىنىڭ دۇنيادا يېتەرلىك دىققەت تارتالمىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مەريەم سۇلتان بۇنىڭدىن كېيىن پائالىيىتىنى لاگېرلار ھەققىدە كىتاب يېزىش بىلەن باشلايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ پىلانىنىڭ بېشىدا «لاگېرلاردىكى تۈركىيەدە ئوقۇپ قايتقان ئوقۇغۇچىلار» دېگەن تېمىنىڭ بارلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.