چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئارىسىدا پېشقەدەم، ئاتاقلىق سەنئەتكار ۋە ناخشىچى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىغا تونۇلغان ئايتۇرغان ھەسەنوۋا 2-مارت كۈنى 87 يېشىدا ھايات يولىنى ئاخىرلاشتۇردى. «سېغىندىڭمۇ؟» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يۈرىكىنى چەككەن، ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ ۋاپاتى چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ماتەمگە چۆمدۈردى.
ھاياتىنىڭ 70 يىلىدىن كۆپرەكىنى سەھنىدە ئۆتكۈزگەن ئايتۇرغان ھەسانوۋا 1933-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 11، 12 ياشلىرىدىن تارتىپلا، خەلق ئارىسىدا ۋە مەشرەپ پائالىيەتلىرىدە ئۆزى ئۆگىنىۋالغان ئىلى ناخشىلىرىنى، مۇقاملارنى ئىشتىياق بىلەن ئېيتىپ كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ، 1950-يىللىرى ئۇيغۇر پېشقەدەم سەنئەتكارلىرى، روزا تەمبۈر، زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامىلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ۋە ئۇلار بىلەن سەھنىلەردە خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداپ تېزدىنلا خەلق سۆيگەن ناخشىچىغا ئايلانغان.
ئايتۇرغان ھەسەنوۋا مەدەنىيەت-سەنئەت سېپىدىكىلەر باستۇرۇش ۋە كۈرەش نىشانىغا ئايلانغان مەزگىللەردە، يەنى 1962-يىلى، باشقا يۈزلىگەن مىڭلىغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.
1970-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئايتۇرغان ھەسەنوۋا تاشكەنتتە تەشكىللەنگەن ئۇيغۇر مۇقام ئانسامبىلىغا تەكلىپ قىلىنىپ، تالانتلىق سازەندە مەتتاھىر ھەسەننىڭ يېتەكلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى تونۇلغان مۇقامچىلاردىن سۇلتان مەمەت، قادىر رازى، ئەركىن يۇنۇسوف قاتارلىق سەنئەتكارلار بىلەن بىرلىكتە ئون ئىككى مۇقامنى ئېيتىش ۋە پلاستىنكىغا ئېلىش ھەم رەتلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان. تاشكەنتتىكى ئۆزبېكىستان رادىئو تېلېۋىزىيە كومىتېتى قارمىقىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكا ئانسامبىلدا غوللۇق ناخشىچى بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەن ئايتۇرغاننىڭ تۇنجى خاس ناخشا پلاستىنكىسى 1976-يىلى رەسمىي تارقىتىلغان بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نامى كەڭ تونۇلۇشقا باشلىغان. ئايتۇرغان ھەسەنوۋانىڭ قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى ئۇنىڭغا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس ئۇنۋانىنى بەرگەنىكەن.
ئايتۇرغان خانىمنىڭ يېقىنقى 10 يىللار ئىچىدە يېشى 80 گە يېقىنلاشقاندا تېتىك سېيماسى، تەسىرچان ئاۋازى بىلەن ئېيتقان «سېغىندىڭمۇ» دېگەن ناخشىلىرى قايتىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى.
ئىلگىرى بىر قانچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئايتۇرغان خانىم ئۆزىنى بۇ سىن خاتىرىلىرىدە مۇنداق تونۇشتۇرىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغان 1990-يىللاردىن كېيىن بولسا، ئايتۇرغان خانىم ئانسامبىلنىڭ تارقىلىشى بىلەن تەڭ كەسپىي ۋە شەخسىي ھاياتىدا زور رىقابەت ھەم مۈشكۈللەرگە دۇچار بولغان. ئايتۇرغان خانىمنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىگىچە ئۇنىڭ بىلەن سىرداش بولۇپ ئۆتكەن، ئۇنىڭ ئائىلىۋى دوستلىرىدىن قىرغىزىستاندىكى ئەختەر ئەخمەتوۋا خانىم مەرھۇمە ئايتۇرغان ھەسەنوۋانى سېغىنىش ئىچىدە ئەسلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرنىڭ ھارماس كۈيچىسى ئايتۇرغان ھەسانوۋا خانىم ئاخىرقى ئۆمرىنى قىرغىزىستاننىڭ قارابالتا شەھىرىدىكى ئوغلىنىڭ ئائىلىسىدە ئۆتكۈزگەن.
ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان كومپوزىتور ئابلەھەت ئىسلاموف ئۆزىنىڭ «سېغىندىڭمۇ؟» دېگەن ئىجادىيىتىنى ئايتۇرغام ھەسانوۋا ئۈچۈن ئىجاد قىلغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇ: «ئايتۇرغان ھەسانوۋا ئۆزىگە، ۋەتىنىگە ھەم سەنئىتىگە سادىق ھەقىقىي سەنئەت پېشۋاسى ئىدى» دەيدۇ.
ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرنىڭ رېژىسسورى، يازغۇچى سۇمبات غېنىياروۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇستاز ئايتۇرغان خانىم بىلەن ئۇزۇن يىللىق سۆھبەتداش بولۇش جەريانىدا ئالغان تەسىراتلىرى ئاساسىدا يازغان «ئارتىس» رومانىنىڭ ئەسلى باش پېرسوناژى دەل ئايتۇرغان خانىم ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئايتۇرغان خانىمنىڭ ئېيتقان ناخشىلىرىدىكى پۇراق ۋە ئۆزگىچە ئۇسلۇب ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان سۇمبات خانىم يەنە: «ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىكى پەرقلىق تەسىرچان كۈچنىڭ ئاساسى سېغىنىش يەنى ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىش، شۇڭا ئۇنى ھېچكىم دورىيالمايدۇ، ئۇ يېگانە ئىدى» دەيدۇ.
0:00 / 0:00