ئالدىنقى ئايلاردا بىز لوپ ناھىيەلىك «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئائىت مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى بەش نەپەر مەھبۇسنىڭ كىملىكى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن ئىدۇق. بۈگۈن مۇھاجىرەتتىكى لوپلۇقلاردىن بىرى رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، مەزكۇر سۈرەتتە ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك سېمونت زاۋۇتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئېزىز ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر سېمونت زاۋۇتىدىكى بىر خادىم مەتتۇرسۇن ئېزىز قاتارلىق بۇ زاۋۇتتىكى بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەتتۇرسۇننىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، لوپلۇق مۇھاجىرنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، مەزكۇر مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدە ئەڭ ئالدىنقى رەتتە ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ بىرىنىڭ لوپ ناھىيەلىك سېمونت زاۋۇتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئېزىز بولۇپ، ئۇ 2017-يىلىنىڭ بېشىدا لاگېرغا ئەكېتىلگەن. ساقچىلار ئۆيىدىن ئېلىپ ماڭغاندا ئۇنىڭ 15 كۈنلۈك سىياسىي ئۆگىنىشكە ماڭغانلىقى ۋە ئۆگىنىش تۈگىگەن ھامان قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان ئىكەن. ئەمما ئۇ تا ھازىرغىچە قويۇۋېتىلمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمىگەن.
لوپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتتىكى خادىملاردىن بەزىلىرى سېمونت زاۋۇتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئېزىزنى تونۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلىرى بۇ ھەقتە ئەدلىيە ئىدارىسى ۋە سېمونت زاۋۇتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردىن ئۇچۇر ئېلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاستا مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ 40 ياشلار چامىسىدىكى بىرى ئىكەنلىكى، 4 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەنلىكى ۋە 2010-يىللاردىن بۇيان سېمونت زاۋۇتىدا ئىشلەپ كېلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
سېمونت زاۋۇتىنىڭ خادىمى دەسلەپتە بۇ ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما سۆزىنىڭ ئاخىرىدا سېمونت زاۋۇتىدىكى بىر قىسىم شوپۇرلارنىڭ نۆۋەتتە «دۆلەت تىلى» ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىش ئارقىلىق مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئىنكاستا يەنە مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ تۈرمىدىكى ئوغلىنى يوقلاشقا بارغان بىر قوشنىسىنى ماشىنىسىغا سالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۈرمىگە بارغانلىقى ئۈچۈنلا «ئىدىيەسىدە مەسىلە بار» دەپ قارىلىپ لاگېرغا ئەكېتىلگەنلىكى يېزىلغان. بىز بۇ ئىنكاستىكى ئۇنىڭ تەۋەلىك مەلۇماتىغا ئاساسەن لوپ ناھىيە بازار ئىچى 1-كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا تېلېفون قىلدۇق. كەنت كادىرلىرىدىن بىرى مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن تۇتۇلغانلىقى ۋە «كەيفاچۈ» يەنى ئېچىۋېتىش رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى دەپ بېرەلمىدى. ئۇ يەنە مەتتۇرسۇن ئېزىزنىڭ ئائىلىدە بەش قېرىنداش ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ بىر ئىنىسىنىڭ نامەلۇم سەۋەبلەر بىلەن بىر يىلچە لاگېردا يېتىپ چىققانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەشھۇر لاگېر سۈرىتىدىكى تۇتقۇنلاردىن يەنە بىرىنىڭ، يەنى كىملىكى ئاشكارىلانغان كىشىلەردىن ئالتىنچىسىنىڭ لوپ ناھىيەلىك سېمونت زاۋۇتىنىڭ شوپۇرى مەتتۇرسۇن ئېزىز ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.