سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان: «خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرى مەن بىلەن دۇبەي ياكى پارىژدا كۆرۈشمەكچى بولغان»

0:00 / 0:00

ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە پۇقراسى ئوسمان تۇرسۇن خوتەن قاماقخانىسىدىكى ئوغلى مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇق ئۈچۈن دۇبەيگە يولغا سېلىنغانلىقىنى پاش قىلغان ئىدى. بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ۋە كەيپىياتىدىكى نورمالسىزلىق سەۋەبىدىن بىر يىلدىن بۇيان ئاخباراتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن مەمەتتۇرسۇن ئوسمان بۇ ھەپتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنىڭ ئۆزىگە تاپشۇرغان دەسلەپكى ۋەزىپىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتتۇرسۇن ئوسمان 2016‏-يىلى 5-ئايدا ئىككى ئاكىسى بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەدىكى دادىسى ئوسمان تۇرسۇن بىلەن ئىستانبۇلدا كۆرۈشكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن مىسىردا بىر مەزگىل ئاشپەزلىك قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئوسمان دادىسىنىڭ توسۇشىغا قارىماي 2016 ‏-يىلىنىڭ ئاخىرى يۇرتى خوتەنگە قايتىپ كەتكەن. ئۇ 2017 ‏-يىلى 3 ‏-ئايدا خوتەندە تۇتقۇن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە گۇمادىكى دۆلەت ئامانلىق ساقچىلىرىنىڭ قاماقخانىسىدا 6 ئاي ياتقان. سوراق جەريانىدا ساقچىلار ئۇنىڭ گېرمانىيەدىكى دادىسى ئوسمان تۇرسۇننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئاكتىپ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى بىلگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇنى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ساقچىلىرىنىڭ قاماقخانىسىغا يۆتكىگەن ۋە 5 ئايدىن كېيىن چەتئەلدە ياشاپ تۇرۇپ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى خادىملىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ بېرىشى ئۈچۈن دۇبەيگە يولغا سالغان. دۇبەيگە چىقىپلا ھەقىقىي ئەھۋالنى دادىسىغا مەلۇم قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئارىدىن بىر يىلچە ئۆتكەندە، يەنى شەخسىي بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بەلگىلىك دەرىجىدە پەسەيگەن ۋە كەيپىياتى بىرئاز تۇراقلاشقاندىن كېيىن بۈگۈن تۇنجى قېتىم ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى رادىئومىزغا ئاشكارىلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قاماقخانىسىدا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ھەققىدە كېيىنكى قېتىملىق پروگراممىلىرىمىزدا داۋاملىق مەلۇمات بېرىمىز.