«مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق فىلىم ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا فىلىم بايرىمىدا تەسىر قوزغىغان

0:00 / 0:00

4-مارتتىن 10-مارتقىچە نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى» غا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۆزلىرى ئىشلىگەن «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمىنى تاماشىبىنلارنىڭ دىققىتىگە سۇنغان.

«ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىم بايرىمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇپ چىققان جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىسخېمىلىرى تەسۋىرلەنگەن ۋە جازا لاگېرلىرىدىكى ھايات كارتىنىلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ فىلىمنى كۆرۈش قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولغان.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى» دا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئىشلىگەن «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمى كۆرسىتىلگەن. 2024-يىلى 4-مارت، ئوسلو
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى» دا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئىشلىگەن «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمى كۆرسىتىلگەن. 2024-يىلى 4-مارت، ئوسلو (RFA/Ekrem)

مەزكۇر فىلىم بايرىمىدا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك «شاۋقۇن-سۈرەن» ۋە «ماسكىنىڭ ئارقىسىدا» ناملىق فىلىملارمۇ كۆرسىتىلگەن. بەختىيار ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، كۆزئەينەك بىلەن كۆرىدىغان بۇ فىلىمدا كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئەينى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىتىدا ھېس قىلىدىغان بولغاچقا، فىلىمنى كۆرۈش جەريانىدا بەزى كىشىلەر يىغلاپ كېتىشكەن. ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا كۆرۈشكە جۈرئەتمۇ قىلالمىغان.

مەزكۇر فىلىمنىڭ چىنلىق تۇيغۇسى يۇقىرى بولغاچقا، ئىلگىرى تۈركىيە، ياپونىيە ۋە تەيۋەنلەردە كۆرسىتىلگەندە بەزى مۇتەخەسسىسلەر ھەتتا «بۇ كۆرۈنۈشلەر نەق مەيداندىن تارتىلغانمۇ؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراشقان. بەختىيار ئەپەندى سۆزىدە، ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە 3D لىق بۇ فىلىملارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە كۆرسىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

2014-يىلى ۋە 2016-يىلى ئىككى قېتىم خىتاي تۈرمىسىگە قامىلىپ سوراق-سوئاللارغا ئۇچرىغان، ھازىر نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن مۇستافا مۇھەممەدئەمىن بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ فىلىمنىڭ ئۆزىگە كونا ئەسلىمىلىرىنى ئەسلەتكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ سۆزىدە، مەزكۇر فىلىمنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان ۋەھشىي زۇلۇملىرىنى ئەينەن ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى كىشىلەر ئەگەر بۇ فىلىمنى كۆرسە، جازا لاگېرلىرىدىكى ئېغىر پاجىئەلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى» دا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئىشلىگەن «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمى كۆرسىتىلگەن. 2024-يىلى 4-مارت، ئوسلو
نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم بايرىمى» دا نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيەسى ئارخىپ ئامبىرى» ئىشلىگەن «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمى كۆرسىتىلگەن. 2024-يىلى 4-مارت، ئوسلو (RFA/Ekrem)

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، «مەۋھۇم رېئاللىقتىكى ئۇيغۇر جازا لاگېرى» ناملىق 3D لىق سىن فىلىمىنىڭ كىشىلەرگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان تەرىپى، بۇنىڭدا جازا لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، سوراق ئۆيى، جازا ئۆيى، كۆزىتىش ئۆيى، تۇتقۇنلارنىڭ ئورگانلىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن ھالدا تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە بۇ فىلىمنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشۇ مۇھىتتا ھېس قىلالايدىغانلىقى بولغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، مەزكۇر فىلىمنى ئىشلەشتىكى ئاساسلىق مەقسەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى بىر سەۋىيەدە خەلقئارالاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىپادە قىلدى.