يېقىندا ياپونىيەدە بىر ئۇيغۇر «قىيادىن سىيرىلىپ» ئۆلۈپ كېتىپتۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە بىر ئۇيغۇرنىڭ رۇسىيەدە «ئۆلۈۋالغانلىقى» خەۋەر قىلىنغان ئىدى. بۇلتۇر ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا 94 پىرسەنت ئۇيغۇردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە پېسىخىك مەسىلە بارلىقى، ئۆلۈۋېلىشنى ئويلاپ باققان ئۇيغۇرلارنىڭ 23 پېرسەنتتىن ئاشىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئىنساننىڭ ئەتراپىدىكى ئىنسانلاردىن، ئىستىقبالدىن كېچىشى، ئۈمىدسىزلىنىپ مەغلۇبىيەتنى تاللىشى، ھاياتقا بولغان ئىشەنچنىڭ، كەلگۈسىگە بولغان ئىنتىلىشنىڭ، ئەتراپىدىكىلەرگە بولغان مۇھەببەتنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىدىن بولۇشى مۇمكىن. بەلكىم، مەۋجۇتلۇقنىڭ قەدرىنى، ھاياتنىڭ قىممىتىنى، تىرىكلىكتىكى نىشاننى يوقىتىپ قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلاردا كۆرۈلگەن مەۋجۇتلۇق تەشۋىشى دەپ ئاتىدىم.
بۈگۈنكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قايناۋاتقان پاراڭلاردىن قارىغاندىمۇ بەزى كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى روھى تۈۋرۈكلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ، مەنۋىي دۇنياسى خاراب بولغان، ئۆزىدىن ۋە ئۆزلۈكىدىن شۈبھىلىنىپ ئىشەنچى خانۇۋەيران بولغان، شۇڭا مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قىلىۋاتقان جاھىللارچە ئۇرۇنۇشلىرىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەۋجۇتلۇق كرىزىسىدىن، تەشۋىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسە قىلىش مۇمكىن.
1. تارىخى شەخسلەرنى ۋە داڭلىقلارنى ئىنكار قىلىش
ھەر قانداق مىللەتنىڭ تارىخى تارىخىي شەخسلەر (سەلبىي ياكى ئىجابىي)، قەھرىمانلار ۋە مەشھۇلار بىلەن يارىتىلىدۇ. تارىخى شەخسلەرنىڭ ھېچ بىرى نۇقساندىن خالى ئىلاھ ئەمەس، ئۇلارنىڭ ياراتقان تۆھپىسى پەقەت شۇ تارىخىي دەۋرگە ئاساسەن باھالىنىدۇ، ئۇلاردىكى يېتەرسىزلىكلەرمۇ شۇ تارىخىي شارائىتقا ئاساسەن كۆرسىتىلىدۇ. بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇق كىرزىسىگە پاتقان، ئۆزىنىڭ بار ياكى يوقلۇقىدىن تەشۋىشكە چۈشۈشنىڭ بىر ئىپادىسى تارىخىي شەخس ۋە داڭلىقلارنى ئىنكار قىلىشتۇر. ئىنكاردىكى مەقسەت ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، يەنى «خالايىق، مەنمۇ بار ئىدىم، مەنمۇ مەۋجۇت، مېنى ئۇنتۇماڭلار» دېگەن ساداسىنى ياڭرىتىش ئۈچۈن ئەتراپىغا ئادەم توپلاش بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، يېقىندىن بۇيان ئەيسا ئالىپتېكىن، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، ئىلھام توختىلار ئىنكار قىلىندى. بىر پروفېسسور سۆھبىتىدە ئابدۇللا ئابدۇرېيىم، مۆمىنجان ئابلىكىم ۋە ئابلەت ئابلىكىمنى «مارالبېشىدىن چىققان ئۈچ مايمۇن» دەپ ئاتىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى «شۆتاڭدا خىتاينىڭ قولىدا، رۇسىيەدە ئورۇسنىڭ قولىدا تەربىيە ئالغاچقا، ئۇيغۇر دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان» دېدى. يەنە بىر مەشھۇر يازغۇچى ئەيسا ئالپتېكىننى «خائىن» دىن خائىنغا سېلىپ سۆزلەپ كەتتى، ھەتتا ئىلھام توختىنى «خىتاينىڭ قانۇنىغا ئىشىنىپ قالغاچقا، تۈرمىگە كىرىپ قالغان» دېگۈچىلەرمۇ سەھنىگە چىقتى.
2. تارىخنى ئىنكار قىلىش
بىر مىللەتنىڭ مىللىي كىملىكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى تارىخ. تارىخ بىر مىللەتنىڭ ئورتاق ئەجدادىدىن كەلگەن، ئورتاق كەچمىش ۋە قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئورتاق قىممەت قاراشلارغا ئىگە، شانلىق غەلىبە ۋە شەرەپلىك ئۇتۇقلارنى قازانغان بىر گەۋدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىدۇ. كىشىلەردە ئورتاق مىللىي تارىخ بولماي تۇرۇپ، مىللىي ئاڭ، مىللىي تۇيغۇ، مىللىي ئۇيۇشقاقلىق بولمايدۇ، مىللىي ئاڭ بولمىغان كىشىلەر بىر مىللەت ئەمەس، پەقەت ئورتاق تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر توپ ئادەم، خالاس. بۈگۈنكى نورۋېكلار، شىۋېتلار، دانىيەلىكلەر ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدۇ، ئۇلارنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغىنى پەرقلىق مىللىي تارىخ. مەۋجۇتلۇق تەشۋىشىگە بوغۇلغانلىقنىڭ يەنە بىر بەلگىسى ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئىنكار قىلىشتۇر. بۈگۈنكى بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەشۋىشتە، شۈبھىدە، كىرزىستە قالغان مەۋجۇتلۇق تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى ئىكار قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارچە «ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق، ئۇنى رۇسلار پەيدا قىلغان، ئۇيغۇر تىلى دەپ تىل يوق، ئۇنىڭ ئىسمى كاشغەر تۈركچەسى، مەھمۇد كاشغەرى ئۆزىنى ئۇيغۇر دېمىگەن». . . پالان پۇستان.
3. خىتاي كومپارتىيەسى بېسىۋالغاندىن كېيىن يارىتىلغا نەتىجىلەرنىڭ ھەممىنى قارىلاش
ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىيات تارىخى 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن كېيىنمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلمىگەن. ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قولىدا بەل قويۇپ خىتايلىقنى تاللىغان ئەمەس. ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى كىملىكىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى، پەلسەپە تارىخىنى، ئىدىيە تارىخىنى يېزىپ چىققان، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنى قۇتقۇزۇپ ئالىي مەكتەپلەرنى ۋە فاكۇلتىتلارنى قۇرۇپ چىققان. ئۇندىن باشقا «ئۇيغۇر بىناكارلىق تارىخى»، «ئۇيغۇر ئەخلاقى»، «ئۇيغۇرلاردا پەرھىزلەر»، «ئۇيغۇر كىيىم كېچەكلىرى»، «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى»، «ئۇيغۇر ئىتنوگرافىيەسى»، «ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنچىلىكى» قاتارلىق يۈزلىگەن كىتابلارنى يېزىپ چىققان.
70 يىللىق زۇلۇم ئاستىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تىرىشچانلىقىدا ھەر ساھەدە نەچچە يۈز دوكتور ۋە پروفېسسور يېتىشىپ چىققان. ئۇيغۇر تىلى خىتايدىكى نەشرىياتچىلىقتا خىتايچىدىن قالسا كىتابلار ئەڭ كۆپ نەشر قىلىنىدىغان، ئىنتېرنېت مۇھىتىدا ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلىرى بولغان تىل بولۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھېچ بىرى پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىلتىپاتىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى بۇ يەردە ئۇيغۇرنىڭ تىرىشچانلىقى ئاساسلىق ئامىل. بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاينىڭ پىلانى بىلەن چىققان، خىتاينىڭ پىكرىنى تەشۋىق قىلغان، خىتايغا يانتاياق بولغان سەرخىللەر تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا چىققان دەپ قاراش پاكىتقا ئۇيغۇن بولمىغاننىڭ ئۈستىگە ئادالەتسىزلىك.
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، 2018-يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم زىيالىيلاردا ۋەتەندە چىققان كىتابلارنى «شىنجاڭچە كىتابلار» دەپ زاڭلىق قىلىدىغان، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارنىڭ پىكىرلىرىنى «شىنجاڭچە تەپەككۇر» دەپ مازاق قىلىپ ئېغىز پۈرۈشتۈرىدىغان سۆھبەتلەر بازار تېپىشقا باشلىدى. يېقىندا مۇھاجىرەتتىكى بىر ئاكادېمىك 1949-يىلدىن كېيىنكى ئۇيغۇرنىڭ تۆھپىسىنى پۈتۈنلەي «شىنجاڭچە» دەپ قارىلاپ مەيدانغا چىقتى. ھەتتا ئۇلار شەرقى تۈركىستاندا ۋە مۇھاجىرەتتە ئومۇملاشقان ئىملا قائىدىسىنىمۇ «شىنجاڭ ئۇيغۇرچىسى» دەپ قارىلاشقا باشلىدى ۋە يېڭى بىر ئىملانى تەشەببۇس قىلىشقا باشلىدى.
مەنچە بۇ يەردە بىر ئىلىم مەسىلىسى ئەمەس، ئىنكارچىلىق بەدىلىگە ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش خاھىشى ھۆكۈمران بولغاچقا، بىر بىرلەپ رەددىيە بېرىپ ئولتۇرۇش بىھاجەت. چۈنكى مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئۇيغۇر تىلنىڭ شەرقىي تۈركىستانچە ۋارىيانتىنى ياراتماقچى بولسا، بۇنى تىلشۇناسلىققا مۇخالىپ بىر ئۇرۇنۇش دېمەكتىن باشقا چارە يوق. مەۋجۇت ئىملانى ئىنكارلاش بەدىلىگە يېپ يېڭى بىر ئۇيغۇرچە ئىملا بەرپا قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئىمكانسىز. بۇ يەردە مەقسەت پەقەت ئۆزىنى ئىلىملىك كۆرسىتىپ، ئۆزى ھېس قىلالمىغان، گۇماندا قالغان مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بىر روھى ھالەت بار، خالاس.
4. مائارىپنى ئىنكار قىلىش
مۇھاجىرەتتە دەۋا ۋەتەندە ۋە غەربتە ئوقۇغانلار، پىداكارلار، ھەر ساھەلەردىكى تىرىشچانلارنىڭ خىزمەتلىرى تۈرتكىسى بىلەن ئالغا سىلجىپ كېتىۋاتىدۇ. قىلىنىۋاتقىنى پۈتۈنلەي قەلەم كۆرۈشى بولغاچقا، بىر قىسىم ئوقۇشتىن مەھرۇم قالغان، ئۆگىنىشنى خالىمايدىغان ئالىي غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك قابىلىيەت ھازىرلىمىغانلارنى نەزەرلەردىن چۈشۈرۈپ قويدى. نەتىجىدە، مۇنتىزىم مەكتەپ تەربىيەسى كۆرمىگەن، ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئادەم ئەمەسلىكىگە ئۆزىنى ئۆزى ئىشەندۈرۈپ بولالماي كۈچىنىپ كېتىدىغان كىشىلەر ۋە يەنە بىر قىسىم ئوقۇمىغانلىقىنى «بۇلغانمىغانلىقىم، ساپلىقىم» دەپ ماختىنىدىغان كىشىلەرنىڭ غۇتۇلداشلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.
ئۇلار گەرچە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسىمۇ، قىلىنغان ئىشلار ھەققىدە ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا باھالارنى سۆزلەپ، قەستەن خاتا چۈشەندۈرۈپ، يېزىلغان دوكلات ۋە ئوتتۇرىغا چىققان ئەمگەكلەرگە توقماقچىلىق قىلىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ۋەتەندە مائارىپ كۆرگەن بىر قاتلامنىڭ بۈگۈنكى دەۋادا كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى رەت قىلىش باھانىسى خىتاينىڭ مائارىپى ئىكەن. ئۇلارچە «خىتاي مەكتەپلىرىدە» ئوقۇغان ئۇيغۇرلار خىتايغا يانتاياق بولۇپ تۈرمىلەردە گۇندىپاي ساقچى بولغانمىش، ئوقۇمىغانلار دىنىي، سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى چىقىپ قامالغانمىش.
مەۋجۇتلۇق تەشىۋشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇقۇمۇشلۇقلاردىلا ئەمەس بارلىق مۇھاجىر ئۇيغۇرلاردا ئورتاق مەۋجۇت. بىر ئۇيغۇر ۋەتەندە ئۆيدىن چىقساق ھېچ بولمىغاندا دوقىدىكى قاسساپ، ياندىكى كاسىپ، يولدىكى دېھقان تونۇشىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇمىغا كۈلۈمسىرەپ جاۋاب بېرىپ ئۆتەتتۇق. مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار ئۆيدە دادا، ئانا بولغان بىلەن ئۆيدىن چىقساق ھېچ كىمنىڭ ھېچ نېمىسى ئەمەس. شۇڭا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن بىكارلا بولساق ۋاتساپقا قارايدۇ، فېيسبۇكنى چارلايدۇ، باشمالتاق ۋە يۈرەكلەرنى سانايدۇ. ئۆزىنى بىر توپ قوللىغۇچى، ئەگەشكۈچى، ياقىلىغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا ئاندىن مەۋجۇتلۇقنىڭ ھۇزۇرنى سۈرۈۋاتقاندەك، كىملەرگىدۇر زەربە بېرىپ خىتايدىن ئالالمىغان ئۆچىنى ئالغاندەك، بىرىنى تىللاپ پۇخادىن چىقىۋاتقاندەك، كىملەرنىدۇر يېڭىۋېلىپ غالىپلىققا يەتكەندەك، كىملەرنىدۇر ئۇجۇقتۇرۇپ ئۇتۇق قازانغاندەك، قايسىدۇر گۇناھنى توسۇپ ساۋابقا ئېرىشكەندەك. . . ئىشقىلىپ ئۆزىنىڭ ئۆتمەس يىڭنە ئەمەس، پاتماس قوزۇق ئەمەس، خېلى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇنىڭ خاتاسى يوق. بۇ مۇھاجىرلارنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق.
ھالبۇكى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىرقىي قىرغىنغا ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت تارىخىنى، تارىخىي شەخسلەرنى، داڭلىقلارنى، مىللەتنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرغان تارىخىي نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلىش مۇۋاپىق ئۇسۇل ئەمەس. شەخسىي مەۋجۇتلۇقنىڭ تەكىتلىنىشى، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈشى، بىر مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇرىدىغان ئامىللارنى ۋە زامانىۋى مائارىپنى قارىلاش، رەت قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ
0:00 / 0:00