تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ 12-يانۋار كۈنى خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بۇ توغرىلىق خەۋەرگە تۈركىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ ئورۇن بەردى. تۈركىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى بولغان ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-يانۋار كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ ئىمكانىيەتلىرى، دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر بولۇپمۇ «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنى ۋە بۇ مەسىلىگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى» نى يازغان. تۈركىيە ئاخباراتلىرىدىكى خەۋەرلەردە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتىدە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى قانداق قىلىپ كۈچەيتىش توغرىسىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقى يېزىلغان.
«يېڭى چاغ گېزىتى» نىڭ 13-يانۋار بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ ھەپتە يەنى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇۋەيت، ئومان، بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ۋە پارىس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ قاتاردا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايغا زىيارەت ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسەت نېمە ؟
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى ۋە ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە ۋە پارس قولتۇقى ئەللىرى دىپلوماتلىرىنىڭ ئوخشاش بىرلا ۋاقىتتا خىتاينى زىيارەت قىلىشىنىڭ خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي خەلق ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىش سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتىمۇ مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «تارىخىي مەسىلىلەرنى سۆزلەشتۇق» دېگىنىنىڭ بۇنىڭدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇنى ھەل قىلىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ۋاڭ يى ئوتتۇرىسىدا دېيىلگەن سۆزلەر ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئوخشىمايۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ بەزى گەپلەرنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ كۈن تەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
يېقىنقى ئايلاردا تۈركىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا، ئىسلام دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندىمۇ؟ ئىستانبۇلدىكى ئىبنى خالدۇن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ دوكتورانتى مەۋلان تەڭرىقۇت ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2017-يىلىدىن بۈگۈنىگە تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۈچ قېتىم، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 2 قېتىم، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييپ ئەردوغان 3 قېتىم، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى 5 قېتىم بايانات بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
بىراق، تۇركىيە ھۆكۇمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ رەسمىي شەكىلدە ئەيىبلىمىگەنىدى.