ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتقان كارخانىچى مەخمۇتجان مەمەتجان ئەلقۇتنىڭ ھېلىھەم «تەربىيەلەش» تە ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرى ئۆتكەن ئايدا رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، قەشقەر يېڭىشەھەردىكى قابىل كارخانىچىلاردىن مەخمۇتجان مەمەتجاننىڭ 2016-يىلى ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ قايتاندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقى ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يولۇقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ئالاقىدار ئورگانلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا، مەخمۇتجان ئەلقۇتنىڭ 2017‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە تا ھازىرغىچە «تەربىيەلەش ئورنى» دا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، قابىل كارخىچى مەخمۇتجان مەمەتجان كارخانىچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر سودا زىيارەت ئۆمىكى تەركىبىدە 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8‏-كۈنىدىن22-كۈنىگىچە ئامېرىكادا زىيارەتتە بولغان. ئۇ زىيارەتتىكى مەزگىلىدە، ئۆزى بىللە ساياھەت قىلىۋاتقان ھامىلدار ئايالى پەرىدە ئىلغار ئامېرىكادا يەڭگىگەن ۋە بۇ 4-قىز پەرزەنتى ئامېرىكا پاسپورتىغا ئېرىشكەن. ئۇلار ئەر-ئايال يۇرتىغا قايتىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن، يەنى2017-يىلى 5-ئايدا مەخمۇتجان مەمەتجان تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تا ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى غايىپ بولغان.

ئىنكاستا يەنە بايان قىلىنىشىچە، مەخمۇتجاننىڭ قەشقەر يېڭىشەھەردە ئەلقۇت گۈللۈكى ناملىق بىر بىناسى بار بولۇپ، بىنانىڭ ئاستى قەۋىتى بازار، ئۈستى ئاھالىلەر ئولتۇراق ئۆيى ئورنىدا قوللىنىلىدىكەن. بىز ئەلقۇت بىناسى ۋە مەخمۇتجان ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال قەشقەر يېڭىشەھەر باج ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. باج ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى يېڭىشەھەردە مەزكۇر نامدا بىر بىنانىڭ بارلىقىنى بايان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بىنانىڭ ساھىبى مەخمۇتجان مەمەتجان ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىنكاس قىلىنىشىچە، بۇ يىل 35 ياشلار چامىسىدىكى قابىل كارخانىچى مەخمۇتجان يەنە ئۈرۈمچى داۋەن ئاھالىلەر رايونىدا «ئىزتاپ» ناملىق يېشىل يىمەكلىكلەر سېتىلىدىغان تاللا بازىرى ئاچقان؛ ئۈرۈمچىنىڭ يەنئەن يولىدىكى «دەۋر مەيدانى» دېگەن يېرىدە ئۆي بېزەكچىلىك شىركىتى قۇرغان. ئىنكاستا مەخمۇتجان ئەلقۇتنىڭ ئايالى پەرىدە ئىلغارنىڭ نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تۇرمۇشتا قىينىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. بۇ ئۇچۇردىن مەخمۇتجان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تاللا بازىرى بىلەن بېزەكچىلىك شىركىتىنىڭمۇ تاقالغانلىق ئېھتىماللىقى ئىشارەتلەنمەكتە.

مەزكۇر باج ئىدارىسىنىڭ خادىمى مەخمۇتجاننىڭ ئۈرۈمچىدىكى سودىسىنىڭ مېڭىۋاتقان ياكى توختىغانلىقىدىن خەۋەرسىزلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، مەخمۇتجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققدىمۇ مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ مەخمۇتجاننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىمۇ ئىنكار قىلمىدى، يەنى ئۇ بۇ تېمىلاردا مەلۇمات بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىنكاستا مەخمۇتجان ئەلقۇتنىڭ قەشقەر يېڭىشەھەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بىرقانچە يىل ئىلگىرىكى ئامېرىكا زىيارىتى ھەققىدە سوراق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىز قەشقەر يېڭىشەر ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلىپ، مەخمۇتجاننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات سورىدۇق. مەخمۇتجاننىڭ دېلوسىنى يۈ تيەنتيەن ئىسىملىك بىر خىتاي ساقچىنىڭ ئىشلىگەنلىكىنى تىلغا ئالغان بۇ خادىم، مەخمۇتجاننىڭ تۇتۇلغىلى 4 يىل بولغانلىقىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋبىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى تىلغا ئالدى. بۇ خادىم يەنە مەخمۇتجاننىڭ ئامېرىكادا تۇغۇلغان بالىسى ۋە ئايالىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن خەۋرسىزلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، مەخمۇتجاننىڭ تۇتۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر يەنىلا «تەربىيەلەش ئورنى» دا ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

يۇقۇرىدا قەشقەر يېڭشەھەرلىك قابىل كارخانىچى مەخمۇتجان مەمەتجاننىڭ 4 يىلدىن بۇيان يەنىلا «تەربىيەلەش ئورنى» دا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.