داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايماننىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ئۇيغۇرلارنى قايغۇغا سالدى

0:00 / 0:00

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان فەيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە، ئەل سۆيگەن ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەھمۇت سۇلايماننىڭ 22-نويابىر ئۈرۈمچىدە 52 يېشىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى، مەرھۇمنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتىغا بولغان قايغۇ-ئىپادىلەنگەن تەزىيەنامىلەر، مەرھۇمنىڭ خاتىرە سۈرەتلىرى ۋە ھايات چېغىدا ئېيتقان ناخشىلىرى كەڭ تارقالدى.

مەھمۇت سۇلايمانغا: «ئۇ كۆپلىگەن ياش ناخشىچى ۋە مۇزىكانتلارنى تەربىيەلىگەن ھەمدە ئۇلارغا كەسىپ ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن ئۈلگە بولغان سەنئەتكار ئىدى» دېگەن باھالار بېرىلدى.

مەرھۇم مەھمۇت سۇلايمان 1968-يىل قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1981-يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىدە ئوقۇغان، 1985-يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر سەنئەت ئۆمەكتە ئۇسسۇلچى بولۇپ ئىشلىگەچ مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1990-يىلى «رىۋايەت» مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان ۋە «رىۋايەت»، «سالام دوستلار»، «يۇلتۇزۇم» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى چىقىرىپ داڭ قازانغان. 2000-يىللاردىن كېيىنكى ناخشىلىرىدىن «مەيلىمۇ»، «مەجنۇنتال»، «گۈلى رەنا»، «ئەركەك»، «كەلمەمسەن باھار»، «بۇ چۈش ئەمەس»، «ئۈچ كېچە» قاتارلىق ناخشىلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئەڭ سۆيۈپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارغا ئايلانغانىدى.

مەخمۇت سۇلايمان بىرقانچە يىل بۇرۇن، ئۈرۈمچىدە مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، ئۆز ئىجادىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، 90-يىللاردا چىقارغان ئۈن لېنتىلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ شۇ چاغدىلا 500 مىڭدىن ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

2019-يىلى ياۋروپادا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىشى بىلەن قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ياۋروپا ئانسانبىلى» نىڭ قۇرغۇچىسى مۇختەر جانباز ئەپەندى ۋە مەزكۇر ئۆمەكتىكى ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندىلەر ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېغىدا مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندى بىلەن كەسىپداش ۋە شاگىرتلىق مۇناسىۋەتلىرىدە بولغان سەنئەتكارلاردۇر.

ئۇلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا يوللىغان ئىنكاسلىرىدا مەرھۇمنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان قايغۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرلىكتە، مەخمۇت سۇلايماننىڭ كەسپىي تالانتى ۋە كىشىلىك ئەخلاقىغا بولغان يۈكسەك باھالىرىنى يازغان. بۈگۈن بۇ ئىككىيلەن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، ئۇ مەرھۇم مەخمۇت سۇلايمان 1997-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان ۋە كەسپىي جەھەتتە ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىق ئۇستازلاردىن بىرلىكتە تەلىم ئالغان شۇنىڭدەك يېقىن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە بولغان.

مۇختەر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەخمۇت سۇلايماننىڭ ناخشا-مۇزىكا ئىجادىيىتىدىكى كەسپىي تالانتى، ئۆز ناخشىلىرىغا بولغان مەسئۇلىيىتى ئۇنى ئۇيغۇر خەلقى سۆيىدىغان ناخشىچىغا ئايلاندۇرغان بولسا، ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقى، كەمتەر، تىرىشچان روھى ئۇنى كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ھۆرمەت ۋە قايىللىققا ئېرىشتۈرگەن.

مەخمۇت سۇلايمان 2005-يىل شاڭخەي مۇزىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ شاڭخەيدە ئۆتكەن بىرقانچە يىللىق ئوقۇش ھاياتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بىر تۈركۈم داڭلىق ناخشىلىرىنىڭ دۇنياغا كەلگەن مەزگىلى بولغان. بۇ مەزگىلدە يەنى 2006-يىلى ئۇنىڭ «سېغىنمىدىڭمۇ؟» دېگەن م ت ۋ پلاستىنكىسى نەشر قىلىنغان.

ئەينى يىللىرى مەخمۇت سۇلايمان بىلەن ئوخشاش مەزگىلدە شاڭخەيدە ئوقۇغان ئەزھەر ئەنۋەر ئەپەندى ئۆزىنىڭ، مەخمۇت سۇلايماندىن مۇزىكا ساھەسىدە تەلىم ئالغان شاگىرتلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇستازى» دەپ بىلگەن مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە ئۆز تەسىراتلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى.

مەخمۇت سۇلايمان ئۆزىنىڭ تالانتى ۋە يېتىلگەن سەنئەتكار بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2012-2013-يىللىرى «يىپەك يولى ساداسى» پروگراممىسىدا يېتەكچى ئۇستاز، باھالىغۇچى، 2020-يىلى 10-ئايدا يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «مەن ناخشىچى» پروگراممىسىدا ئۆزىنىڭ ياڭراق ئاۋازى، تەسىرلىك ناخشىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئەمما ئۇنىڭ ناخشا ئېيتىش ماھارىتى ۋايىغا يەتكەن، مۇزىكا ئىجادىي ماھارىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئىجادىي مېۋىلەرنى ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىدىغان مەزگىلىدە تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋە ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە بولغان ھەر خىل گۇمانىي قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈردى.

تۈركىيەدىكى «ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى» مەسۇللىرىدىن ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى مەرھۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپاتى ھەققىدە ئۆز پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە مەخمۇت سۇلايماننىڭ تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك كېسىلى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى تىلغا ئېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېغىر زۇلۇم ۋە بېسىم مەخمۇت سۇلايماندەك ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرىغا ئەڭ ئېغىر روھى زەربىلەرنى ئېلىپ كەلمەكتىكەن.

ئابلىمىت قاراخان ئەپەندى سۆزىدە، مەخمۇت سۇلايماننىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان تەقىب ۋە قورقۇنچلۇق سىياسىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئېغىرلىقىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزىتىشقا ئائىت سۈرەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا قاتناشقانلار تولىمۇ ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ جىنازىسىغا داستىخاندەك بىر نەرسە يېپىپ قويۇلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ مەنزىرىلەردىن جامائەتنىڭ كەڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن سۆيۈشكە ئېرىشكەن مەزكۇر سەنئەتكارنىڭ مېيىتىنى ئۆز قائىدىسى بويىچە ئۇزىتىپ، ئۆز لايىقىدا، كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن دەپنە قىلالمىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىكەن. بۇ ھەقتە توردا پىكىر بايان قىلغانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى، خەلق ئۆزى ياخشى كۆرگەن بۇ سەنئەتكارنى داغدۇغا بىلەن ئۇزىتىپ قويالمىغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنىڭغا ئاشكارا دۇئا-تىلەكلىرىنىمۇ بىلدۈرەلمىگەن.

مەخمۇت سۇلايمان ئەپەندىنىڭ ئەڭ يېقىنقى مەزگىلدە ئېيتقان ناخشىلىرىدىن «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ناخشىسىدىمۇ ئېغىر روھى بېسىم ئىچىدىكى ھايات تېما قىلىنغانىدى.