ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكېل ماككول: خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ

مۇخبىرىمىز مەمەتجان جۈمە
2021-02-14
Share
ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكېل ماككول: خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى مايكېل ماككول
Social Media

ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبىرى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ نوپۇزلۇق ۋەكىللىرىدىن بىرى مايكېل ماككول «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى 11-فېۋرال ئېلان قىلغان «‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دېگەن سۆزنى شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكلەرگە ئىشلىتىش ناتوغرا» دېگەن ماقالىگە رەددىيە بېرىپ بىر بايانات ئېلان قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى «ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» دىكى ماددىلار ئارقىلىق شەرھلىدى.

«ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئېلان قىلغان بىر پارچە ماقالىسىدە، «خىتاينىڭ 1 مىليون ئۇيغۇرنى ‹كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى تۈرمە لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى، بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلغانلىقى، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنمىغانلىقى، شۇڭا ئۇ يەردە يۈز بېرىۋاتقانلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتاشقا بولمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھالبۇكى، ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى مايكېل ماككول بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتىنىڭ يېڭىلىشقانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە «خىتاي كومپارتىيەسى روشەن ھالدا خۇددى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى› دە شەرھلەنگەندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارغا قارشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ،» دېدى.

ئۇ يەنە «ئىقتىسادشۇناس» نىڭ مەزكۇر ماقالىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەتلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بۇ ناتوغرا ماۋزۇسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باھانە قىلىپ ئىشلىتىدۇ. ئىشەنچلىك خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى شىنجاڭدا يۈز بەرگەن دەھشەتلەرنى ئاشكارىلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. بىرىنىڭ ئاشۇ دەھشەتلەرگە چاپان يېپىشقا ئۇرۇنۇشىنى كۆرۈش ئادەمنى بەكمۇ بىئارام قىلىدۇ.»

ئۇ، «ب د ت ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھدىنامىسى» دىكى ماددىلارنى بىرمۇ-بىر مىسال كەلتۈرۈپ: «ئەھدىنامە تۆۋەندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ‹ھەر قانداق بىرى› ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، دېيىلدى. ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولۇش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈز بېرىشى شەرت ئەمەس. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ماس كېلىدۇ.» دېدى.

ئۇ باياناتىدا خىتاي ئىمزا قويغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلارغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىنىۋاتقان قىلمىشلارنى شەرھلەپ ئۆتتى.

باياناتتىكى مۇنازىرىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى» دە: «مىللىي، ئېتنىك، ئىرقىي ياكى دىنىي توپلۇقنى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن يوقىتىش نىيىتى بىلەن قىلىنغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ ھەرقانداق بىرى…» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرىدىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

باياناتتا بۇلارغا مىسال سۈپىتىدە مۇنداق دېيىلدى:

  • «رەئىس شى جىنپىڭ خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) پارتىيە رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ‹ئۇلارغا ئوخشاش قاتتىق مۇئامىلە قىلىش ۋە قەتئىي رەھىم قىلماسلىق» نى بۇيرۇدى.

  • «خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) نىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە خەلقىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى ئىرادىسىگە قارشى ھالدا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە سىڭدۈرۈش مۇددىئاسى ئېنىق. خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) ئەمەلدارلىرى ئۇيغۇرلارنى ‹يامان سۈپەتلىك ئۆسمە› دەپ تەسۋىرلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ‹يۇقۇملۇق ۋابا› بىلەن سېلىشتۇردى. ھەمدە ‹ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ئوت-چۆپلەرنى بىر-بىرلەپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىيالمايسىز. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خىمىيەلىك دورا پۈركۈش كېرەك،› دېدى»

باياناتتا خىتاي ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلارنىڭ ھەربىر ماددىسىغا سېلىنىپ تۆۋەندىكىدەك مۇنازىرە قىلىندى:

  • توپلۇق ئەزالىرىنى ئۆلتۈرۈش؛
    • خەۋەرلەردىكى مەھبۇسلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا، يېڭى تۇغۇلغان ئۇيغۇر بوۋاقلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
    • ئۇندىن باشقا، تۇتۇلغانلارنىڭ ئېيتىشىچە، غايىب بولغان ئۇيغۇرلار قايتا كۆرۈنمىگەن، ياكى ئۆلتۈرۈلگەن.
  • توپلۇق ئەزالىرىغا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش؛
    • سابىق مەھبۇسلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، جازا لاگېرلىرىدىكى مۇئامىلە ۋە شارائىتلار «زاۋۇت ئەمگىكى، قىستاڭچىلىق، مەينەت، يېمەكلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇش، ئۇرۇش ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىك» قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
    • خ ك پ (خىتاي كومپارتىيەسى) 100 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قەبرىستانلىقى ۋە مىڭلىغان دىنىي جايلارنى ۋەيران قىلدى.

  • جىسمانىي جەھەتتىن پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ۋەيران قىلىش ئۈچۈن توپلۇقنىڭ تۇرمۇش شارائىتىغا قەستەن زىيان سېلىش؛

  • توپلۇق ئىچىدە تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان تەدبىرلەرنى قوللىنىش؛
    • ئۇيغۇر ئاياللىرى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىۋاتىدۇ ۋە باللىرى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىلىدۇ.
    • ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىق رايونلاردا تۇغۇلۇش نىسبىتى 2015-يىلدىن 2018-يىلغىچە 60 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
    • تۇغۇلۇش نىسبىتى 2019-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 4. 2 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولسا، شىنجاڭدا 24 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن.
  • توپلۇققا تەۋە بالىلارنى باشقا گۇرۇپپىغا مەجبۇرىي يۆتكەش؛
    • ئۇيغۇر بالىلىرى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي يۇلۇپ ئېلىنىپ، دارىلئېتاملارغا يۆتكىلىدۇ.

باياناتتا يەنە، «ئىقتىسادشۇناس» گېزىتى ئوتتۇرىغا قويغان پاكىتلارغا رەددىيە سۈپىتىدە: «رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ كېچىكىپ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىر پاكىت سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ‹ئىقتىسادشۇناس› نىڭ سەمىگە شۇنى سېلىشىمىز كېرەككى، پرېزىدېنت كلىنتون ئۆزىنىڭ رىۋاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا ھەرىكەت قىلمىغانلىقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇشايمانلىرىنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتكەنىدى.»

بايانات ئاخىرىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ پەقەت بىر پارتىيەنىڭ مەسىلىسى ئەمەسلىكى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە نۆۋەتتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تونىي بىللىنكېننىڭمۇ ئوخشاشلا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىغانلىقى تەكىتلەندى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت