ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مېككاۋل 30-ئىيۇل تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا قىلغان سۆزىدە تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىنى «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى.
ئۇ سۆزىدە تەيۋەننىڭ ھەر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي تەھدىتى ۋە تېررىتورىيەلىك تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن دۇنياغا ھۆرلۈكنىڭ چوقۇم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ يارقىن ئۈلگىسىنى ياراتتى. مانا بۇ ئۈلگىنى تەيۋەن ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشكە تەتبىقلىيالايدۇ.»
ئۇ يەنە تەيۋەن ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى كىشىلىك ھوقۇققا قارىتىلغان دەپسەندىچىلىكنىڭ ئەڭ ئېغىر تۈرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ خىتاي كومپارتىيەسى بەرپا قىلماقچى بولۇۋاتقان دۇنيانىڭ قانداق دۇنيا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ.»
مايكېل مېككاۋل سۆزىدە يەنە، ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابسىز داۋاملىشىشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەيۋەننى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ئەللەرنىڭ سېپىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇۋاتقان تەيۋەننىڭ بۇ كۈرەشتە ئوينايدىغان رولى ئالاھىدە. تەيۋەن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەڭ زور تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقان بىر دېموكراتىك دۆلەت سۈپىتىدە سۆز قىلالايدۇ. تەيۋەننىڭ ئاۋازى بىۋاسىتە زۇلۇمنىڭ قارا كۆلەڭگىسىنىڭ ئاستىدىن كېلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ تېخىمۇ ۋەزنى بار. ھۆر تەيۋەنلىكلەرنىڭ سايلانغان ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن بۇنىڭدىكى مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىسىلەر. شۇڭا سىلەرنى بۇنىڭغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىش ۋە ھەرىكەت قوللىنىشتا بىزگە قوشۇلۇشقا دەۋەت قىلىمەن.»
ئۇ سۆزىدە يەنە «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» غا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى»، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى، خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالانغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى مەن تونۇشتۇرغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان جىنايەتلەرنى ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق› دەپ رەسمىي ھالدا بېكىتتى. مەن ھازىر بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ پۈتۈن دۆلەت مەجلىسىدە پات ئارىدا ئاۋازغا قويۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىۋاتىمەن.»
ئۇ نۇتقىنىڭ داۋامىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملارنى بارغانچە تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى، كانادا، گوللاندىيە، ئەنگلىيە، لىتۋا ۋە چېخىيە قاتارلىق ئەللەر پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە تەيۋەننىمۇ بۇ سەپكە قېتىلىشقا چاقىرىدى.
ئۇ مۇندا دېدى: «ئەركىن دۇنيا بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. مەن سىلەرنىمۇ بىزگە قوشۇلۇشقا چاقىرىمەن.»
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان مايكېل مېككاۋل ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 14-ئاپرېل خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەيىبلەش تېمىسىدىكى بىر قارار لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان ئىدى.