خىتاي باچېلېتنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرمىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داۋاسىنى قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.05.25
خىتاي باچېلېتنىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا تۈرمىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ داۋاسىنى قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق قەلبىنۇر غېنى خانىمنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا چىقارغان تۈرمىدىكى ھەدىسى رەناگۈل غېنىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان سۈرىتى. 2022-يىلى يانۋار.
Qelbinur Ghénining Twitter hésabatidin élin’ghan

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 23-مايدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان. ئۇيغۇر ئېلى ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بېكىتى ئىكەن. باچىلېتنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىكى ئىككى كۈنلۈك زىيارىتى دۇنيانىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ بۇ زىيارەتتىن ئۆزىگە پايدىلىق بىر نەتىجە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاستىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي باچېلېتنىڭ زىيارىتى باشلىنىشتىن بۇرۇنلا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قالقان قىلىپ، ئۇلارغا لاگېر ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ دەۋاسىنى قىلماسلىق توغرىسىدا بېسىم ئىشلىتىشنى باشلىۋەتكەن. ئامېرىكادىكى قەلبىنۇر غېنى ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى. مەلۇم بولۇشىچە، باچېلېتنىڭ خىتاي زىيارىتى باشلىنىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن، خىتاينىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكىلەر ئۇنىڭ چەرچەن ناھىيەسىدىكى ئانىسىنى ئىزدەپ بېرىپ، ئۇنىڭغا قىزىنى گەپ قىلماسلىققا قايىل قىلىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەن. ئەگەر ئۇ قىزىنى قايىل قىلمىسا، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.
نۇرغۇن خىتاي قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا يۆتكەش ئۈچۈن پويىز ئىستانسىسىدا تىزىپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇلغان، كۆزى تېڭىق، كىشەنلەنگەن ئۇيغۇرلار.
news.sky.com

قەلبىنۇر غەنى 24‏-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئانىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كورلادىكى خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ قەلبىنۇر بىلەن تۇنجى قېتىم ئالاقە قىلىشى ياكى ئۇنىڭغا ئائىلىسى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بېسىم قىلىشى ئەمەس. دائىرىلەر ئۆتكەن يىلىمۇ ئۇنىڭغا ئۈندىدار ئارقىلىق رەسمىي تەھدىت سېلىپ سۆز قالدۇرغان. قەلبىنۇر غېنىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭغا ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىغا تۋىتتېردا قىلغان بىر چاقىرىقى سەۋەب بولغان. ئۇ 12‏-ماي كۈنى تۋىتتېردا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا بارغاندا، سانجىدىكى 2‏-ئاياللار تۈرمىسىگە قاماقلىق ھەدىسى رەناگۈل غېنى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ شۇ ئۇچۇرنى يوللاپ ئەتىسىلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ چەرچەندىكى ئانىسىنى ئىزدەپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى. دائىرىلەر ئۇنىڭ ئانىسىغا «ئامېرىكادىكى قىزىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى گەپ قىلىۋاتىدۇ. ئەگەر سەن بۇ قىزىڭغا سۆز قىلىپ، تۋىتتېردىكى ھەممە نەرسىنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە قايىل قلمىساڭ، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› جىنايىتى ئۆتكۈزدى، دەپ سوتلىنىسەن» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى سۆزلىشىپ باقمىغان ئىنىسىمۇ سۆز قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى ئۇچۇرلىرىنى ئۆچۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماشىنىسىنى ئاقتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماشىنىسىنى ئاقتۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 14-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP

چەرچەن ناھىيەسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان رەناگۈل غېنى 2018‏-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 17 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئۇنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن 7 يىل، دىنىي كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈن 10 يىل كېسىلگەنلىكى مەلۇم. قەلبىنۇر غېنىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇنىڭغا بايىنغولىن ئوبلاستلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىكىلەرمۇ سۆز قالدۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانىسىنى يوقلاپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان. قەلبىنۇر غېنى بۇ ئىشلارنىڭ بىر كۈن ئالدى-كەينىدە يەز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى قالقان قىلىپ بېسىم ئىشلىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە بۇرۇن لاگېرغا قاماپ قويۇپ بېرىلگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قايتا تۇتقۇن قىلىش ئارقىلىقمۇ بېسىم قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارلانماقتا. خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» قارمىقىدىكى «بىڭتۇەن پېداگوگىكا مەكتىپى» نىڭ تارىخ پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى ئەسمەت بەختى ئەنە شۇ كىشىلەرنىڭ بىرى. 48 ياشلىق ئەسمەت بەختى 2019‏-يىلى لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، توققۇز ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن گۈلرۇي ئەسقەر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەسمەت بەختى 2019‏-يىلى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆتكەن يىلى قايتا تۇتقۇن قىلىنغان. گۈلرۇي خانىم 24‏-ماي زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، گەرچە بەزىلەر قويۇپ بېرىلىپتۇ، دېيىلسىمۇ، بىراق ھېچكىم «بىخەتەر ئەمەس» ئىكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ پەقەت ئىككى كۈنى ئۇيغۇر ئېلىغا ئاجرىتىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق سالمىقىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ زىيارىتىنى باشلاشتىن خېلى بۇرۇنلا ئۇيغۇر ئېلىدا «دۆلەت مەخپىيەتلىكى» نى قوغداش نامىدا تەشۋىقات پائالىيىتى قوزغاپ، پۇقرالارغا ئاتالمىش «دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان نەرسىلەر» نى ئېلىپ يۈرمەسلىك، مۇزاكىرە قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ باچېلېتنى كۈتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم ئىشلىتىشى ئوخشاش مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ خىتاي تەتقىقاتچىسى ئالكان ئاكاد بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دىدى: «ئۇنىڭ ھەركىتى بىر-بىرىگە ئانچە زىت ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنى كۈتىۋېلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇنىڭ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىشى بىر مەقسەتكە خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار بۇ مەسىلىدىكى دۇنياۋى چاقىرىقلارنى كونترول قىلماقچى، (ئۇيغۇر) رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ياپماقچى بولىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بۇ زىيارەتنى تەشكىللەپ، خەلقئارالىق تەنقىتلەرگە تاقابىل تۇرماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈپ، بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلدۇرماقچى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسى مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا سادىر قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاقلاش ياكى يوشۇرۇشتۇر.»

لېكىن ئالكان ئاكادنىڭ ئېيتىشىچە، باچېلېتنىڭ رايوندىكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» نى، تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋېتىنى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇندىكى ئائىلە ئەزالىرىنى سۈرۈشتۈرىدىغان بىر قانال قۇرۇشىنى ئۈمىد قىلسىمۇ، لېكىن بۇ زىيارەتتىن بۇنداق بىر نەتىجە چىقىشىنى شەخسەن كۈتمەيدىكەن. ئالكان ئاكاد مۇنداق دىدى: «بىز ئۇنىڭ ئالدى بىلەن ھەممىدىن بۇرۇن رايوندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىيانكەشلىك، تۇتقۇن، تەن جازاسى قاتارلىق ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى، ئۇنىڭدىن قالسا رايوندىكى تۇتقۇنلارنىڭ، ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلارنىڭ ئەھۋالى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى كۈتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشى ئارقىلىق ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەھۋالى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئىگىلىشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر قانال قۇرۇشقا مۇۋاپپەق بولۇشىنى كۈتسەكمۇ، لېكىن مەن شەخسەن ئۇنىڭ بۇنداق بىر قىسقا زىيارەتتە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى كۈتۈش بەك رېئاللىققا ئۇيغۇن، دەپ قارىمايمەن.»

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ 23‏-ماي باشلانغان خىتاي زىيارىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلىرىغا ئائىت زور ھەجىملىك بىر يېڭى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارلىنىپ، دۇنيادا يەنە بىر قېتىم قاتتىق زىلزىلە قوزغىغان پەيتكە توغرا كەلگەن. بۇ ھۆججەتنى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «كومۇنىزىم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» رەتلەپ چىقىپ، «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ناملىق توردا ئېلان قىلغان. بۇ ھۆججەتلەر قەشقەرنىڭ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى تۇتقۇنلارغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدا لاگېردىكى ۋەھشىيلىكلەرنىڭ تاشقىي دۇنيادىكىلەر تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە ئون ھەسسە ئېغىر ئىكەنلىكى ناھايىتى تەپسىلىي ۋە جانلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.