ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكىن 28-ماي كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ يازما باياناتىدا مىشېل باچلېتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زىيارەتكە چەكلىمە قويۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى ئەيىبلىگەن.
باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە دېگەن ۋە مۇشۇنداق پوزىتسىيەدە بولغان دۆلەتلەرنى قوللىغان ئىدۇق. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتكە چەكلىمە قويۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان شىنجاڭدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تولۇق ۋە مۇستەقىل كۆزىتىلىشى ھەم باھالىنىشىغا يول قويمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق. بىز يەنە يوقاپ كەتكەن نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان، بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ قامىلىش سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بىر شارائىتتا، شىنجاڭدىكى پۇقرالارنىڭ رايوندىكى ئەھۋاللار ئۈستىدىن شىكايەت قىلماسلىق ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەشمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق قايغۇردۇق.»
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونىي بىلىنكىن باياناتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ رايوندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا لاگېرغا قامالمىغان، ئەمما چەت ئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلمايۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. باياناتتا يەنە مىشېل باچېلېت خانىمنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان ئەمگەك كۈچلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئانتونىي بىلىنكىن باياناتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق قايغۇرماقتا. چۈنكى يېڭىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان ھۆججەتلەر، شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلار ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىمۇ بۇ ئورۇنلاردا قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، دۆلەتنىڭ پىلانلىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى زىلزىلىگە سالىدىغان رەھىمسىز مۇئامىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىشماقتا.»
ئۇ باياناتىدا خىتايغا چاقىرىق قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ۋەھشىيلىكىنى دەرھال توختىتىشىنى، ناھەق قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشىنى، غايىب بولغانلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئاشكارىلىشىنى ۋە مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ شىنجاڭ، تىبەت ۋە خىتاينىڭ ھەر قايسىي جايلىرىغا توسالغۇسىز كىرىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت 24- ۋە 25-ماي كۈنلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئىككى كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئەمەلىي بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى مەلۇم. ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق نەتىجىسىز زىيارىتى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. بولۇپمۇ مىشېل باچېلىتنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى مەزگىلىدە دۇنياغا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى ياكى خىتايدىن بۇ «ھۆججەتلەر» ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلماسلىقى كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلمەكتە.