كۆزەتكۈچىلەر: مىشەل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتى ب د ت نىڭ ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.01
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق مەسئۇلى مىشېل باچېلېت (سول) 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ، خىتاينىڭ پورت شەھىرى گۇاڭجۇدا خىتاي باش رەيىئىسى شى جىنپىڭ (ئوڭ) بىلەن مەۋھۇم ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
AFP/OHCHR

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بارماسلىق ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك باستۇرۇپ قويۇلغان دوكلاتنى ئېلان قىلىۋېتىش ھەققىدىكى شۇنچە كۈچلۈك چاقىرىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغانىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېـتى بۇ زىيارەت ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مىشەل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنى مۇنداق دەپ خۇلاسىلىگەن: « مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئاز سانلىق مىللەتلىرى ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭدا، باچېلېت خانىم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى يوقىتىش تەدبىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىشىغا بولغان سوئال ۋە ئەندىشىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ھۆكۈمەتنى بارلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىش سىياسەتلىرىگە قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ماسلاشقان بولۇشىغا، ئۇنىڭ ئۆز مەيلىچە ۋە كەمسىتىش تۈسىنى ئالمىغان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئۈندىدى».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېلېت 28- ماي كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدىمۇ يۇقىرىدىكىدەك ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇم سىياسەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەسۋىرلەۋاتقاندەك «تېررورلۇققا زەربە بېرىش»، «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» تىرىشچانلىقى دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇ ھەم يەنە ئاز دېگەندە 2 مىليون ئادەم قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى «كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش ئورۇنلىرى» دەپ ئاتىغان.

مىشەل باچېلېتنىڭ يۇقىرىقىدەك بايانلىرى بۇ زىيارەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كەلدى. ئالدى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن يازما بايانات ئېلان قىلىپ مىشەل باچېلېتنىڭ زىيارىتىنى ئەيىبلىدى. ئانتونىي بىلىنكېن مۇنداق دېگەن:
«بىز خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىگە بىۋاسىتە دېگەن ۋە مۇشۇنداق پوزىتسىيەدە بولغان دۆلەتلەرنى قوللىغانىدۇق. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارەتكە چەكلىمە قويۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان شىنجاڭدا، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ تولۇق ۋە مۇستەقىل كۆزىتىلىشى ھەم باھالىنىشىغا يول قويمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن باياناتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ رايوندىكى زىيارىتى مەزگىلىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت كىشىلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا لاگېرغا قامالمىغان، ئەمما چەتئەلگە چىقىشىغا يول قويۇلمايۋاتقان ئائىلە ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى، خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەمگەك كۈچلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشمىگەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان.

ئانتونىي بىلىنكېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن قاتتىق قايغۇرماقتا. چۈنكى يېڭىدىن ئاشكارا بولۇۋاتقان ھۆججەتلەر، شىنجاڭدا تۇتقۇن قىلىنغان بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلار ۋە لاگېردىكىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بۇ ئورۇنلاردا قىيناش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، دۆلەتنىڭ پىلانلىشىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، جىنسىي زوراۋانلىق ۋە بالىلارنى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىش قاتارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىنى زىلزىلىگە سالىدىغان رەھىمسىز مۇئامىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايان قىلىشماقتا».

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن كېيىن 31- ماي كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مىشەل باچېلېتنىڭ زىيارىتىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نەبىلە ماسسالى سۆزىدە «مىشېل باچېلېتنىڭ ئالدىنقى ھەپتە شىنجاڭنى زىيارەت قىلغاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان گۇرۇپپىلار، شەخسلەر بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكى ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا كىرەلمىگەنلىكى ئەپسۇسلىنارلىق» دېگەن.

نەبىلە ماسسالى يەنە «مۇستەقىل نازارەت قىلىش، پاكىتلارنى تېپىپ چىقىش ۋە تەكشۈرۈش» نىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنى توغرا باھالاشتىكى بىردىنبىر «ئىشەنچلىك» ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
«بۇ زىيارەتنىڭ تەكشۈرۈش زىيارىتى ئەمەسلىكىدەك ئالاھىدىلىكىنى دىققەتكە ئالغان ئاساستا، بىز ئالىي كومىسسارنىڭ مۇستەقىل پۇقرالار جەمئىيىتى، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا كىرىش ھوقۇقىنىڭ چەكلەنگەنلىكىدىن، شىنجاڭدىكى قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ تولۇق كۆلىمىنى باھالىيالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندۇق».

مىشەل باچېلېتنىڭ نەتىجىسىز زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلدى. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى باشلىقى روشەن ئابباس خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە: «بىز بۇ زىيارەتنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى باشتىلا ئاگاھلاندۇرغان. بىراق مىشەل باچېلېت بۇنىڭغا قارىماي ئۇ يەرگە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلاندى. ئۇ خىتاي نېمە دېگەن بولسا شۇنى تەكرارلاپ قايتىپ كەلدى. بۇ دېگەن ب د ت ئۈچۈن ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقى ئۈچۈن بىر ھاقارەت ۋە كەچۈرگۈسىز جىنايەت» دېدى.

دەرۋەقە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىشەل باچېلېتنىڭ زىيارىتىنى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» ۋە « رادىكاللىقنى يوقىتىش» تىرىشچانلىقى سۈپىتىدە دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان.

«China Daily» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى مىشەل باچېلېتنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن جەينەك سوقۇشتۇرۇپ يانمۇ – يان چۈشكەن رەسىمىنى كۆپلەپ تارقاتقان ھەمدە «مىشەل باچېلېتنىڭ زىيارىتى ئۇنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي شىنجاڭنى كۆرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى» دەپ يازغان.

«ئاكسىيوس» خەۋەرلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ ھىندىستاننىڭ كالكۇتتا شەھىرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى بۇ زىيارەت ھەققىدىكى تىۋىتتېر سۆزىىدە :« باچېلېتنىڭ زىيارىتى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەندىزىسى ئۈستىدىكى گۇمانلارنى تارقىتىپلا قالماي، بەلكى ئۇنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىدى» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى »گېزىتىنىڭ تونۇلغان ئىستون يازغۇچىسى جوش روگىن (Josh Rogin) 29- ماي كۈنى ئېلان قىلغان كۆز قاراش ماقالىسىدە دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مىشەل باچېلېتنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. ئۇ «مىشەل باچېلېتنىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي قىلغان بۇ زىيارىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا بېسىم سىياسەتلىرىنى ئىنكار قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشكە زىيان سالدى» دەپ تەنقىد قىلغان.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى « ب د ت قانداق بولۇپ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قالدى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە قىلغان. جوش روگىننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بايان قىلىشىچە، ئەسلى مىشەل خانىم ئاممىغا ئوچۇق ۋە يېپىق شەكىلدە كۆپ قېتىم خىتاينىڭ تەشۋىقات قورالىغا ئايلىنىپ قالماسلىققا چاقىرىلغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيلد خانىم بۇ ھەقتىكى ئەندىشىسىنى ب د ت باش سېكرېتارى ئانتونىيو گۇتېرسقا بىۋاسىتە يەتكۈزگەنىكەن.

بۇندىن باشقا يەنە، ئانتونىي بىلىنكېن، توماس-گىرىنفىلىد ۋە ئامېرىكىنىڭ باشقا بىر قانچە ئەمەلدارلىرى باچېلېتنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر بىلەنمۇ بۇ ھەقتىكى پىكىرلىرىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭدىن زىيارىتى جەريانىدا چوقۇم ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر ۋە تۈرمىلەرنى زىيارەت قىلىش تەلىپىدە چىڭ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغانىكەن. ئاقىۋەتتە بولسا مىشېل باچېلېت شۇنچە ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي يەنىلا خىتاينىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىسىگە ئايلانغان.

روشەن ئابباس خانىم بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە باچېلېتنىڭ زىيارىتى پەقەتلا «نەتىجىسىز» ئاياغلاشقان زىيارەت بولماستىن، «بەلكى ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىگە قىلىنغان ئاسىيلىق»، دەپ باھالىدى ۋە ئۇنى ئىستېپاغا چاقىردى. روشەن خانىم سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بۇ زىيارەت ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىگە پۈتۈنلەي زىت. باچېلېت سەھنىگە چىققاندىن بېرى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈش ۋە جاۋابكارلىققا تارتىشتا ھېچقانداق ئەمەلىي ئىش قىلمىدى. بۇنداق بىر ئايالنىڭ بۇ ئەمەلنى تۇتۇپ ئولتۇرۇشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زىيانلىق. شۇڭا بىز ئۇنى ئىستېپاغا چاقىرىمىز».

مىشەل باچېلېتنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى، كانادا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، پولشا، چېخىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر پارلامېنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان زۇلۇمنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشى، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» دىكى مۇستەقىل سوتچىلار، مۇتەخەسسىسلەر، يۈزلىگەن شاھىتلار، ئاشكارىلىنىۋاتقان ھۆججەتلەر ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئېلان قىلىۋاتقان دوكلاتلاردا بۇ زۇلۇمنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى تەكرار – تەكرار دېىيىلىشىگە قارىماي، خىتايدىكى زىيارىتىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى لاگېرلار مەسىلىسىنى تىلغا ئالالماسلىقى ب د ت ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ رولىغا زور سوئال پەيدا قىلدى. بۇ ھەم خىتاينىڭ خەلقئارالىق قۇرۇلۇشلارغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكىتىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دەپ قارالماقتا.

جوش روگىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى» دىكى ماقالىسىدە نەقىل كۆرسىتىشىچە، باچېلېتنىڭ سەپىرى ئۆزىنىڭ ئىناۋىتى ۋە ب د ت سىستېمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي ئىناۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇ ب د ت دىكى يەنە بىر سىستېمىنىڭ خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىكەن. جوش روگىن ماقالىسىنى: «بېيجىڭدىكى رەھبەرلەر ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت ئالدىدا زور بەدەل تۆلەشتىن قورقماي تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ۋەھشىيلىكلەرنى قىلىشتا تېخىمۇ جاسارەتلىنىدۇ. دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن قىرغىنچىلىقنى توختىتالمىغانلىقى ھەققىدە تارىخ كىتابلىرى يېزىلغاندا، باچېلېتنىڭ ساياھىتى نومۇسسىز قىسمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئاخىرلاشتۇرغان.

ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىمۇ باچېلېتىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان. «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بۇ زىيارەتنى «زور خاتالىق» دەپ باھالىغان. تەھرىرات ھەيئىتى مۇنداق دەپ يازغان: « باچېلېت خانىمنىڭ بۇ زىيارىتى ئۇنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر زىيان سالدى. ئۇنىڭ ھازىر قىلالايدىغان ئەڭ ياخشى ئىشى ئۇزۇندىن بېرى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈلگەن، ھەمدە نەچچە ئاي ئاۋۋال تاماملىنىپ بولغان دوكلاتنى دەرھال ئېلان قىلىشتۇر. ئۇنى كېچىكتۈرىدىغان ھېچقانداق سەۋەب ۋە باھانە يوق».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.