«بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتىنى غەرب دۇنياسى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ خۇلاسە چىقارغان ھەمدە بۇنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىۋاتقاندىمۇ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللىشى كۆپلىگەن سوئاللارنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان ھالدا ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جان تومۇرىنى كونترول قىلىۋېلىشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلار ئاممىسى ۋە ئىسلام ھاكىمىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان پىكىر ئىختىلاپلىرىمۇ كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئەنە شۇ خىلدىكى ئىسلام ھاكىمىيەتلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى ھىمايە قىلىشى ھەمدە بۇنىڭدىكى كۆپلىگەن خەتەرلىك ئامىللار يېقىندا نەشردىن چىققان «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشى ھەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ناملىق ئەسەردە ئەتراپلىق يورۇتۇلىدۇ. ئەسەر ئاپتورى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرى ۋە شەخسىي كەچۈرمىشلىرى زىچ بىرلەشكەن بۇ ئەسەردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن كۆپلىگەن مەسىلىلەر 19-ئاپرېل كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» بىلەن «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر يىغىننىڭ رىياسەتچىسى جۇلىي مىلساپ ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تەشكىللىنىشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن سۆز نۆۋىتىنى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ رەئىسى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى سابىق باش ئەلچىسى ئاندرېۋ برېمبېرگكە بەردى.

برېمبېرگ ئەپەندى سۆزىدە ئىخچام قىلىپ ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كىچىكلىكتىن زورىيىش ۋە ئاددىي بولغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىدىن دۇنياۋى مەسىلىگە ئايلىنىش ئەھۋالىنى ئەسلەپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان دىپلوماتىيە خادىملىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن زور دەرىجىدە كۆپەيگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنى داۋام قىلدۇرۇشقا بەكمۇ پايدىلىق بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ شۇ قاتاردا «بىز داۋاملىق بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشقا تىرىشىمىز. شۇنىڭدەك ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئېلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قارارلارنى ئېلىشىغا تۈرتكە بولىمىز» دەپ كۆرسەتتى. برېمبېرگ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلەردە ھېس قىلغانلىرى شۇ بولغانكى، ھەممىلا دۆلەتلەر خىتاي ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەسكەن، خىتاينىڭ گەپلىرىگىمۇ ئ‍ۇنچىلىك ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەيدىكەن. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نامىدىكى «قەرز دىپلوماتىيەسى» نىڭ قىلتاقلىرىغا دەسسەشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلارنىڭ سانى تەدرىجىي ئاشماقتا ئىكەن. .

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئەزىز مېھمانلارنىڭ يەنە بىرى «ئامېرىكا-ئىسلام مۇناسىۋەتلىرى كېڭىشى» (CAIR) نىڭ رەئىسى نىھاد ئاۋاد ئىدى. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئىزچىل ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆز قىلىپ كېلىۋاتقان نىھاد ئەپەندى بۇ قېتىممۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر پاجىئە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، يەنە كېلىپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى پىكىرلەرنى جىمىقتۇرۇشتا ئۇتۇق قازىنىۋاتقان ئەھۋالدا مۇسۇلمانلار دۇنياسى دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ بېشىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قويۇش، ئامېرىكىدىكى ۋە باشقا جايلاردىكى مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىش نامايىشىنى كۆپلەپ ئ‍ۇيۇشتۇرۇش، شۇنىڭدەك قولىدىن كېلىشىچە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا «مەن مۇشۇ خىلدىكى ئاۋازسىز خەلقلەرنىڭ ئاۋازى بولۇشنى خالايمەن. شۇڭا مەن ھەرقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى ھەم ئۇلارنىڭ ھىمايىچىسى بولىمەن» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسامۇ ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىرداش دوستى ۋە سەپدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن يىغىندا ئايرىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئوتتۇز يىلچە ئىلگىرىكى ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ھەمدە ئابدۇلھېكىم بىلەن بىللە ياۋروپادا ئۇيغۇر داۋاسىنى كېڭەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ نەچچە ئون يىللاپ ئىزچىل ئىجرا قىلىپ كەلگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىكەن. خىتاينىڭ بۇ تەدبىرى ماھىيەتتە شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئىزچىل داۋام قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر زۇلۇمنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان. ئۇ ئالاھىدە قىلىپ «دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كۆپلەپ مەۋجۇت. ئەمما ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقىنى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس. بۇ مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق. ئۇيغۇرنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھېچقانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگىنى يوق» دەپ كۆرسەتتى. ئۇ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا ئەڭ ۋەھشىي ۋە ئەڭ زالىم دەپ قارالغان ھۆكۈمەتلەرنىڭمۇ ھېچقاچان پۇقرالارنىڭ نېمە يېيىشى، قانداق كىيىنىشى، قانداق سالاملىشىشى دېگەندەك ھاياتلىق پائالىيەتلىرىگە چەك قويمىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆلۈك-تىرىكىنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە يەنجىلىۋاتقاندا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئەمىلى ھەرىكەت قوللىنىشى لازىملىقىنى شەرھلەپ ئۆتتى.

«قىزىل قىيامەت» نىڭ ئاپتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىسمۇ ئۆز نۆۋىتىدە يىغىن ئەھلىگە مەزكۇر ئەسەرنى يېزىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. . بولۇپمۇ بۇنىڭدا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بايان قىلىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئىنسانىيەت دۇنياسىغا غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ماھىيىتىنى شەرھلەپ بېرىش، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىنسانىيەت دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىشنى كۆزلىگەنلىكىنى، مەزكۇر كىتابنى ئوقۇغانلار شۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ماھىيىتىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئابدۇلھەكىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «قىزىل قىيامەت» تۈسىنى ئالغان قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە بىز كۆرۈۋاتقان مەسچىتلەرنى چېقىۋېتىش، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ۋە بايلىرىنى يوقىتىش دېگەنلەر كۆپ قېتىملاپ ئوتتۇرىغا چىققان ھادىسىلەر ئىكەن. ئەمما خىتاي 1980-يىللاردىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى بازىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي قۇۋۋەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىش ھەمدە ئاخىرىدا يوقىتىشتەك بۇ ھەرىكىتىنى نۆۋەتتە تاشقى دۇنياغا كېڭەيتمەكتىكەن. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا «قەرز دىپلوماتىيەسى» ئارقىلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى ئۆزىگە بېقىندى قىلىۋېلىشى «بۆرىنىڭ قوي پادىسىغا دوستلۇق قولىنى ئۇزىتىشى» شەكلىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بويۇنتۇرۇقلىرىغا ئىلىنىپ قالغان مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىسلام دىنىنى «روھىي كېسەللىك» دەپ جاكارلىغان، قۇرئاننى دۆۋە-دۆۋە ھالدا كۆيدۈرگەن خىتاي ھاكىمىيىتىگە كەلگەندە زۇۋان سۈرەلمەس بولۇپ قالغان. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش ھەرىكىتى پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى. ئۇ ھازىر ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىپ ئاخىرىدا ئۇلارنىمۇ يوقاتماقچى» دەپ كۆرسەتتى ھەمدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورنىدىن دەست تۇرۇشىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

يىغىن ئاخىرىدا خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» نىڭ دىپلوماتىيەدىكى قوللىنىلىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىسلام دۇنياسىدا قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاتقىلى بولىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەر بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى. يىغىنغا تور ئارقىلىق قاتناشقان كىشىلەرنىڭ كۆپلۈكىمۇ بۇ مەسىلىلەرنىڭ كىشىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە ئىدى.