17-مايدىن باشلاپ «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى تۈركىيەدە قايتىدىن داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان قۇربانلارنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى 2020-يىلى 18-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «ئائىلە نۆۋەتتە» پائالىيىتىنى باشلىغانىدى. مەزكۇر پائالىيەت 3-فېۋرال ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا يۆتكەلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن بۇيان پۈتۈن دۇنيادىكى خىتاي دىپلوماتىك ئورگانلىرىنىڭ ئالدىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە.

3-فېۋرالدىن بۇيان «مىللەت نۆۋەتتە» نامى بىلەن داۋاملاشقان مەزكۇر پائالىيەت ئەنقەرەدە ۋە قەيسەرىدە تۈركىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن مەجبۇرى تارقىتىۋېتىلگەن بولۇپ، پائالىيەت پەقەت خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلىشىغارۇخسەت قىلىنغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقان «مىللەت نۆۋەتتە» پائالىيىتى 17-ئاپىرىل كۈنى، يەنى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ 120-كۈنىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رامازان ئېيىدا يولغا قويغان يېڭى كورۇنا ۋىرۇسى تەدبىرلىرى سەۋەبلىك ۋاقتىنچە توختىتىلغانىدى.

تۈركىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ بوشىتىلىشى بىلەن لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى پائالىيىتىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇردى. 2021-يىلى 17-ماي، ئىستانبۇل.

تۈركىيەنىڭ كورونا ۋىرۇسى تەدبىرلىرىنىڭ بوشىتىلىشى بىلەن 17-ماي كۈنىدىن باشلاپ، لاگېر قۇربانلىرىنىڭ تۈركىيەدىكى يېقىنلىرى پائالىيىتىنى قايتىدىن داۋاملاشتۇردى.

لاگېر قۇربانلىرى توپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ قايتىدىن باشلانغانلىقىنى، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن چۈش سائەت 12 گىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى تۈركىيەدە ھەرخىل توسقۇنلۇقلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان لاگېر قۇربانلىرى توپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن جەۋلان شىرمەمەت ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي جەريانى ھەققىدە رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

مەدىنە نازىمى خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە داۋاملىق قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئائىلە ئەزالىرىنى قۇتۇلدۇرمىغۇچە مەزكۇر پائالىيەتنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىليونلىغان يەرلىك مۇسۇلمان خەلقلەر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ پارچىلانغانلىقى ۋە خانىۋەيران بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۈچۈن تەشكىللەپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك پائالىيەتلىرى دۇنيادا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا.