ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئىچىدە قازاقىستاندا ئەڭ كۆپ زىيالىيلار قوشۇنىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەينى ۋاقىتلاردا، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە قازاقىستاندا بارلىق ساھەلەردە دېگۈدەك كادىرلار يېتىشىپ چىققان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى پەقەت قازاقىستاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنياغا مەشھۇر بولغان.
ئەنە شۇ دەۋردە تەربىيەلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ۋەكىللىرى ئاز ئەمەس. شۇلارنىڭ بىرى پولات ھېزىموف يېقىندا «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك سىڭدۈرگەن خىزمەتچىسى» دېگەن ئاتاققا سازاۋەر بولدى. مەزكۇر مۇكاپاتلاش مۇراسىمى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا شەھىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك مىللىي مۇزېيىدا ئۆتتى.

قازاقىستاندا بىر نەچچە يىللاردىن بۇيان بارلىق ساھەلەر بويىچە «قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆھپىكار خىزمەتچىسى» نامىدا مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مۇستەقىللىق يىللىرى، يەنى 30 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان شەخسلەرنى تەرغىب قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ياشلارغا ئۈلگە قىلىشتۇر.
بىز تونۇلغان سەنئەتكار، پولات ھېزىموف ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. ئۇنى مەزكۇر مۇكاپات بىلەن تەبرىكلىگىنىمىزدە، مۇنداق دېدى: «چوڭ ھەسسە قوشتۇم دەپ ئېيتالمايمەن. مىللىتىم ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە خىزمەت قىلىۋاتىمەن. بۇ مېنىڭ ئەڭ چوڭ خىزمىتىم. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي مارشىنى ئىشلەپ چىقتىم. بۇ مېنىڭ مىللىتىم ئۈچۈن قوشقان چوڭ بىر ئۈلۈشۈم دەپ ھېسابلايمەن. ياش ۋاقىتلىرىمدا پۈۋلەيدىغان چالغۇ ئەسۋابلاردىن باشقا ھەممىنى چالالايمەن، دەپ ئويلايتتىم» .
پولات ھېزىموف ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئارمىنى بولسىمۇ، بەزىدە ئۇ ئارماننى كېيىنگە قالدۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىنى تاللايدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قانداقلارچە سەنئەت ساھەسىگە كېلىپ قالغانلىقىنى مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: «مەن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ھېچ قاچان ئارتىس بولىمەن دەپ ئويلىمايتتىم. مېنىڭ ئارمىنىم چىش دوختۇرى بولۇش ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن چىش دوختۇرى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، 11 يىل چىش دوختۇرلۇق ساھەسىدە ئىشلىدىم. ئىشتىن سىرت بەرىبىر مېنى مۇزىكا ئۆزىگە تارتىپ تۇردى. ھازىرقى «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ئانسامبىلى بىلەن توي-تۆكۈن، ئولتۇرۇش، مەشرەپلەردە بىللە بولۇپ، ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ساھە-مۇزىكىغا كىرىشىپ كەتتىم، دېسەم بولىدۇ.»

پولات ھېزىموف مۇشۇ كۈنگىچە بارلىق دىققىتىنى ئۆز پەرزەنتلىرىنى مىللىي روھتا تەربىيەلەشكە قاراتقان بولسا، ئەمدى كۈچىنى ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك نەۋرىلىرىگە سەرپ قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بولۇپمۇ ياش ئەۋلادلارنىڭ مىللەتنىڭ كېلەچىكى ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكتىن ياش سەنئەتكارلارنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بايان قىلدى: «مەن چىش دوختۇرى بولۇپ ئىشلەۋاتقاندا بىر كۈنى ياش بالىلار «پولات ئاكا، سەن بىزگە ئۆگەتسەڭ، بىزمۇ سەندىن ئۆگەنسەك» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بەش-ئالتە بالىنىڭ بېشىنى قوشۇپ، ئىشتىن سىرت ئۆگىتىشكە باشلىدىم. ئۇلارنىڭ سانى 18 گە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ نامىنى «دىيار» ئانسامبىلى دەپ قويدۇق. بىر ئاز ۋاقىت ئۆتمەستىنلا جۇمھۇرىيەتلىك مۇسابىقىگە بېرىپ، بىرىنچىلىكنى ئالدۇق. كېيىن ئانسامبىلدىكى ئادەم سانى 37 گە باردى. مەن ياركەنتتىن ئالمۇتاغا كۆچكەندە ئۇ ئانسامبىل قېلىپ قالدى. ئۇنىڭدىن باشقا ئالمۇتادا ‹ئاداش›، قىزلارنىڭ ‹لەيلى› گۇرۇپپىسىنى، ‹ئىرادە› ئانسامبىلىنى قۇردۇق.»
بىز قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تونۇلغان رېژىسسور، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئەربابى يالقۇنجان شەمىيېف ئەپەندى بىلەن ئالاقىلەشكىنىمىزدە، ئۇ پولات ھېزىموفنىڭ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىگە سالماقلىق تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقان مەشھۇر سەنئەتكارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، پولات ھېزىموف داڭلىق «ياركەنت بۇلبۇللىرى» ئانسامبىلىدا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى «دىيار» ، «تارىم» ۋە باشقىمۇ ئانسامبىللارنى قۇرۇشتا ھەل قىلغۇچى رول ئوينىغان ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «پولات ھېزىموف ئۇ كومپوزىتور. خېلى ياخشى ناخشىلارنى يېزىپ، خەلققە تونۇلغان بالىلارنىڭ بىرى. كېيىنكى يىللاردا بىزنىڭ كومپوزىتورلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى ئانچە كۆرۈنگەن ئەمەس. پولاتنىڭ بىر ياخشى يېرى، ئۆزى كەسپىي كومپوزىتور بولمىسىمۇ، بىراق خەلق ئىچىدىن چىققان خەلق ئىجادكارى، خەلق كومپوزىتورى. پولاتنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيەت مەركەزلىرى بولسۇن، شۇلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆپ ھەسسە قوشقان. پولاتنىڭ ئادەمگەرچىلىكىمۇ كۈچلۈك. نومۇسى ۋە ۋىجدانى بار. خەلقىمگە ياردەم قىلاي دەپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلدى.»
يالقۇنجان شەمىيېف پولات ھېزىموفنىڭ داڭلىق ناخشىچى ۋە كومپوزىتور مەرھۇم مۇرات ناسىروفنىڭ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان كۆپلىگەن فېستىۋاللارنى ئۆتكۈزۈشكە كۆپ كۈچ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ پولات ھېزىموفنى بۇ مۇكاپاتى بىلەن قىزغىن تەبرىكلەپ، سەمىمىي تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.
قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەسى ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى تەركىبىدىكى «ناۋا» ئانسامبىلىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى نىياز تۇرسۇنوف ئەپەندى پولات ھېزىموفنىڭ بولۇپمۇ قازاقىستاندىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي سەنئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ مۇستەھكەملىنىشىدە زور رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلدى.
نىياز تۇرسۇنوف مۇنداق دېدى: «ئۇ تىياتىر بىلەن ناھايىتى يېقىن ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزىنىڭ سەنئەتتىكى يولىنى بىرلىكتە ئېلىپ ماڭدى. بولۇپمۇ ياشلارنى تەربىيەلەشكە كۈچ سەرپ قىلدى. ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ بالىلار ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن تىياتىردا ئۇلارنى ئىشقا ئېلىشقا شارائىت بولماي قالدى. شۇ پەيتتە پولات ھېزىموف «ئىرادە» ئانسامبىلىنى قۇرۇپ، شۇنى باشقۇردى. بۇ يەردە ياركەنتتىكى دىلشاتنىڭ ئەمگىكى چوڭ بولدى. شۇ بالىلارنى قايتىدىن ۋەتەنگە ئېلىپ كىرىپ، ھەممە چىقىمنى ئۆز زىممىسىگە ئالدى. ئەنە شۇنىڭ قېشىدا پولات ھېزىموف بولدى. ئاندىن مۇشۇ كۈنگىچە ‹تارىم› ئانسامبىلىنى باشقۇرۇپ، قازاقىستاندا بولسۇن، چەت ئەللەردە بولسۇن، تونۇيدىغان ئانسامبىل دەرىجىسىگە يەتتى. مۇشۇ يەردىمۇ پولاتنىڭ ئەمگىكى ئىنتايىن چوڭ.»
ئۇ پولات ھېزىمفونىڭ يېتەكچىلىكىدە «تارىم» ئانسامبىلىنىڭ يېقىندا چوڭ كونسېرتىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، تىياتىرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە ئىشەنچ بىلدۈردى. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىدە بىلىم ئېلىپ كەلگەن ياشلارنىڭ ھازىر تىياتىردا ئۈنۈملۈك ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
پولات كامال ئوغلى ھېزىموف 1964-يىلى قازاقىستاننىڭ ياركەنت شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملاپ، ئالمۇتادىكى جۇمھۇرىيەتلىك مېدىتسىنا مەكتىپىنى تاماملىغان؛ ياركەنت شەھىرىدە چىش دوختۇرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئاندىن سەنئەت ساھەسىدە ئىشلەپ، 70 كە يېقىن ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھازىر قازاقىستاندىلا ئەمەس، ئۇنىڭ سىرتىدىمۇ ياخشى تونۇش.