ئەڭ ئاخىرقى مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف قازاقىستاندا 96 يېشىدا ۋاپات بولدى
2024.02.21
1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا قاتناشقان، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات جەڭچىلىرىدىن بىرى بولغان نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئاكا، 96 يېشىدا قازاقىستاندا ۋاپات بولدى.
تارىخ سەھىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق، 1944-يىلى غۇلجادىكى «ئازادلىق تەشكىلاتى» نىلقا پارتىزانلىرى بىلەن بىرلىكتە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ئوق ئاۋازىنى ياڭرىتىپ، ناھايىتى تېز ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە شۇ يىلىنىڭ 12-نويابىر كۈنى غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان، ئاي-يۇلتۇزلۇق يېشىل بايراق مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتنىڭ دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە لەپىلدىگەن ئىدى. ھالبۇكى، 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، كوممۇنىست خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكىي ئىش بىرلىكى نەتىجىسىدە، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلدى. كوممۇنىست خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىغا ئۆتكەن شەرقىي تۈركىستان شۇنىڭدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك بىر مەمۇرىي رايونىغا ئايلاندى. 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇر دىيارىدىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە، جۈملىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىشقا باشلىدى. بۇنىڭغا خىتاينىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىپ، مۇستەملىكە سىياسىتى يۈرگۈزۈشى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرىغا، مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىگە ۋە يەرلىك خەلققە نىسبەتەن كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىشى سەۋەب بولدى. يېقىندا قازاقىستاندا 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئەنە ئاشۇ ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى ئىدى.
مەرھۇمنىڭ جىنازا نامىزىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى قاتناشتى. دەپنە مۇراسىمىدا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى، ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە، يەنى كوممۇنىست خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1940-يىللارنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن يوقاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مەرھۇم نۇرمۇھەممەت سادىقوفنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، مۇنداق دېدى: «1962-يىلى غۇلجادىكى نامايىشنىڭ خىتاي قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇشى ئاقىۋىتىدە تەخمىنەن 150-160 مىڭ يەرلىك خەلق قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقتى. ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 70-80 پىرسەنتنى ئىگىلەيدۇ. شۇ دەۋرلەردە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بىر قىسىم ھەرىكەتلەر باشلانغان ئىدى. مەن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەت باشلىغاندا، نۇرمۇھەممەت ئاكا تەشكىلاتلاردا بار ئىدى. بىز ئۆتكۈزگەن ھەممە يىغىنلاردا بار ئىدى. ئىنتايىن ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ مىللەت ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن كۈرەشكەن كىشى. ئۇ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ قالىدۇ.»
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى رەھىمجان مەڭسۇروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىز ئەركىن ئەخمەتوف باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىللىرى، مەرھۇم ئاكىمىز ھايات ۋاقتىدا ئۆيىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئەھۋالىنى، غېنى (باتۇر) ئاكا ۋە باشقىمۇ ۋەتىنىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغان رەھمەتلىك ئاتىلىرىمىز توغرىلىق سوراپ تۇراتتۇق. ئۇ گەپ-سۆزلىرى چىرايلىق، كۈچ-قۇۋۋىتى يېتەرلىك ئاجايىپ بىر ئىنسان ئىدى. ئۆتكەن يىلى يازدا بىز غېنى ئاكىنىڭ قەبرىسىگە بېرىپ نەزىر ئۆتكۈزۈپ قايتىپ كەلگۈچە، نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئاكىمىزنىڭ ئۆيىگە يەنە كىردۇق. ئاكىمىز ئورۇن تۇتۇپ، يېتىپ قاپتۇ. ئاكىمىز ۋاپات بولغاندا، دولقۇن ئەيسا باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ تەزىيە بىلدۈردى. بىزدە مۇشۇنداق ۋەتەنپەرۋەر ئاكىلىرىمىز ساناقلىق ئىدى. بىز ئىلى ئىنقىلابىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن بولغان ئاخىرقى ئاكىمىزنى مانا ئەمدى ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق.»
تارىخ پەنلىرىنىڭ كاندىدات دوكتورى زۇلفىيە كەرىموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزنىڭ تارىخىدا شانلىق ۋەقەلەر بولۇپ ئۆتكەن. شۇلارنىڭ بىرى 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدۇر. بۇ يىل نويابىردا ئاخىرقى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 80 يىللىق خاتىرىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىغا كىرىدىغان بولساق، بۇ ئۇزاق گەپ. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى پاجىئەلىك ئاياغلاشتى. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كوممۇنىست خىتاينىڭ سىياسىي مەنپەئەت ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندى. ئۆتمۈش تارىخىمىزغا قارىغىنىمىزدا، قانچىلىك ئەربابلىرىمىزنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلغانلىقىنى، قانچىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ سوت-سوراقسىز تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىنى، تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى، تىرىك قالغانلىرىنىڭ جان ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئوچۇق كۆرۈۋالالايمىز. بۈگۈن ئاشۇ تارىخىي شاھىتلىرىمىزدىن كۆپ كىشى قالمىدى. ئۆز ۋاقتىدا زۇنۇن تېيىپوف، زىيا سەمەدى، غېنى باتۇر قاتارلىق مىللىي ئىنقىلاب نامايەندىلىرىمىز ۋەتەندىن مۇشۇ قازاقىستانغا كېلىپ پاناھ تاپتى. مانا يېقىندا شۇنداق شاھىتلىرىمىزنىڭ ئاخىرقىلىرىدىن بىرى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئاكىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر قايغۇردۇق. ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى، مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بارغان شەخسلىرىمىز بىز، بولۇپمۇ ياشلار ئۈچۈن چوڭ ئۈلگە-ئىبرەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقىگە بولغان ساداقىتىنى بىز ھېچ قاچان ئۇنۇتمايمىز. ئەلۋەتتە، ئۇلارنى تارىخمۇ ئۇنتۇمايدۇ!»
1928-يىلى غۇلجا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى نۇرمۇھەممەت سادىقوف ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز ئەسلىمىلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلارغا سۇنغان ئىدى. ئۇ ياش-ئۆسمۈرلۈك يىللىرىدا دەسلەپتە غۇلجا قارادۆڭ مەكتىپىدە، ئاندىن غۇلجا مۇزىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1944-يىلىدىن كېيىن غۇلجادا قوزغالغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا پىدائىي بولۇپ ئاتلىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلەر كوماندىرى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ قول ئاستىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ شۇ يىللاردا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئاقسۇغا چۈشكەن جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ، كوممۇنىست خىتاي ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر قاتار خىزمەتلەردە بولغان. 1958-يىلى كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمى مىسلىسىز كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا ۋىلايىتىنىڭ تۇرگېن يېزىسىدا ياشىغان.