ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

4-ئاينىڭ 6-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74-يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.

ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئارقىدىن تۈركىيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى.

كېيىن يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «دۆلەت ۋە ئارمىيە»، قاھرامانماراشتىكى سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر كەسپى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى بولسا «مىللىي ئارمىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانتى مۇھەممەتئېلى مەمەتئىمىن «مىللىي ئارمىيە بىلەن گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى» ۋە ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋېلى ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەھمۇتجان ياسىن بولسا «مىللىي ئارمىيەدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئۇنۋان ناملىرى ۋە ئوردېنلار» تېمىلىرىدا دوكلات بەردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى «دۆلەت ۋە ئارمىيە» ماۋزۇلۇق دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ كەسپىدە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان مۇھەممەتئېلى مەمەتئىمىن شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ سانى گومىنداڭ ئارمىيەسىنىڭ سانىدىن ئاز بولسىمۇ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۈچلۈك مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى «مىللىي ئارمىيەنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى» تېمىسىدا بەرگەن دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا 1933-يىلى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارمىيەسى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. دوكتور ئالىمجان بوغدا ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيەتى مەزگىلىدە مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە بولمىسىمۇ، ئەمما ئارمىيە بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى مەھمۇتجان ياسىن بولسا «مىللىي ئارمىيەدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئۇنۋان ناملىرى ۋە ئوردېنلار» تېمىسىدا دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلگەن ھەربىي ئۇنۋان ناملىرى ۋە ئوردېنلار توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ 74-يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلغان ئەنۋەر ئەپەندى ۋەتەندىكى ۋاقتىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى توغرىسىدا مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ يىغىندا بۇ ھەقتە كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنى خاتىرىلەش يىغىنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى مەسئۇللىرىنىڭ ئېيتىشىچە بۇندىن كېيىن ھەر يىل ئۆتكۈزۈلىدىكەن.