مەلۇمكى، 1944-1949-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق سەھىپىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇ مىللىي ئىنقىلابتا ھەل قىلغۇچى رول ئوينىغان مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغىنىغا بۈگۈن توپ-توغرا 77 يىل بولدى. تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا، 1945-يىل يانىۋار ئېيىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى مىللىي ئارمىيە قۇرۇش ئىشلىرىغا جىددىي كىرىشكەن بولۇپ، بۇنىڭغا نىلقا پارتىزانلىرى، غۇلجا قوزغىلاڭچىلىرى ۋە پىدائىيلار ئاساس بولغان.
1945-يىلى 8-ئاپرېلدا غۇلجا شەھىرىدە مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلۇپ، بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ۋە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەن. ئارىلىقتا 70 يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەر خىل شەكىلدە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئازادلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن جەڭ مەيدانلىرىدا قۇربان بولغانلارغا، شۇ جەڭلەرگە قاتناشقان مەرھۇملارغا ۋە ھېلىمۇ ھايات ياشاۋاتقان شاھىتلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە ئوفىتسېرلىرى ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بىرى قازاقىستان بولۇپ، ھازىر ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم ھاياتتا ئىكەن.
مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلى قازاقىستاندا بىرەر رەسمىي پائالىيەت ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما سىياسەتشۇناس ۋە تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ بۇ ۋەقەگە بېغىشلانغان «ئاخباراتنامە» ناملىق تور ژۇرنىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇ بۇ تور ژۇرنىلىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ۋە ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرىنى تەپسىلىي يورۇتقان.
بىز ئەينى ۋاقىتتا غۇلجادا كۆتۈرۈلگەن قوراللىق قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، مىللىي ئارمىيە قوماندانىنىڭ ئورۇنباسارى، كېيىنىرەك گېنېرال-مايور ئۇنۋانى بىلەن «شىنجاڭ ھەربىي رايونى» نىڭ مۇئاۋىن شىتاب باشلىقى لاۋازىمىنى ئۆتىگەن زۇنۇن تېيىپوفنىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ياشاۋاتقان قىزى مۇباراخان ئىسرائىلوۋانى زىيارەت قىلدۇق.
مۇباراخان ئىسرائىلوۋا خانىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنى زىيارەت قىلىغانلىقىمىزغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «پۈتكۈل ئۆمرىنى خەلقىگە ئادىل خىزمەت قىلىشقا بېغىشلىغان مىللەتپەرۋەر ۋە جەسۇر ئىنسان، ئاتام زۇنۇن تېيىپوفنى ئەسلىسەك، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىش-پائالىيىتىنى مۇسابايېفلاېر زاۋۇتىدا ئىشچى بولۇپ باشلىغان. دادام شۇ چاغلاردىكى خىتاي گومىنداڭچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئەمەلدار بولغان خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىدىن ئىنقىلابچىلار قاتارىغا قوشۇلغان. ئاددىي ئىشچىدىن مىللىي ئارمىيەنى باشقۇرغان ۋە گېنېرال دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىمۇ ئۇنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئادا قىلىش ئىرادىسىنىڭ ئۈستۈنلىكىدىن بولغان، ئەلۋەتتە. غۇلجا خەلقىنى مىللىي ئىنقىلابقا تەييارلاشتا 1944-يىلى ئاپرېلدا مەخپىي قۇرۇلغان ‹ئازادلىق تەشكىلاتى› چوڭ رول ئوينىغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئېلىخان تۆرەم، ئابدۇكېرىم ئابباسوف، ېرەھىمجان سابىرھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم، زۇنۇن تېيىپ ۋە باشقىمۇ ئىنقىلاپچىلار سايلانغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى گومىنداڭچىلارنىڭ قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى يوقىتىش بولغان. ئەنە شۇنداق شارائىتتا 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى جاكارلىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى سايلىنىدۇ. شۇ 17 ئەزانىڭ بىرى بولۇپ دادام زۇنۇن تېيىپوفمۇ سايلانغان ئىكەن.»

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى ئۇيغۇر دىيارىدا پارتلىغان ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ئاكتىپ ئارىلاشقانلارنىڭ يەنە بىرى ئەنە شۇ ئۇيغۇر دىيارىدا دۇنياغا كەلگەن مەسۈمجان زۇلپىقاروفتۇر.
بىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتتىنىڭ مىللىي ئارمىيە كاپىتانى بولغان، 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ، ھاياتىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزگەن ئاتاقلىق يازغۇچى مەسۈمجان زۇلپىقاروفنىڭ ئوغلى، تونۇلغان رەسسام كۈرەش زۇلپىقاروفنى زىيارەت قىلدۇق.
كۈرەش زۇلپىقاروف مۇنداق دېدى: «بىز بۈگۈن مىللىي ئارمىيەدە خىزمەت قىلغان ۋە دۈشمەن بىلەن بولغان جەڭلەردە قۇربان بولغان ئاتىلىرىمىزنى ئەسلەپ ئولتۇرىمىز. مېنىڭ دادام مەسۈمجان زۇلپىقاروفمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن كۈرىشىگە قاتناشقان ئادەم. ئىلى ئىنقىلابى باشلىنىپ، ئۇرۇش كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا دادام كۆپلىگەن ياشلار قاتارىدا 1945-يىلى قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىلپەڭزە يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ھەربىي كۇرسقا ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ. ئاۋغۇستتا ئۇ ھەربىي كۇرسنى تاماملاپ، مەركىزىي يۆنىلىش فرونتىغا ئەۋەتىلىدۇ. ۋەتىنىمىزنى دۈشمەندىن تولۇق ئازات قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى مىللىي ئارمىيەنى كادرلار بىلەن تەمىنلەشكە چوڭ كۈچ چىقارغان ئىدى. دادام فرونتتىن قايتىپ كېلىپ، 1946-1947-يىللىرى بايانداي ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئاتلىق قىسمىدا ئوقۇغان. 1948-يىلى 8-ئاپرېلدا غۇلجادا مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئۈچ يىل تولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن ھەربىي پاراتقا ھەربىي مەكتەپ كۇرسانتلىرى، شۇلار ئىچىدە چوڭ لېيتېنانت ئۇنۋانىدا داداممۇ قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن زۇنۇن تېيىپوف، ئىسھاقبەك مونۇنوف، مەرغۇپ ئىسقاقوف قاتارلىق گېنېراللار دادامنى چاقىرىۋېلىپ، ھەربىي پاراتقا ياخشى تەييارلىنىشنى تاپشۇرغان. دادام ئاجايىپ چەۋانداز بولغان. پارات ۋاقتىدا ئىككىنچى ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى مەسۈمجان زۇلپىقاروف ئۆزىنىڭ بىر نەچچە سەپدىشى بىلەن ئات ئۈستىدە ھەر خىل مەشىقلەرنى كۆرسىتىپ، كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇرغان. شۇ ۋاقىتتا كوماندانلىق دادامنى چاقىرىۋېلىپ، ئالاھىدە رەھمىتىنى ئېيتقان ئىدى.»
كۈرەش زۇلپىقاروف يەنە دادىسىنىڭ ھەربىي مەكتەپتە ئىنسترۇكتور ۋە شتاب باشلىقى، ئاندىن كاپىتان ئۇنۋانىدا «مۇزارت» داۋانى شاتى چېگرا گارنىزونىنىڭ باشلىقى خىزمىتىنى ئۆتىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، مەسۈمجان زۇلپىقاروف ھەربىي رايوندا ھەربىي تەييارلىق باشقارما باشلىقىنىڭ ئورۇنباسارى، ھەربىي-سىياسىي ئالىي كۇرسىنى تاماملىغاندىن كېيىن بولسا، ئەترەت باشلىقى خىزمەتلىرىنى ئۆتىگەن ئىكەن.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭو ئېتنو-سىياسىي تارىخى» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلاردىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ گېرمان-سوۋېت فرونتىدىكى ۋەزىيەت سوۋېت پايدىسىغا ئۆزگەرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسھاقبەك مونۇنوف باشچىلىقىدا ھەربىي قوشۇن تەشكىللەپ، قىرغىزىستان ئارقىلىق قەشقەرىيەنىڭ تاشقورغان رايونىغا كىرگۈزگەن. سوۋېت تەرەپنىڭ بۇنىڭدىكى مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغان. سوۋېتنىڭ مۇنداق مەخپىي ئوپېراتسىيەلىرى كېيىنكى يىللاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەنە ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەرنىڭ قاتناشقۇچىسى مىرزىگۈل ناسىروفنىڭ ئوغلى مىرشېكەر ناسىروف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دادام ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى، يەنى بىزدە ‹ئۇلۇق ۋەتەن ئۇرۇشى› دەپ ئاتالغان ئۇرۇشتىن بۇرۇن مەكتەپتە مۇئەللىم، ئاندىن ئىلمىي مۇدىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ كىچىك كوماندىرلارنى تەييارلايدىغان كۇرستا تەربىيەلىنىدۇ. ئاندىن ۋزۋود كوماندىرى سۈپىتىدە كۆپلىگەن قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان. 1944-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ئىلى ئىنقىلابى باشلانغاندا سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ، يەنى ستالىننىڭ يوشۇرۇن بۇيرۇقى بىلەن تاشكەنتتە ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇپ، مەخسۇس تەييارلىقتىن ئۆتىدۇ. شۇ يىلنىڭ كۈز ئايلىرىدا ئەنە شۇ تەييارلىقتىن ئۆتكەن ئەسكەرلەر مەخپىي ھالدا چېگرادىن ۋەتەن تەرەپكە ئۆتىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزدە خىتاي گومىنداڭ ئەسكەرلىرىگە قارشى قاتتىق ئۇرۇش بولۇۋاتاتتى. مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان جەنۇبىي فرونتتا، بولۇپمۇ غۇلجا ۋە ئاقسۇ ئۈچۈن بولغان قاتتىق جەڭلەردە دادام باشقۇرغان ئاتلىق ئەسكەرلەر قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرسەتكەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرە كۆپچىلىك ئالدىدا دادامغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىكى مەلۇم. راست، بۇ ئۇرۇشتا كۆپلىگەن سىرلار مۇشۇ كۈنگىچە ئېچىلماي كېلىۋاتىدۇ. داداممۇ كېيىنكى يىللاردا شۇلارغا جاۋاب تاپالماي خېلى قىينالدى. شۇنداقتىمۇ بىز ۋەتەن ئۈچۈن، خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قان تۆككەن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنى، ئانىلىرىمىزنى ھېچ قاچان ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. ئۇلارنىڭ تۆككەن قانلىرى بېكارغا كەتمىدى، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۈگۈنكى ئەۋلادلار مانا شۇلارنىڭ جاسارىتى ئارقىسىدا ياشاۋاتىدۇ.»
ئىگىلىشىمىزچە، مىللىي ئارمىيە سېپىدە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاقلار، تاتارلار، قىرغىزلار، ئۆزبېكلەر، رۇسلار، تۇڭگانلار ۋە باشقىمۇ مىللەت ۋەكىللىرى بولغان. خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1949-يىلى ئۇيغۇر ئېلىگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسىغا ئايلاندۇرۇلۇپ، بارا-بارا يوقىتىلغان. ۋاقىت ئۆتۈشى بىلەن مىللىي ئارمىيەنىڭ كۆپلىگەن جەڭچى ۋە ئوفىتسېرلىرى خىتاي ھاكىميىتى تەرىپىدىن ئۇجۇقتۇرۇلغان ۋە تۈرمىلەرگە تاشلانغان ئىدى.