8-ئاپرېل بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئالامېدىن مەھەللىسىگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 78-يىللىقى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. پائالىيەت قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.
خاتىرىلەش پائالىيىتى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇرمۇھەممەد باياخۇنوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇراسىمغا مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندى، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموف، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ تەركىبىدىكى كومىتېت رەئىسلىرى شۇنداقلا بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەن ئۇيغۇر جامائەت ۋەكىللىرى بولۇپ 200 غا يېقىن كىشى قاتناشتى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى قاتناشقۇچىلارغا سالام يوللاپ، ئاندىن ۋەتەن ئازادلىقى يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلارغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىندى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنتاي سەلىموف نۇتۇق سۆزلەپ مىللىي ئارمىيە قاتناشقۇچى ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىنى تەبرىكلەپ جامائەت نامىدىن سوۋغات تاپشۇردى. مۇراسىم داۋامىدا ئابدۇرەھىم ھاپىزوف مىللىي ئارمىيە ۋە روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى بارىن ئىنقىلابى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بېرىشتى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان نۇرمۇھەممەد باياخۇنوف مىللىي ئارمىيە ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئۆتكەن يۈز يىل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىۋى تارىخى ھەم خۇشاللىق ھەم ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر بىلەن تولغان. ئۇلارنىڭ قاتارىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا بارىن ئىنقىلابى، غۇلجا قىرغىنچىلىقى ۋە باشقا ۋەقەلەر بار. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ۋەقەلەرنى ئىمكان بار قەدەر خاتىرىلەپ كەلمەكتە.
مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان خالىدەم ئىسكاندىروۋا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ خىل مۇراسىملارنىڭ جامائەت ئەھلى، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ روھىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئاممىۋى ۋەقەلەرنى خاتىرىلەپ كېلەچەك ئەۋلادلارغا تارىخىي ھادىسىلەنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى كۈچەيتمەكتە.