قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى بۇ يىللىق مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنىدە پېشقەدەم مىللىي ئارمىيە جەڭچىسىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۇيغۇر خەلقى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىپ، 1933-يىلى قەشقەردە، 1944-يىلى غۇلجادە ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىدى. گەرچە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمىغان بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈگۈنكى زامان مىللىي كۈرەش تارىخىدا ئەڭ يارقىن سەھىپىلەرنى ياراتقان ئىدى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىدە، بولۇپمۇ ئىلى ئىنقىلابىدا مىللىي ئارمىيە مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى غۇلجادا قۇرۇلغان ئىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسىي جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلى 8-ئاپرىل كۈنى تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەپ كەلمەكتە. بۇ يىل 8-ئاپرىلدا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى 94 ياشلىق ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشتى. ئابلىمىت بەكرى 18 يېشىدا مىللىي ئارمىيەگە قاتنىشىپ، ماناس دەرياسىنىڭ بويىغىچە قانلىق جەڭلەرگە قاتناشقان ئىدى.

قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىمۇ «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ باشچىلىقىدا سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى 94 ياشلىق ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىشتى. 2022-يىلى 8-ئاپرېل، قىرغىزىستان.

ئادەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەر يىلى مىللىي ئارمىيە كۈنىگە بېغىشلاپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلارنى كۆتۈرۈپ، دوكلادلار ئاڭلاپ، چوڭ مۇراسىم ئۇيۇشتۇراتتى. بۇ يىللىق مىللىي ئارمىيەنىڭ خاتىرە كۈنى رامازان ئېيىغا توغرا كەلگەچكە، «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى مەركىزىي كېڭىشى مىللىي بۇ كۈندە قىرغىزىستاندىكى سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئەبلىمىت بەكرى ئەپەندىنى زىيارەت قىلىپ يوقلاشنى قارار قىلدى. «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوف، ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇزەپپەرخان قۇربانوف، ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام، «لېبېدىنوۋكا» يېزىسى ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى قەمىنۇر لوبانوۋا ۋە نوۋوپوكروۋكا يېزىسىنىڭ يىگىتبېشى غەيرات جاھانوف ھەمدە «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى زۇمرەت روزىيېۋالار بولۇپ، غازى ئەپەندى ئابلىمىت بەكرىنى زىيارەت قىلدى.

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاقساقاللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇزەپپەرخان قۇربانوف، ئابلىمىت بەكرىنىڭ يېشى چوڭ بولسىمۇ ئەسلىمىلىرى ئېنىق ئىكەنلىگىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىنىڭ مىللىي كۈرەش سەپىدىكى قەھرىمان سەپداشلىرىنى ھەر دائىم ئەسلەپ تۇرىدىغانلىغىنى ئېيتتى.

زىيارەت داۋامىدا ئابلىمىت بەكرى ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەرنى، جۈملىدىن ماناس دەرياسى بويىدا بولغان جەڭلەر توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى، زىيارەتچىلەر ئۆز ئاتىلىرىدىن ئاڭلىغان-بىلگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ ئابلىمىت بەكرىنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىسى ئىسلام قاسىمىنىڭ قىزى تۇرسۇنئاي ئىسلام، ئابلىمىت بەكرى ئەپەندىنى تەۋەرۈك دەپ ئاتىدى.

8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە خاتىرە كۈنىدە يەنە قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد شەھىرىدىمۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر پائالىيەت «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى جالالئاباد شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋنىڭ تەشەببۇسىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەلىشىر ناسىراخۇنوۋ 2017-يىلدىن تارتىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئاممىۋىي ۋەقەلەرنى داۋاملىق خاتىرلەپ كېلىۋاتقانلىغىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىللىي كىملىكىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، يەنى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش، مېڭە يۇيۇش، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىنى يوقىتىش قىلمىشلىرى بۇ قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەم كىملىكىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.