مەلۇمكى، 1944-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى پارتلاپ، دەسلەپتە نىلقا، ئاندىن نويابىر ئېيىنىڭ باشلىرىدا غۇلجا خەلقى قوزغىلىپ، ھەرەمباغ، لەڭشاڭ قاتارلىق جايلاردىن باشقا پۈتۈن شەھەر گومىنداڭ ئەسكەرلىرىدىن ئازاد قىلىنغانىدى. شۇ يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىلى ۋىلايىتى تولۇق ئازاد ئېتىلدى. 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا بولسا، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلدى. ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇرلاردىن تەركىب تاپقان مىللىي ئارمىيە قوشۇنلىرى ئۈچ يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى، شۇنداقلا ئاقسۇ، يەكەن، قەشقەر ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئازاد قىلدى. ئەنە شۇ ۋەقەلەردىن كېيىن 70 نەچچە يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، شۇ يىللاردا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ كېلىۋاتقان شاھىتلار ھېلىغىچە بار. شۇلارنىڭ بىرى 101 ياشلىق مەھەممەت بائۇتوف ھازىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا ۋىلايىتىدىكى ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ چونجا يېزىسىدا ياشايدۇ.
1919-يىلى قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر ناھىيەسىنىڭ غالجات يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن مەھەممەت بائۇتوف 1945-يىلى 8-ئاپرېلدا قۇرۇلغان مىللىي ئارمىيەنىڭ ئوفىتسېرلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە بولغان جەڭلەر ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلدى. ئۇ كۆپ ۋەقەلەرنى ئەستىن چىقىرىپ قويغان بولسىمۇ، ئەمما بېشىدىن ئۆتكەن بەزى ۋەقەلەرنى ھېلىغىچە ئۇنتۇمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت بويىچە، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىمۇ كولخوزلاشتۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ئاچارچىلىقلار يۈز بەرگەنىكەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە باشقىلار بىلەن بىر قاتاردا مەھەممەت بائۇتوفنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ 1931-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۇرتىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانىكەن.
مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ سېپىگە پىدائىي بولۇپ كىرگەن مەھەممەت بائۇتوف تۆت يېرىم يىل داۋامىدا خىزمەت قىلغان. ئۇ ئاقسۇ يۆنىلىشىدە يۈز بەرگەن جەڭلەرگە قاتناشقان ۋە نوغايبايېف باشچىلىقىدىكى ئاتلىق پولك تەركىبىدە ۋىزۋود كوماندىرىنىڭ ئورۇنباسارى، ئاندىن ۋىزۋود كوماندىرى لاۋازىمىنى ئاتقۇرغان.
تارىخچى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1945-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا مىللىي ئارمىيەنىڭ ئايرىم قىسىملىرى جەڭلەر بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە كىرىپ، بىر نەچچە ئاھالە پونكىتلىرىنى، جۈملىدىن ياقئېرىق ۋە جامنى ئازاد قىلغانىكەن.
مەھەممەت بائۇتوف مۇشۇ يۆنىلىشتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىككى تاغنىڭ ئارىسى قورغان مۇرەككەپ يەر ئىكەن. شۇ يەردە بولدۇق. ئۇ يەردە ئۈچ-تۆت كۈن سوقۇشتۇق. ئاقسۇ، ياقئېرىق ئىچىدە، مىڭ بالا ئالدى كۆسەي، ئورغاق، پالتا، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق. نوغايبايېف پولكىدا ساپ قىرغىز بالىلىرى. مەن ۋىزۋود كوماندىرىنىڭ ئورۇنباسارى بولۇپ ئىشلىدىم. بىزدە كۈچ يوق. ئاقسۇنى ئېلىپ، قورغانغا كېلىپ، قورغاننى ئېلىپ، يولنى ئاچمىساق بولمايدىكەن دەپ، ئۈچ كۈن سوقۇشتۇق».
مەھەممەت بائۇتوف ئۈچ كۈنگە سوزۇلغان جەڭلەرنىڭ بىرىنى ئەسلەپ، يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇ تاغدىن بۇ تاققىچە سېپىل سوققان ئىكەن. شۇ يەردە قورغانغا تەگدۇق. كەچ كىرگىچە مۇداپىئەدە ياتتۇق. كەچقۇرۇن كۆز باغلانغاندىن كېيىن يەتتە بالا سېپىلغا تەگدۇق. سېپىلنى ياقلاپ بېرىپ، پوتەيگە گرانات ئاتتۇق. سېپىلنىڭ ئۈستىدە ستانكوۋوي پلىموت بار ئىكەن. گرانات تۆشۈكتىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. بىز يۈگۈرۈپ، پوتەيگە چىقىۋالدۇق ۋە ستانكوۋوينى قولغا چۈشۈردۇق، ئىچىدىكىلەرنى ئەسىرگە ئالدۇق. سۈبھى بىلەن قورغاننى تارتىۋالدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ئاقسۇغا قايتىپ، كونا ئاقسۇنى تارتىۋالدۇق. يېڭى ئاسۇق دېگەن يېرى بار ئىكەن. شۇ يەرگە خىتايلارنى قامىدۇق. ئايروپىلان بىلەن قورال، يەيدىغان بىر نېمىلەرنى تاشلاپ بېرىدۇ، شۇ يەرنى قامال قىلىپ ياتتۇق. شۇنىڭ بىلەن مىرزىگۈل ۋە باشقىلار چىقتى. شۇ يەردىن قايتتۇق. بىز سوپاخۇنغا ياردەمگە بارغان. شۇنىڭ بىلەن كەچ كۈزدە پولكقا قايتتۇق. پولكىمىز يۇلتۇزدا. ئارال تۆپە، بەش تۆپە دەيدىكەن، بىز شۇ ياققا كەتتۇق».
مەھەممەت بائۇتوف ئۆزىنىڭ ئارمىيە سېپىدىن بوشىنىپ چىققاندىن كېيىنكى ھاياتىنى مۇنداق دەپ ئەسلىدى: «مەن ئۆزۈم سوقۇشقا قاتناشقان ئۈچۈن ناھايىتى يۈرەكلىك ئىدىم. ئۇ يەردىمۇ كەنت باشلىقى ئوخشاش خىزمەتلەردە بولدۇم. بۇ ياققا قېچىپ چىققان ۋاقتىمدا جاغىستاينىڭ بېشىدا ئىككى ئات ئالدىم. 1962-يىلى كۆڭۈل تارتقان ئەل-ئاغىنىلەرنى بىر قاتار تەشۋىق قىلىپ، 23 ئات بىلەن مۇشۇ ياققا چىقتىم. يولدا بىر قونۇپ، ئۆتۈپ كەتتىم. قالغانلار مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن ئالمۇتا ۋە باشقا يەرلەرگە كېتىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن ئۇچراشتىم».
مەھەممەت بائۇتوف كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى يۈرگۈزگەن سىياسەتلەردىن ئۆزىنىڭمۇ زەرداب چەككەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يەنە مۇنداق دېدى: «مەن جاغىستايدا قولغا چۈشۈپ قالدىم. كاڭدا پولات تاۋلايمىز دەپ تاش كۆيدۈرۈپ، مىشكاپ بىلەن كۆمۈر توشۇپ، تاش كۆتۈرۈپ، بىر يىل ئىشلىدىم. خىتاي خەلقنى ھەددىدىن تاشقىرى چۆچۈتۈۋەتكەنىدى. ئاتا-ئانام باي ئىدى. غۇلجىدا توققۇز ئاي كادىرلىق ئوقۇشنى ئوقۇدۇم. ئوقۇشنى ئوقۇغاندىن كېيىن بولمايدىكەن دېدىم. شۇ ۋاقىتتا باي دېھقان، پومېشچىك، زومىگەر دەپ ئايرىدى. شۇنىڭ بىلەن مالنى يوقاتمىسام بولمايدىكەن دېدىم. ئىككى-ئۈچ ئايدىن كېيىن قوينى سېتىۋەتتىم. دادام مېنى تىللىدى. كېيىن سىنىپ ئايرىغاندا دادام ئورتا دېھقان، مەن كەمبەغەل دېھقان بولۇپ قالدىم. شۇ ۋاقىتتا دادام «بالام، مېنى پومېشچىك قىلىۋېتەتتىكەن. ئېتىلىپ كېتەتتىمكەندە» دەپ، ماڭا دۇئا قىلغانىدى.
مەھەممەت بائۇتوف قازاقىستاننىڭ غالجات يېزىسىغا قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ، بۇ يەردە يەتتە يىل داۋامىدا چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاندىن چونجا يېزىسىغا كېلىپ ئورۇنلاشقان. بۇ يەردە ئۇ ھەر خىل ئىشلارنى قىلغان ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئىماملىق قىلغان ۋە تا ھازىرغىچە مىللىي تېبابەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتىكەن.