مەلۇم بولۇشىچە 5-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيەدىكى ميۇنخېن شەھىرىدە 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ئۆتتى. بۇ مۇراسىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقئارا جامائەتكە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرسەتتى. 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قانۇن ۋە ئىلىم-پەن مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر ۋە سىياسىيونلار، پائالىيەتچىلەر ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.
20-ئىيۇن كۈنى بىشكەك شەھىرىدە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئىدارىسىدە ئورۇن ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان مەھەللىلەرنىڭ يىگىت باشلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىن قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەكبەرجان باۋۇدۇنوفنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئالدى بىلەن رىياسەتچى، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قىرغىزىستاندىن ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان ئەسقەر قاسىموفقا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ ئۇنى نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى. ئەسقەر قاسىموف 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇھىم رولىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئىگىلىنىشىچە، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قىرغىزىستاندىن 7 ۋەكىل قاتناشماقچى بولغانىدى. لېكىن ۋىزا، ۋاكسىنا ۋە باشقا سەۋەبلەردىن ئۇلار بارالماي قېلىپ، پەقەتلا ئەسقەر قاسىموفلا قاتناشقانىدى.
ئادەتتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى ئۇيغۇر خەلقىگە مۇناسىۋىتى بولغان تۈرلۈك خەلقئارا يىغىنلارنىڭ روھىنى جامائەتكە يەتكۈزۈپ ۋە نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ كەلمەكتە. ئالدىنقى يىللىرى بۇ تىپتىكى پائالىيەتلەر چوڭ زاللاردا ئۇيۇشتۇرۇلۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشقان، لېكىن بۇ قېتىم «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت كومىتېتىنىڭ قارار قىلىشى بىلەن پائالىيەت تار دائىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف ئۆزىنىڭ خەلقئارا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنلىرىغا بىرىنچى قېتىم قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، شۇ يىغىندىن ئالغان تەسىراتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.
2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان سىياسەتشۇناس ئابدۇرەخىم ھاپىزوف، يىغىن داۋامىدا ئۆز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا مەسىلىسىگە ئايلىنىپ، يەرشارىدىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەتلەر تەرىپىدىن دىققەت قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم داۋامىدا يەنە خەلقئارالىق ئىقتىساد، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئۇكرائىنا ۋە باشقا مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەد ئابدۇلباقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە مۇراجىئەت خېتى يېزىپ، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر مۇراسىمغا قاتناشقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكبەروف 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى خەلقئارا جامائەتكە بىر مىللەت قاتارىدا تونۇشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە يىغىننىڭ دوكلاتلىرىنىڭ تولۇقى بىلەن «ئىتتىپاق» گېزىتىدە نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىمكانىيىتىنىڭ يېتىشىچە، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلماقتا، ئۇلار مىللىي-كىملىكى ۋە تارىخىنى، شۇنداقلا تىل ۋە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشماقتا. بۇ سەپتە قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستان، شۇنداقلا رۇسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى بىلەن يېقىندىن ئالاقىلىشىپ كەلمەكتە.